ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013-07-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۇرپان لۈكچۈن ۋەقەسىدە خىتاينىڭ قاتتىق قول باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بايانات ئېلان قىلماقتا. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئەنقەرە.
تۇرپان لۈكچۈن ۋەقەسىدە خىتاينىڭ قاتتىق قول باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا خايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بايانات ئېلان قىلماقتا. 2013-يىلى 29-ئىيۇن، ئەنقەرە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاينىڭ لۈكچۈن ۋەقەسىنى قاتتىق قول باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتى بىلەن 29-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قارا گۈلچەمبىرەك قويۇلۇپ، مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىندى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بالدۇرراق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

كېيىن د ئۇ ق مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى 26-ئىيۇن كۈنى لۈكچۈندە مەيدانغا كەلگەن ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات بەردى:
-خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى خەۋەرلىرىدە 27 كىشىنىڭ ھاياتىدىن جۇدا بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندا ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى كۆپ ساندا ئىنساننى تۇتقۇن قىلغان. بۇ ۋەقەدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىز خىتاينى ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان بېسىم سىياسىتىنى توختىتىشقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىرىمىز.

بۇ پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبە باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، 450 مىڭ ئەزاسى بار تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى جەمئىيىتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان نامايىشتا 25-ئىيۇن كۈنى شىمالىي ئىراقنىڭ تۇزھۇرماتۇدا 5 تۈركمەننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىمۇ ئەيىبلەندى.

تۆۋەندە بۇ نامايىش توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت