«دىكتاتور دۆلەتتە يۈز بەرگەن ھېچقانداق بىر ۋەقە تېررورلۇق كاتىگورىيىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كىيىن ساقچىلارنىڭ بىر مۇخبىرنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنىشى
لۈكچۈن ۋەقەسىدىن كىيىن ساقچىلارنىڭ بىر مۇخبىرنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان كۆرۈنىشى
AFP

لۈكچۈندە ساقچىخانىغا ئوت قويۇپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايدىن ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى ۋە ئۇيغۇر خەلقنى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاياقلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بولسا بۈگۈن بۇنىڭغا جاۋاب خاراكتېرىدا بىر باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنى تېررورغا قارشى كۈرەشتە تەڭسىز مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، پىكىر ئەركىنلىكى، نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمىغان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھېچقانداق بىر دېموكراتىيىلىك دۆلەتنىڭ تېررورلۇق كاتوگورىيىسىگە كىرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى پىچان لۈكچۈندىكى ۋەقە ھەققىدە ئۆزىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ئارقىلىق تارقاتقان خەۋەرلىرىدە بۇ ۋەقەنىڭ چەتئەلگە باغلانغان تېررورچى ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. خىتايدىكى خەۋەرلەردە ھۇجۇمچىلار بىردەك تېررورچى دەپ تىلغا ئېلىندى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئات ئورگانلىرى لۈكچۈن ۋەقەسىنى خەۋەر قىلغاندا ئالدى بىلەن ۋەقە توغرىىسدا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلىگەندىن باشقا مۇستەقىل ئۇچۇرنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇچۇرنىڭ قامال قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئاندىن ئۇلار ۋەقەنى بايان قىلغاندا كۆپرەك ۋەقەنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ نارازىلىقلارنى، مىللىي سۈركىلىشنى ئۇلغايتىۋەتكەنلىكىنى بىردەك تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

بۇ ھەقتە تىۋىتتىر تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ئىنكاسلار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىدە، بىر تىۋىتتىر قوللانغۇچىسى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەقە يۈز بېرىپ بىر قانچە سائەت ئۆتە - ئۆتمەيلا ۋەقەنىڭ تېررور ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى قانداق ئېنىقلاپ بولغاندۇ؟ ئامېرىكا بوستوندىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ جاۋابكارىنى 3 ئايغىچە قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىدۇ. خىتاي ئامېرىكىغا تەجرىبىسىنى ئۆگىتىپ قويسا بوپتىكەن» دەپ قىزىقارلىق بىر ئىنكاس قايتۇرغان.

لۈكچۈندە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋەقەگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتى دېگەندەك تېررور ۋەقەسى دەپ تىلغا ئالمىدى. ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋەقەنىڭ جەريانلىرىنى ئاشكارىلاشقا، قولغا ئېلىنغانلارنى ئوچۇق - ئاشكارا ۋە ئادىللىق بىلەن سوتلاشقا چاقىردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە چەكلىمە سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن تېخى ئامېرىكىنىڭ بۇ باياناتىغا رەسمىي بىر جاۋاب بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان خىتاي كۈندىلىك گېزىتى بىر پارچە باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى. باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:

خەلقئارادا قانداق ھەرىكەتنىڭ تېررورلۇق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلىنغان ئورتاق قارارلار بولسىمۇ، ئەمما بەزى دۆلەتلەر يەنىلا ۋەقەلەرگە پەرقلىق مۇئامىلە قىلماقتا. بۇ خىل پەرقلىق ئاۋازلارنىڭ كۆپىنچىسى غەربتىن، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىن كەلمەكتە. ئوخشاش ۋەقە ئۆز دۆلىتىدە يۈز بەرسە ئۇلارنى تېررورچى دەپ ئاتايدىغان ئامېرىكا خىتايدىكى ۋەقەلەرگە كەلگەندە بۆلگۈنچى ۋە رادىكاللارنى «ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قەھرىمانلار» دەپ ئاتىماقتا.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتى غەرب ئەللىرىنىڭ «مۇستەقىللىق ۋە دىنىي ئەركىنلىك» دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇر تېررور گۇرۇپپىلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە يەنە سۆزىگە «ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى تېررورغا قارشى كۈرەشتە دەل مۇشۇنداق ئىككى خىل ئۆلچەم ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، خەلقئارادا قوزغاتقان تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىدە نەتىجىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، ئافغانىستان ۋە ئىراقتا تېخىمۇ كۆپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ» دەپ داۋام قىلغان.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە باھا بېرىپ، خىتايغا ئوخشاش ئەركىنلىكتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر دۆلەتتە يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن باشقا ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرىنىڭ تۈپتىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 23 - ئاپرىل كۈنى سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىكى باياناتىدىمۇ ۋەقەنى تېررور ۋەقەسى دەپ ئاتىمىغان ۋە خىتاينىڭ ئوچۇق - ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، ئۆز مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن ئىدى. ھەر ئىككىلا ۋەقەدە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئىنكاسى ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بېسىملىرى سەۋەب بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنى تېررور ھەرىكىتى دەپ ئاتىۋالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بۈگۈن ۋېيبو تورىدا پىچان لۈكچۈن بازىرىدا ئولتۇرۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر خىتاي پۇقراسىمۇ ئىنكاس يېزىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەقەنى تېررور ۋەقەسى دېگەنلىكىگە نارازى بولغان. ئۇ لۈكچۈندە ۋەقە پەيدا قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەرگىزمۇ تېررورچى ئەمەسلىكىنى، ئۇ كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ قوشنا ئولتۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يېقىندىن بۇيان ھۆكۈمەت قىلىۋاتقان بېسىملارغا چىدىماي نارازى بولۇپ چىققان ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى مەيلى قانچىلىك ئۇيغۇرلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، غەرب ئەللىرىنىڭ دىكتاتور بىر ئەلدىكى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت نىشان قىلىنغان ھەرىكەتلەرنى ھەرگىزمۇ تېررور بىلەن بىر كاتىگورىگىيىگە قويمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت