دولقۇن ئەيسا ئەپەندى: «مىللىي داۋايىمىزنى خىتايلارغىمۇ توغرا چۈشەندۈرۈش پەۋقۇلئاددە مۇھىم»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا. 2012-يىلى 11-نويابىر، ۋاشىنگتون.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا. 2012-يىلى 11-نويابىر، ۋاشىنگتون.
RFA

پايتەخت ۋاشىنگتونغا قوشنا شەھەردە 17- ئاپرېلدىن باشلاپ داۋام قىلغان، خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «مىللەت، دىن، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك رەھبەرلەرنىڭ 10 نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» 30-ئاپرېل ئاخىرلاشتى.

گېرمانىيەدىن ۋاشىنگتونغا كېلىپ مەزكۇر مۇھاكىمىگە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزدا زىيارەتتە بولدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە ئۇ بۇ قېتىم ۋاشنگىتونغا قاراتقان سەپىرىدە ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىن پائالىيەتلىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەمدە مەزكۇر خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىقتىكى يېڭىلىق ۋە ئىجابىي نەتىجىلەر ھەققىدە توختالدى.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت