مىسىردىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆز قىسمەتلىرىنى ئاڭلاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېھسان
2017-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مىسىردىكى تۇتقۇن قىلىشتىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جايلاشتى.

مىسىردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە مىسىر ساقچىلىرىنىڭ 4-ئىيۇل كۈنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشى نەتىجىسىدە، مىسىردىكى ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە‏-تاۋابىئاتلىرىدىن 200 گە يېقىنى تۇتۇپ كېتىلگەن.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل قاتناش يوللىرى بىلەن قېچىپ تۇتقۇن قېلىشتىن قۇتۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بېلەت ئېلىپ بېرىشى بىلەن ئىستانبۇلغا سالامەت كېلىۋالغان.

بىز مىسىردىن كەلگەن، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن تۇتقۇندىن قېچىپ كېلىش ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

بىز ئىستانبۇلغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يولۇقۇۋاتقان ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىسىردىن قېچىپ كەلگەن ئوقۇغۇچى ئابدۇئەكبەرنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن دۇنيادىكى، ئۆزلىرىنىڭ مىسىردىن كېلىشىگە ھەر جەھەتتىن پىداكارلىق بىلەن ياردەم كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئاڭلاتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت