خادانىڭ ئوغلى: «ھۆكۈمەت بىزگە ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمەيۋاتىدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-12-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە
موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە
RFA/Haji Qutluq Qadiri


موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا 9 - دېكابىر 19 يىللىق قاماق جازاسىنى تاماملاپ، خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ساقچى دائىرىلىرى نازارىتىنى كۈچەيتىپ،ئۇنىڭ بارلىق ھەرىكەتلىرىگە چەك قويۇپ، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى چەكلىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ ئائىلە تېلېفونى تۈرلۈك توسالغۇلارغا ئۇچراپ. سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغان، ھەتتا ئوغلى ۋۇرېڭېنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىمۇ چەكلەنگەن. ئائىلە ئەزالىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان شۇنداقلا خادانىڭ سالامەتلىكى كۈندىن - كۈنگە ناچارلىشىپ كەتكەن.

بىز بۈگۈن، خادا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خادا بىزنىڭ:«سىز تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت سىزگە ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەمدە بولىۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن جاۋاب بېرەلمەي ئوغلى ۋۇرېڭې سوئاللىمىزغا جاۋاب بەردى:

- ئاتام ئون نەچچە يىللىق تۈرمە ھاياتى جەريانىدا ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىنى ئاساسەن يوقاتقان بولۇپ، ئۇ، بەزىدە سىز سورىغان سوئاللارغا دەرھال جاۋاب قايتۇرالمايدۇ. ئانام توردا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىغىنىدەك، ئاتام تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگىنى بىلەن ھۆكۈمەت بىزنىڭ پۈتكۈل نورمال ھەرىكەتلىرىمىزگە چەك قويۇپ، بىزگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇش ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىز قانۇنلۇق ئېچىۋاتقان كىتابخانىمىزدا تىجارەت قىلىشىمىزغا يول قويمىدى. نېمە ئۈچۈندۇر دائىرىلەر تىجارىتىمىزنى قانۇنسىز ھەرىكەت دەپ ھېسابلىدى. ھەتتا مېنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىمگىمۇ رۇخسەت بەرمەيۋاتىدۇ. مەن تۆت يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان شىركەتلەردە ياخشى ئىشلىگەن بولساممۇ، ئەمما كۆپىنچە شىركەتلەر مېنى خىزمەتتىن دەرھال توختىتىپ قويدى. سەۋەبى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شىركەتلەرگە بېسىم قىلىپ مېنى خىزمەتتىن چىقىرىۋېتىشنى بۇيرىدى. ئۇلار ھازىر بىزگە تۇرمۇش ياردەم پۇلىمۇ بەرمەيۋاتىدۇ. دائىرىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئانام بىلەن ئىككىمىزنىڭ گۇناھى ئاتامنىڭ ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە تەشۋىق قىلغانلىقىمىز ئىكەن. ئۇلار بىزنى قاتتىق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىپ ئۆزلىرىگە ماسلىشىشىمىزنى جېكىلەۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت پەقەتلا بىزگە ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمەيۋاتىدۇ.

موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادانىڭ ئوغلى ۋۇرېڭې سۆزىدە ئاتىسى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش ئۆي بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

- ھۆكۈمەت ئائىلىلىكلەر بىناسىدىن ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي بەردى. ئۆي شارائىتى ياخشى، ئىلگىرى دائىرىلەر بىزگە تۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان توڭلاتقۇ، دوخوپكا، ئىسسىتقۇ قاتارلىق ئۈسكۈنلەرنى تەمىنلەپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، كېيىن بۇ ھەقتە سۆز ئاچمىدى. سەۋەبى دائىرىلەر ئاتامنى چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى دەپ رەنجىدى.

خادانىڭ ئوغلى بىزنىڭ «ھازىر سىز، سىرتقا چىقىپ ئىشلىسىڭىز، دائىرىلەر رۇخسەت قىلامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

- ھازىر مېنىڭ ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىمگە رۇخسەت يوق. ئۆتكەندە بىر شىركەتتىن ئىش تاپقان ئىدىم. ئاتام مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك،شىركەت مېنى دەرھال ئىشتىن بوشىتىۋەتتى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا خادانىڭ ئوغلى ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە توختىلىپ:

- سىز بىلمەيسىز. ئانامنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى ئەمەس. ئاتام ئون نەچچە يىللىق تۈرمە ھاياتى جەريانىدا سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، نېرۋىسى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن نورمال ئادەملەردىن كۆپ پەرقلىق. نېمە ئۈچۈندۇر ئۇ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئانامنىڭ ئۆزىگە يېقىنلاشماسلىقىنى ۋە ئۆيگە كەلمەسلىكىنى خالايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋال ئانامنى بەك چۆچۈتىۋەتتى، - دېدى.

ئۇ سۆزىدە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ تېلېفونىنى كونترول قىلىپ، ئۇنىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىنى توسۇپ، جەمئىيەتتە «خادانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى» دېگەن يالغان تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تولىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ۋۇرېڭې يەنە، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتىنىڭ: «خادانىڭ ئوغلى ۋە ئايالى ھازىر جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشىلەردىن پۇل توپلاۋاتىدۇ» دېگەن سۆزنى تارقاتقانلىقى سەۋەبىدىن، رايونلۇق ساقچىخانا ۋە شۇنداقلا بەزى بىر نازارەتچى خادىملارنىڭ ئۆزلىرىگە بولغان كۆزىتىشنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت