خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا بىلەن سۆھبەت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئۆز ئۆيىدە. 2014-يىلى 23-دېكابىر.
موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئۆز ئۆيىدە. 2014-يىلى 23-دېكابىر.
RFA/Qutluq

19 يىللىق سىياسىي مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ 9-دېكابىر خىتاي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيانقى ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم سىياسىي بېسىملار ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

خادا 1995-يىلى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. ھالبۇكى، جازا مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا يەنە قايتىدىن ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىمالىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش تۈرمىسىگە 4 يىل سولاپ قويۇلغان.

خادا ئىچكى موڭغۇلدىكى ئەڭ ئۇزۇن كېسىلگەن سىياسىي مەھبۇسلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ، ئىچكى موڭغۇلغا ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ يازغان ماقالىلىرى سەۋەبىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

دىققىتىڭلار خادا بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولسۇن.

مۇخبىر: ياخشىمۇسىز؟ سىز خادا ئەپەندى بولامسىز؟
جاۋاب: ياق،مەن ئوغلى.

مۇخبىر: ھە، سىز ئوغلى ۋېئىلىسى بولامسىز؟
ۋەئىلىسى: شۇنداق مەن ئوغلى،تۇرۇپ تۇرۇڭ،دادامغا تېلېفوننى بېرەي.
خادا: ۋەي،مەن خادا بولىمەن.

مۇخبىر: ياخشىمۇسىز، خادا ئەپەندى.
خادا: ھىمم...

مۇخبىر: مەن سىزنىڭ ئەركىنلىككە چىققانلىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
خادا: رەھمەت.

مۇخبىر: سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟
خادا: مېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىم ياخشى ئەمەس.

مۇخبىر: ياخشى ئەمەسمۇ؟ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟
خادا: سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس.

مۇخبىر: قايسى تەرەپتىن ئەڭ ناچار، چۈشەندۈرۈپ بېرەمسىز؟
خادا: مەندە ھازىر ئېنىقلانغان 10 نەچچە خىلدىن ئارتۇق كېسەل بار. بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئېغىرراقى يۈرەك قان تومۇرلىرى قېتىشىش كېسىلى.

مۇخبىر: ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھازىر قايسى تەرەپلەردە قىيىنچىلىقىڭىز بار؟
خادا:ھازىر تۇرمۇش جەھەتتىن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىم بار.

مۇخبىر: تۇرمۇش جەھەتتىن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىڭىز بارمۇ؟
خادا:شۇنداق.

مۇخبىر: سىزنى ساقچى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۆزىتىشى قاتتىق بولۇۋاتامدۇ؟
خادا: شۇنداق. ئۇلار مېنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشىمنى چەكلەش بىلەن بىرگە، ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، ئۆزلىرىگە ماسلىشىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. تۇرمۇشىمىز تەدرىجىي ھالدا قىيىنلىشىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: سىز ھازىر ئەركىن سىرتقا چىقىپ كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشسىڭىز بولامدۇ؟
خادا: بولىدۇ. لېكىن پايلاقچىلار ئارقىمىزدىن ماراپ يۈرۈشىدۇ. تېلېفونىمىزنى ئوغرىلىقچە تىڭشايدۇ. تېلېفونىمىز بەزىدە ئۇلانمايدۇ. ئۇلانسىمۇ سۆزلىشىپ بولا-بولمايلا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

مۇخبىر: سىزنىڭ ھازىر ئىچكى موڭغۇلدىكى دوستلىرىڭىز ۋە تونۇشلىرىڭىز بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە قىلىشىڭىز تەسمۇ؟
خادا: شۇنداق،مەن ھازىر تۈرمىدىن چىققىلى يېرىم ئاي بولۇپ قالدى. ئەمما دوستلىرىمدىن ھېچكىم مېنى يوقلاپ كەلمىدى. سەۋەبى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇلارغا «خادا بىلەن كۆرۈشمەڭلار» دەپ بۇيرۇق قىلغان.

مۇخبىر: شۇنداقمۇ؟
خادا: شۇنداق،شۇنداق بولمىسا دوستلىرىم مېنى يوقلاپ كېلەتتى.

مۇخبىر:سىز تۈرمىدىكى ۋاقتىڭىزدا ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى ئۇچراتتىڭىزمۇ؟
خادا: ياق.

مۇخبىر: سىز تۈرمىدە ئۇچراتقان مەھبۇسلار ئاساسەن خەنزۇ ۋە موڭغۇللارمۇ؟
خادا: شۇنداق، توغرا.

مۇخبىر: تۈرمىدە كۆپلىگەن موڭغۇل مەھبۇسلار بارمۇ؟
خادا: بار. شۇنداق دەپ ئاڭلىدىم.

مۇخبىر: سىز خەلقئارا جەمئىيەتتىن ۋە چەتئەلدىكى موڭغۇل مۇستەقىلچىلىرىدىن قانداق ياردەم تەلەپ قىلىسىز؟
خادا: مەن ئالدى بىلەن ئۇلاردىن ماڭا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشىنى سورايمەن. كېسىلىمنى داۋالىتىمەن. ھازىر تۇرمۇشۇم بەك ناچار، كېسەل كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىم يوق. تاماق يىيىشىمىزمۇ تەسكە توختاۋاتىدۇ.

مۇخبىر: سىز ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن بەك قىينىلىۋاتامسىز؟
خادا: شۇنداق. مەن تۈرمىدىن چىققاندىن بېرى، بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز ياردەم قىلمىغان بولسا، بىز تاماق يىيەلمىگەن بولاتتۇق. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بەك خەتەرلىك.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت