2014 - يىلى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار (2)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
سوت مەھكىمىسىنىڭ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى «تېررورلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن سوتلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 13-ئۆكتەبىر، قەشقەر.
سوت مەھكىمىسىنىڭ 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى «تېررورلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن سوتلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 13-ئۆكتەبىر، قەشقەر.
ImagineChina


گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» 27 - ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، 2014 - يىل 1 - ئاپرىلدىن، خىتايدا بىر يىلغا سوزۇلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان 23 - مايغىچە ئۇيغۇر رايونىدا ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 480 دىن ئاشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

«خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، قولغا ئېلىنغان بۇ 480 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ستاتىستىكا قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ جىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلغان.

1. 12 - ئاپرېل ئوقۇغۇچى ئابدۇباسىتنىڭ قىزىل چىراقتا ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسىگە نارازىلىق سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار:

12 - ئاپرېل 17 ياشلىق ئوقۇغۇچى ئابدۇلباسىتنىڭ قىزىل چىراقتا ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. 400 دەك جامائەت مىيىتنى كۆتۈرۈپ نارازىلىق نامايىشى قىلدى. ساقچىلار 13 - ئاپرېل 70 ئادەمنى تۇتقۇن قىلىدى. ۋەقەدىن كېيىن تۇتقۇنلار ئۈستىدىن كەلپىن ناھىيىسىدە سوت ئېچىلىپ 17 كىشىگە 7 يىلدىن 6 ئايغا قەدەر مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى. ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، تۇتقۇنلارنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار بېرىلمىدى.

2. 14 - ئاپرېل خوتەن لاسكۇي يېزىسىدا ئىككى كەنت كادىرىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىدە يارمەمەت ئابدۇللا ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

14 - ئاپرېل كۈنى خوتەننىڭ لاسكۇي يېزا ئارغول كەنتىدە پەرەنجىلىك بىر ئايالنى ئۆيىگىچە قوغلاپ بارغان كەنت سېكرىتارى مەتتۇداخۇن ۋە ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى، ئايالنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرى تەرىپىدىن پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ۋەقەدىن كېيىن خوتەن دائىرىلىرى 19 ياشلىق گۇماندار يارمەمەت ئابدۇللانى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، 100 مىڭ سومدىن 200 مىڭ سومغىچە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما جىنايەت گۇماندارلىرى تېپىلمىغان.

3. 30 - ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە پارتلىتىش ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلار:

30 - ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبى ۋوگزالىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ۋەقەدە 3 كىشى ئۆلگەن، 79 كىشى يارىلانغان. دائىرىلەر ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئەيىبلىدى.

دائىرىلەر 30 - ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پارتلىتىش ھۇجۇمىدا مەمەت ئابدۇللا ھېيت، سەدىردىن ساۋۇت قاتارلىق ئىككەيلەننىڭ ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

8 - دېكابىر ۋەقەدە جاۋابكار دەپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن ئەخمەت رىشىت، تۇرسۇن ھامۇتقا ئۆلۈم جازاسى بەردى. يالقۇن ھامۇت قاتارلىق ئۈچەيلەنگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 30 - ئاپرېل ۋەقەسىگە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان باشقا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

4. كۇچا ئالىقاغىدىكى تۇتقۇن ۋە ساقچىلارنىڭ ئوقىدا ئۆلگەنلەر:

20 - ماي كۇچار ئالىقاغا نامايىشىدا 200 گە يېقىن ئادەم تۇتقۇن قىلىندى. نامايىشچىلاردىن 5 كىشىگە ئوق تەككەن. ئىككى كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن. ھۆكۈمەت تەرەپتىن 8 كىشى يارىلانغان.

ئىگىلىشىمىزچە، 20 - ماي كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئالىقاغا بازىرىدا، ساقچىلارنىڭ ھىجاپلانغان ئاياللارنى بازارلىق ھۆكۈمەت قوروسىغا سولاپ قويۇشىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەن. ۋەقەنى باستۇرۇشقا كەلگەن ساقچىلار نامايىشچىلارغا ئوق چىقارغان. 5 كىشىگە ئوق تەككەن، ئىككى كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن. خىتاي تەرەپتىن بازار باشلىقى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ جەمئىي 8 كىشى يارىلانغان.

5. 22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلار:

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 22 - ماي ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەتىگەنلىك بازاردىكى پارتلاشتا 31 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 90 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

دائىرىلەر ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىنى 5 كىشى ئېلىپ بارغان دەپ ئېلان قىلدى. ئۇلاردىن رېيىمجان مەمەت، مەمەت ئىمىن ئەخمەت، ئابلەت ئابدۇقادىر، مەمەت مەمەتىمىن قاتارلىق تۆت ئۇيغۇر نەق مەيداندىكى پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان دەپ ئېلان قىلىندى. بۇلاردىن نۇرئەخمەت ئابلىز ئىسىملىك ھۇجۇمچىنىڭ بورتالادا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خىتاي دائىرىلىرى «30 - ئاپرىل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسى ۋەقەسى» ۋە «22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» نى ئېلىپ بارغان دەپ ئەيىبلەنگەن 20 ئۇيغۇرغا جازا ھۆكۈم قىلدى.

بۇلاردىن 22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازىرى ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغۇچىلار دەپ ئەيىبلەنگەن، ئابلىز داۋۇت، تۇرسۇن ھامۇت ،نۇرەخمەت ئابلىز، رېھىمجان مەمەت قاتارلىقلارغا ئۆلۈم جازاسى، روزى مەمەت ۋە ئوبۇل ھەسەنگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. مۇھەممەت ئىبراھىم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئابلىمىت مەخمۇت ۋە يەنە بىرەيلەننى تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتناشقان دەپ ئەيىبلەپ، 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

6. 27 - ماي غۇلجىدا 55 ئۇيغۇر ئاتالمىش «ئوچۇق سوت» ناملىق كۈرەش يىغىنىدا سوتلاندى.

22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، 23 - ماي كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە 22 - ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى نەچچە كۈن ئىچىدىلا 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

27 - ماي ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە سارىيىدا 55 نەپەر ئۇيغۇر «تېررورلۇق»، «دۆلەتنى پارچىلاش» ۋە قاتىللىق جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئاممىۋى كۈرەش شەكلىدە 7000 كىشى قاتناشقان چوڭ يىغىندا ئادۋۇكاتسىز ھالەتتە خەلققە سازايى قىلىپ تۇرۇپ سوتلاندى.

7. 28 - ماي قەشقەر پىچاقلىق ھۇجۇمىدا ئىككى ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلدى:

28 - ماي قەشقەردە ئىككى ئۇيغۇر خىتاي كۆچمەنلىرىگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئىككى نەپىرىنى يارىلاندۇرغان، كېيىن ئۆزلىرىمۇ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىۋېتىلگەن.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلار 18 ياشلىق بالىلار بولۇپ، ئۇلار دوختۇرخانا يېنىدىكى بىر بازاردا سودا قىلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئەتراپتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي ساقچىلار نەق مەيدانغا كېلىپ، بۇ ئىككى نەپەر ھۇجۇمچىغا ئوق چىقارغان. ھۇجۇمچىلاردىن بىرى نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

8. 29 - ماي توقسۇ ئىچېرىق يېزىسى قارىتاش ۋەقەسىدە 2 ئۇيغۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

29 - ماي توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، شى لى ئىسىملىك خىتاي ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن، تۆت ساقچى يارىلانغان. توقۇنۇشتا ئىمىن تۆمۈر، راخمان تۆمۈر ئىسىملىك ئاكا - ئۇكىلار خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ئېتىۋېتىلدى. ياسىن ئوسمان يارىلانغان.

خىتاي ساقچىلىرى توقسۇ ناھىيىسىدە دورىسى ئېلىۋېلىنىپ ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىلگەن ئىككى تاغار سەرەڭگە ياغىچى بايقىغان. خىتاي ساقچىلىرى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن 29 - ماي گۇماندار ئىمىن تۆمۈر تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە بېسىپ كىرگەندە، ئۆيدىكىلەردىن ئىمىن تۆمۈر، راخمان تۆمۈر ۋە ياسىن ئوسمان قاتارلىقلار خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. خىتاي تەرەپ ھۇجۇمچىلارغا ئوق چىقارغان. توقۇنۇشتا خىتاي تەرەپتىن شى ئىلى ئىسىملىك رازۋېدچىك نەق مەيداندا ئۆلگەن، قالغان 4 نەپىرى يارىلانغان. ھۇجۇمچىلاردىن ئىمىن تۆمۈر ۋە راخمان تۆمۈر ئاكا - ئۇكىلار ئوقتا ئۆلگەن، ياسىن ئوسمان يارىلانغان.

9. 29 - ماي پەيزىۋات مىشا يېزىسىدا ساقچى باشلىقىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋېتىلىش ۋەقەسىدە 4 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىندى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ۋەقەنى ئىككى ئاي كېچىكتۈرۈپ 9 - ئىيۇل كۈنى خەۋەر قىلدى. پەيزاۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدا «29 - ماي ۋەقەسى» نى سادىر قىلغان 4 نەپەر گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بىر «تېررورلۇق شايكىسى» ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدە بىر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچى قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش باش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى خۇڭجاڭ بولۇپ، ئۇ «قاتتىق زەربە بېرىش گۇرۇپپىسى» غا باشلىق بولۇپ پەيزاۋاتنىڭ مىشا يېزىسىغا ئەۋەتىلگەن.ئاشكارىلىنىشىچە، 4 نەپەر ئۇيغۇر ھۇجۇمچى لى خۇڭجاڭنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسىتىنى مىشانىڭ تۆۋەن تارىشا كەنتىدىكى ئورپا سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت