خىتاي ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ «تۇغۇت ساياھىتى» كانادالىقلارنى ھەيران قالدۇردى

ئۆتكەن ھەپتە كانادا ك ب ك تېلېۋىزىيە قانىلىدا، خىتايدىكى يالغۇز پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمىغان خىتاي ئاياللىرىنىڭ مەقسەتلىك ھامىلىدار بولۇپ، ئاي، كۈنى يېقىنلىشىپ قالغاندا، ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كاناداغا كېلىپ تۇغۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر بېرىلدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر
2013-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتلىرى
خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتلىرى
AFP

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن قاچقان خىتاي ھامىلىدار ئاياللىرى كانادا قانۇنلىرىدىكى، كانادادا تۇغۇلغان ھەر قانداق بىر بالىنىڭ 18 ياشقا توشقاندا ئۆزى خالىسا كانادا پۇقراسى بولالايدىغانلىقى ۋە ئاتا، ئانىسىغا كېپىل بولۇپ كاناداغا ئەكىلەلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، كاناداغا ساياھەتكە بېرىپ تۇغۇش مەقسىتىدە 2-بالىسىغا ھامىلىدار بولغان، ھەمدە بۇ ساياھەتكە «تۇغۇت ساياھىتى» دەپ نام بەرگەن.

كاناداغا تۇغۇت ساياھىتى باھانىسىدە كېلىپ، تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن پەرزەنتىنىڭ كانادادا تۇغۇلغانلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئېلىپ خىتايغا قايتىپ كەتكەن بىر خىتاي ئايال ك ب ك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏-ھازىر خىتايدا پىلان سىرتىدا تۇغۇلغان بالىغا قويۇلىدىغان جەرىمانە ئىنتايىن ئېغىر يەنى 32 مىڭ دوللار، شۇڭا يولدىشىم ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ كاناداغا تۇغۇت ساياھىتىگە بېرىپ تۇغۇپ كېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. شۇنداق قىلغاندا پۇلنىمۇ ئورۇنلۇق ئىشلەتكەن بولىدىكەنمىز ھەمدە پەرزەنتىمىزگىمۇ ياخشى بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن بولىدىكەنمىز.

ئۇنداقتا، خىتاي ھامىلىدار ئاياللىرىغا خىتايدا ھامىلىدار بولۇپ كاناداغا كېلىپ تۇغۇش پۇرسىتىنى كىملەر يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ؟

يېقىندا ك ب ك تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرلىرى، مەخسۇس خىتايدىكى ھامىلىدار ئاياللارغا 10 يىلدىن بۇيان، خىتايدا ھامىلىدار بولۇپ كاناداغا كېلىپ تۇغۇش يولى ئېچىپ بېرىۋاتقان، خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنى زىيارەت قىلغان. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ خىل ساياھەت شىركەتلىرى كانادانىڭ تورونتو ۋە ۋانكوۋېر شەھەرلىرىدە بولۇپ، ئۇلار بۇ ھەقتە ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان چىقىرىپ تىجارەت قىلىدىكەن. ئۇلار كاناداغا كېلىدىغان خىتاي ھامىلىدار ساياھەتچىلەرگە 6 ئايلىق ساياھەت ۋىزىسى بېجىرىپ بېرىدىكەن. مانا مۇشۇنداق تىجارەت قىلىۋاتقان كانادادىكى مەلۇم بىر تۇغۇت ساياھىتى شىركىتىنىڭ تور بېتىدە، «ئەگەر كاناداغا كېلىپ تۇغسىڭىز، سىزگە ئالىي دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردا تۇغۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىمىز» دېگەن ئېلانلار ئاشكارا يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كۆپلىگەن خىتاي ھامىلىدار ئاياللىرىنى كاناداغا كېلىپ تۇغۇشقا جەلپ قىلغان. بۇ شىركەتلەر مانا مۇشۇنداق دوختۇرخانا مۇلازىمىتى ئۈچۈنلا ھامىلىدار ساياھەتچىلەردىن 7 مىڭ دوللار پۇل ئالىدىكەن.

ئۇندىن باشقا، بۇ شىركەتلەر ھامىلىدار ئاياللارغا تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن بىر ئاي ئۆي ئىجارە ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا پەرزەنتىنىڭ كانادادا تۇغۇلغانلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئېلىشىغا تىل جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بېرىدىكەن.

مۇخبىر بۇ خىل تىجارەتنى قىلىۋاتقان بىر شىركەت خادىمىدىن «سېنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ئىشىڭ قانۇنلۇقمۇ؟» دەپ سورىغاندا بۇ خادىم «ئەلۋەتتە قانۇنسىز، ئەمما بىز خىتاي ھامىلىدار ئاياللارغا بېرىۋاتقان 6 ئايلىق ساياھەت ۋىزىسى قانۇنلۇق» دەپ جاۋاب بەرگەن.

كانادا كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئادۋوكاتى رىچارد كۇرلاند ھەر يىلى مانا مۇشۇنداق تۇغۇت ساياھىتى يولى بىلەن 200 دىن ئارتۇق خىتاي ئايالنىڭ كاناداغا كېلىپ تۇغۇپ 200 بوۋاقنى خىتايغا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
‏-بۇنى جىنايەت دېيىشكىمۇ، قانۇنسىزلىق دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. خىتاي ئاياللىرى پەقەت كانادا قانۇنلىرىدىكى كانادادا تۇغۇلغان ھەرقانداق بىر بالىنىڭ 18 ياشقا توشقاندا كانادا پۇقراسى بولۇشقا قانۇنلۇق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كانادا بۇ بوشلۇقنى تاقاش كېرەك.

ھازىر تورونتودا ياشاۋاتقان كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئادۋوكاتى مايكېل نىلەنمۇ ئۇتكەن يىلى كانادا مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالىق قانۇن ۋە رەسمىيەتلىرىنى چىڭىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خىتاي ھامىلىدار ئاياللىرىغا قارىتىلغان بۇنداق تۇغۇت ساياھىتى پەقەت كاناداغىلا قارىتىلمىغان، لوس ئانجىلىس ۋاقتى گېزىتىنىڭ 3-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىدا بۇ خىل مۇلازىمەتنى بېجىرىدىغان بىر خىتاي شىركەتنىڭ تور بېتىگە: «ئامېرىكىغا خۇش كەلدىڭىز، بىز ھەر بىر بوۋاققا ئامېرىكا پاسپورتى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز» دەپ يېزىلغان.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت