قاراقاش كەنت ئامانلىق مۇدىرى: ئاكا-ئۇكا گۇماندارلاردىن ئاكىسى بىر يىل قاماقتا ياتقان، ئىنىسىنىڭ پاسپورتى تارتىۋېلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-01-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئاۋات بازاردا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 2014-يىلى 22-ماي، ئۈرۈمچى.
خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئاۋات بازاردا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 2014-يىلى 22-ماي، ئۈرۈمچى.
EYEPRESS NEWS

مۇخبىرىمىزنىڭ قاراقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋەقەدە رول ئالغان ئاكا-ئۇكا گۇماندارلاردىن ئاكىسىنىڭ بۇرۇن ھەقسىز بىر يىل قاماقتا ياتقانلىقى، ئىنىسىنىڭ ئىككى ئاي ئاۋۋال پاسپورتى تارتىۋېلىنغانلىقى ئايدىڭلاشتى. بۇ پاكىتلارنى ئاشكارىلىغان جۈمە بازار كەنت ئامانلىقى مۇدىرى، گۇماندارلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن قوزغاتقۇچ سەۋەبلەر ھەققىدە ھازىرچە بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئەگەر پەرەز قىلىشقا توغرا كەلسە، يۇقىرىقى ئىككى پاكىتنى ئەسكە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

28-دېكابىر كۈنى يۈز بەرگەن قاراقاش پارتكومغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئاھالىلەردىن بىرى ئاكا-ئۇكا گۇماندارلاردىن توختىمەمەت تۇرسۇننىيازنىڭ بۇنىڭدىن 11 يىل ئاۋۋال سەۋەبسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە قاماقخانىغا ئەكىتىلىپ 6 ئايغىچە سوراقمۇ قىلىنمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ يەنە بايان قىلىنىشىچە، توختىمەمەت تۇرسۇننىياز گۇناھسىزلىقى ئايدىڭلىشىپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قاماقخانىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە قولۇم- قوشنىلىرىغا ئاچچىق ۋە تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەن؛ ھەتتا بىر قېتىمدا، مەن قاماقتا ياتمىدىم، ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈردۈم، دەپ كىنايە قىلغان. ئۇ شۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ بىر يىل ھەقسىز قاماقخانىدا يېتىش ئارقىلىق يېڭى بىر ئادەم بولۇپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭدىكى مۇشۇ نارازىلىق كەيپىياتىغا ئاساسەن دائىرىلەر ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى نۇقتىلىق ئائىلە قىلىپ بېكىتكەن ۋە نازارەت ئاستىغا ئالغان. ئاھالىلەردىن بىرى بايان قىلغان بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى جۈمەبازار كەنت ئامانلىق مۇدىرىمۇ دەلىللىدى.

بۇ ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاكا-ئۇكا گۇماندارلاردىن ئىنىسى نۇرمەمەت تۇرسۇننىيازنىڭ ئىلگىرى ھېچقانداق جىنايەت خاتىرىسى بولمىغان. ئۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا خوتەندە دېھقانلارغا پاسپورت بېجىرىپ بېرىش بەلگىلىمىسى چىقىرىلغاندا دوستلىرى قاتارىدا بېرىپ پاسپورت ئالغان، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي پاسپورتلار يىغىۋېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، جۈمەبازار كەنتىدىنلا 39 كىشىنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنغان. نۇرمەمەت تۇرسۇننىياز پاسپورتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ باققان ۋە ئاخىرى ئامال بولمىغاندا قايتۇرۇپ بەرگەن.

ئامانلىق مۇدىرى دېلونىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە تەپسىلاتىنىڭ ئۆزلىرىگە بىلدۈرۈلمەيۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىقىنىڭ سەۋەبلىرىدىن مىسال سۈپىتىدە ئۆزلىرى ئىجرا قىلغان يۇقىرىقى ئىككى ئىشنى تىلغا ئالدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوبۇل قىلماسلىقتەك ئومۇمىي بىر سەۋەبتىن باشقا يەنە، كۆپ ھاللاردا، ھەر بىر ۋەقەنىڭ ئۆزىگە خاس كونكرېت بىر ياكى بىرقانچە قوزغىلىش سەۋەبى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مۇشۇ نۇقتىدىن قاراقاش پارتكوم بىناسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ بىلىشكە تېگىشلىك يەنە كۆپ تەرەپلىرى سىر پېتى تۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت