ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم 1981-يىلىدىكى قەشقەر نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە توختالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز يالقۇن
2013-02-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﺭﻻﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﺭﻻﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
AFP Photo

1981-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئۇيغۇرلار زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

شۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراكچىسى ۋە شاھىتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇغېنىنىڭ بايان قىلىشىچە، نامايىش قەشقەر شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر خىتاي ئاققۇن بىگۇناھ بىر ئۇيغۇر ياشنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن كېلىپ چىققان بولۇپ، نامايىشقا مىڭلىغان ئۇيغۇرلار قاتناشقان. بىز بۇندىن 32 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بۇ نامايىش ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نامايىشنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش جەريانىدا گەرچە بىرلىككە كەلگەن بىر شوئار بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما نامايىشچىلار ھەر كىم ئۆز ئالدىغا «خىتايلار يوقالسۇن»، «خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت