خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا پەۋقۇلئاددە جىددىي قوراللىق كۈچلەرنى يۆتكىشى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-03-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت «تېررورلۇق، زوراۋانلىق» قا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 5 مىليون سومغىچە مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلاش يىغىنى. 2017-يىلى 22-فېۋرال.
خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت «تېررورلۇق، زوراۋانلىق» قا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 5 مىليون سومغىچە مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى جاكارلاش يىغىنى. 2017-يىلى 22-فېۋرال.
ts.cn


گۇما پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن يەنى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان پەۋقۇلئاددە جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك بەزى مەتبۇئاتلاردا «شىنجاڭدا چوڭ ئىش چىقارمۇ ؟» دېگەندەك غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر، بۇ خىل مۇلاھىزىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا بىر زور ۋەقە پەيدا بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا جىددىي ۋە كۆپلەپ ئەسكەر ھەمدە قوراللىق كۈچلىرىنى يۆتكەپ، كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن پەيدا بولۇۋاتقان ئىنكاسلار دەپ قارىماقتا. ئۇنداقتا مەتبۇئاتلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان، خىتاينىڭ رايوندىكى ئاشكارا ۋە غەيرى نورمال ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبى نېمە ؟ بۇ ھەقتە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ھەر خىل تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

14-فېۋرال كۈنى گۇما ناھىيىسىدە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 6 نەپەر خىتاي ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، دائىرىلەر خوتەن ۋىلايىتىدە ئالاھىدە جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپلا قالماي، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 16-فېۋرال خوتەندە، 17-فېۋرال قەشقەردە، 18-فېۋرال ئۈرۈمچىدە «تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ئاممىۋى قەسەمياد يىغىنى» ئۆتكۈزدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مقىياقسىدا تېررورلۇققا قارشى پەۋقۇلئاددە جىددىي مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ئالدى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ئالاھىدە جىددىيلەشكەن بۇ پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي پىلان لايىھەلىرى بېكىتىلىدىغان ئەڭ مۇھىم يىغىنلىرى ھېسابلانغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى 3-مارتتا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 12-نۆۋەتلىك 5-ئومۇمىي يىغىنى بولسا 5-مارتتا بېيجىڭدا باشلاندى. گەرچە، ھەر نۆۋەت 3 مىڭ كېلومېتىر يىراقتىكى بېيجىڭدا چاقىرىلىدىغان يىغىن مەزگىلىدە دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ئالاھىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ نۆۋەت دائىرىلەرنىڭ ھەر بىي ھالەت شەكلىدە ئەسكەر ۋە قوراللىق كۈچلەرنى ئۇيغۇر ئېلىغا جىددىي يۆتكەش ھەرىكەتلىرى مەتبۇئاتلاردا «شىنجاڭدا چوڭ ئىش بار» دېگەن گۇماننى قوزغىغان.

باش شىتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتى ئۇچۇر مەركىزىنىڭ 8-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، خېنەن قوراللىق ساقچى 128-دىۋىزىيەسى ئۆتكەن ئىككى كۈندە سەرخىل 1000 كىشىلىك قوشۇننى ئۇيغۈر دىيارىنىڭ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن جىددىي يۆتكىگەن.

خەۋەردە ئېنىقلىما بېرىلىشىچە، خىتاي قوراللىق ساقچى 128-دىۋىزىيەسىنىڭ تەرتىپ نومۇرى 8680-قىسىم بولۇپ، قوراللىق ساقچى قىسىم باش شىتابىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى موتورلاشقان بۇ دىۋىزىيەنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە قوراللىق توپىلاڭنى باستۇرۇش ۋە شەھەرنى قامال قىلىش ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، 2-ئاينىڭ 26-كۈندىن 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، لياۋنىڭ، خېنەن ۋە جياڭسۇ قاتارلىق تۆت ئۆلكىدىن يەنە 4000 ساقچى شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ شەھەرلىرىگە يۆتكەپ كېلىنگەن. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، قەشقەرنىڭ بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال جەمئىيەتتىن 3000 نەپەر ئەر ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ئايلىق مائاشى 5000 سوم بولىدىغانلىقى، تاماق ۋە تۇرالغۇسىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ھەر ئايدا 500 سوم «مۇقىملىقنى ساقلاش» تولۇقلىمىسى تارقىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. يەنە خىتاينىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكىلىرىدىن قەشقەر ۋىلايىتىگە 9 قېتىمدا كەلگەن 595 نەپەر كادىرنىڭ يېپىق ھەربىي مەشقتىن ئۆتكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن بۇ جىددىي بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىككى كۈندىن بۇيان تايلاند، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىن خىتايچە تارقىتىلىدىغان مەتبۇئاتلاردا رايوندا «چوڭ ئىش چىققان»بولۇشى مۇمكىن دېگەن قىياسلارنى مەيدانغا چىقاردى.

لېكىن خەۋەردە «چوڭ ئىش»نىڭ تەپسىلاتى بېرىلمىگەن بولسىمۇ، يېقىنقى ئىككى كۈندىن بۇيان قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدا خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ 70 تەك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە تولۇقسىز ئۇچۇرلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىۋاتقان بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە تارقالماقتا. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى دەلىللەشكە كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ، دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى ئۇچۇرلارنى ئالاھىدە قامال قىلىشى بىلەن رايوندا جىددىي بىر ھالەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن باشقا، بىرەر ۋەقەنىڭ بولغان-بولمىغانلىقى تېخى ئېنىقلانمىدى.

ئەمما ئىككى يىغىن ھارپىسىدا، قوراللىق تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» بىر فىلىم تارقىتىپ، ئۇنىڭدا، شەرقي تۈركستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر قوراللىقلار ۋەتەنگە قايتىپ ئۇرۇش قوزغاش ھەققىدە خىتايغا تەھدىت قىلغانلىقى سۆزلەنگەن ئىدى.

ئەجىبا، دائىرىلەرنىڭ رايوندا ياراتقان جىددىي قامالى پەقەت بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق چاقىرىلىشى ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىرلىرىمۇ ياكى بۇنىڭ رايوندا يېقىنقى ئايلاردا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قانچە قېتىملىق قارشىلىق ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟ ياكى باشقا سەۋەبى بارمۇ ؟ رايوننىڭ ۋە خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسى نېمە ؟

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى كۈنلەردە ئالاھىدە مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى پەقەت بىر قانچە تەرەپتىن تەخمىن قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە «بۇ يەردە بىر مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يېقىنقى كۈنلەردە خىتايغا دائىشنىڭ تەھدىتى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن ۋە يەنە بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قېلىشتىن باشقا، خىتاي خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئېىچىلىش ئالدىدىكى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تىنچ ئۆتۈشى ئۈچۈن بىر ۋەقە چىقمىسۇن دەپ تەدبىر ئېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرسى، چېن چۇەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەندىن بۇيان چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر خىزمەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن غۇلغۇلا قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.ئەمما يەنە بىر مۇھىم ئەھۋال، سۈرىيەنىڭ مەسىلىسى ھەل بولۇپ بولغاندىن كېيىن، سۈرىيەدىن دائىش نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قايتىشى مۇمكىنلىكى قىياس قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىغا، خىتاينىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىۋاتقان تەدبىلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن.»

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلغىنىدىن پەرقلىق كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان تۈركىيەدىكى ژۇرنالىست، تۈركىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى TRT ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى مىركامىل ئەپەندى، خىتاينىڭ قوراللىق ۋە ھەربىي كۈچ كۆرسىتىپ رايوننى قامال قىلىشىدىن، ئۇنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەمدە سىرتتىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەردىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ دەپ ئوتتۇرىغا قويدى، مىركامىل ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم بىر سىياسەت، بۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرۈشۈش-يۈرۈشمەسلىكى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭغا يېقىندىن بۇيانقى بولۇۋاتقان قارشىلىقلارنىڭ تېخىمۇ زور بىر ھەرىكەتكە ئايلىنىپ، بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق يارىتىشىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتتى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن رايوندا تېخىمۇ زور تىنچسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەسكىرى كۈچىنى ئىشلىتىشتىنمۇ يانمايۋاتىدۇ .

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسىدە، ھەمكارلىشىدىغان دۆلەتلەر بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقلارنىڭ ئورنىتىلغانلىقى مەلۇم، لېكىن، يېقىندا خىتاينىڭ ئېران، چېچەنىستان، ھەتتا ئامېرىكىدىنمۇ بەزى ھەربىي تېخنىكىلارنى كىرگۈزىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنى ئۇيغۇر ئېلىنى نىشانلاپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەردە گۇمان قوزغىغان يەنە بىر مەسىلە ئىدى، بۇ ھەقتە يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ Black water نامىدىكى ياللانما ئارمىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، يۈننەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا قوراللىق ساقچىلارنى تەربىيىلەش كېلىشىمى تۈزگەنلىكى، corbett report تور بېتى ۋە BUZZ BE تورىدا مۇلاھىزە قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى داڭلىق خىتايشۇناس دېرك سىزېرسنىڭ بۇ ھەقتە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا ھەربىي بازا ئېچىشىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئامېرىكا سىياسەتلىرىگە توغرا كەلمەيدۇ، چۈنكى ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەم قىلىشنى خالىمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشمۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ خىتاي ئۈچۈن بەك مۇھىم. ئۇيغۇر ئېلى بولسا پىلاننى يۈرگۈزىدىغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن، ئەمما بۇ، ئۇزاق مەزگىللىك بىر پىلان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە جىددىيلىكىنىڭ سەۋەبىنى، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرى بىلەن باغلاش مۇمكىن. خىتاي يېڭى يىپەك يولىنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن بۇ يولدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئورتاق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ۋە نەدىن تەجرىبە ئالغىلى بولسا،قەيەردىن ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزگىلى بولسا تىرىشىپ كۆرۈۋاتىدۇ.

مىركامىل ئەپەندى، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورقۇۋاتقىنى، رايوندا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قورقۇپ كېتىپ قېلىشىمۇ ئەمەس، پەقەت بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسىگە كاشىلا چىقىرىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش. مۇبادا، ھەقىقەتەن رايوندا خىتاينىڭ بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيىسىنى دەخلىگە ئۇچرىتىدىغان ياكى يۇققا چىقىرالايدىغان كەڭ كۆلەملىك ۋەقە يۈز بەرگەندە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە زور زىيان بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ ھەر جەھەتتىن بەربات بولۇشىغىمۇ سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق بىر كىچىك خەۋپكە بوشلۇق قويماسلىققا تىرىشىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەتتا ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى نامايان قىلماقتا» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

تەتقىقاتچى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ئەگەر رايوندا خىتايغا بۇنداق غايەت زور ۋەقە يۈز بېرىپ، راس قىياسىمىزدىكىدەك خىتايغا كۈچلۈك تەسىر ياكى تەھدىت يارىتالايدىغان بولسا باشقا گەپ، ھازىرقى خىتاينىڭ ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقلىرى ۋە ئەلپازىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەر قانداق ۋەقە ياكى قارشىلىقنى نەق مەيداندا باستۇرۇشتا ئىلگىرىكىدىنمۇ قاتتىق ۋە زور كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقىدىنمۇ دېرەك بەرمەكتە، ئەگەر بۇ خىل يۇقىرى بېسىم داۋاملاشسا رايون ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىدديلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»


پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ئىنتايىن بىمەنە تەھلىللەر!
پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا پەقەتلا 200مىڭ خىتاي ئەسكىرى بولغان، ھىچقانداق كۆچمەن پۇخرالىرى بولمىغان زامانلاردىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرغان، قولىدا پىچاقمۇ بولمىغان ئۇيغۇرلار قانداق چوڭ ۋەقە تۇغدۇرالىشى مۈمكىن؟ قۇرۇق گەپ! خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن قورقۇپ كېتىپ بۇنداق زور كۆلەملىك ھەربىي يۆتكۈلۈشلەرنى قىلىۋاتقانلىقى پەقەتلا ئەسلى مەخسەتنى پەردىلەش ئۈچۈندۇر! ئۇيغۇرلار باھانە بولسا، ئەسلى مەخسەت نېمە؟ گەپ بۇ يەردە.

Mar 12, 2017 12:49 PM

تولۇق بەت