رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى د ئۇ ق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
يېڭى يىل پائالىيىتىدە، رابىيە قادىر خانىم 11-ئاينىڭ 29-كۈنى جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىندا يۈز بەرگەن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بىر مەيدان كۈرەش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى. 2011-يىلى 31-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
يېڭى يىل پائالىيىتىدە، رابىيە قادىر خانىم 11-ئاينىڭ 29-كۈنى جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىندا يۈز بەرگەن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى بىر مەيدان كۈرەش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى. 2011-يىلى 31-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
RFA

ئۇيغۇر رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 30-دېكابىر رادىئومىزدا يېڭى يىللىق سۆھبەت ئېلان قىلدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىشقا چاقىرىپ، ئۆزىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رابىيە قادىر خانىم، 2014‏-يىلىنى خۇلاسىلەپ، بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىلغان 65 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تىنچسىز، ئەڭ پاجىئەلىك بىر يىل بولدى، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر: 2014‏-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىۋالغاندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئەڭ تىنچسىز، ئەڭ ئېغىر پاجىئە كەلگەن بىر يىل بولدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقى ئىنتايىن ئېغىر قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، نۇرغۇن بەدەل تۆلىگەن، نۇرغۇن قان تۆككەن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى تاشلاپ، سەرگەردان بولۇپ كېچىك نەرىسىدە بالىلار بىلەن ۋەتەندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان قاتتىق پاجىئە ئاستىدىكى بىر يىل بولدى. تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش 65 يىلدىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قانۇنسىز كوچا-كوچىلاردا ئۇيغۇرلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، شى جىنپىڭ دۆلەت رەھبىرى بولۇپ چىققاندىن كېيىن يولغا قويۇلدى. تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن مەيلى لۈكچۈندە، مەيلى يەكەندە بولسۇن، قولىدا قورالسىز ئاۋام خەلق تىك ئۇچار ئايروپىلاندا بومباردىمان قىلىش، قىرغىن قىلىشقا دۇچ كەلدى.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زور بەدەل تۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دېمەك، مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز گۇناھسىز تۈرمىگە كىرگەن بولسا، مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز غايىب بولغان بولسا، مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. مىڭلىغان -ئون مىڭلىغان ئادەملەر ۋەتەننى تاشلاپ سەرگەردان بولۇپ قېچىپ چىقىپ، چەتئەل تۈرمىلىرىدە ئۆلۈش ئەھۋاللىرى، 2-3 ياشلىق نارەسىدە بالىلارنىڭ ئۆلۈش ئەھۋاللىرى، ئانىلارنىڭ تۇغۇت ئۈستەللىرىدە ئۆلۈش ئەھۋاللىرى يۈز بەردى. خەلقنىڭ 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدا بېشىغا كەلگەن قاباھەتلىك چۈش ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدىن ئۆتۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار 2014‏-يىلنى مانا مۇشۇ ئازاب ئوقۇبەت بىلەن ئاياغلاشتۇردى.

مۇخبىر: 2014‏-يىلى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ، سىلەرنىڭ د ئۇ ق نىڭ 2015-يىلىدىكى ئاساسلىق نىشانى نېمە بولىدۇ؟
رابىيە قادىر: ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساقال، ياغلىق، ئاشقۇن تېررورچى، ئاشقۇن رادىكال، دېگەن ئىبارىلەر بىلەن قىرغىن قىلىشىدىن، باستۇرۇشىدىن پۈتۈن دۇنيا ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى بۇنىڭغا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنىڭغا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى مۇشۇنىڭغا سۆرەپ كىرىۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىپ تۇرغان ھالەتتە. شۇڭا، بىزنىڭ ھازىر ۋەزىپىمىز بۇ ئېغىر ۋەزىيەتنى ياخشى تەڭشەپ، خەلقىمىزگە ۋەزىيەت قانچە ئېغىر بولغانسېرى تەجرىبىمىزنى ۋەزىيەتكە، ماكانغا، شارائىتقا ماسلاشتۇرۇپ، خەلقىمىزنى سەۋرچانلىققا، توغرا يولغا، ئېزىپ كەتمەسلىككە چاقىرىپ، خەلقىمىزنى ئۆچ ئېلىش ئىدىيەسىدىن چېكىندۈرۈپ، خەلقىمىزنى تىنچلىق بىلەن ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى خەلقئارا ۋەزىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ، خەلقئارانىڭ قوللىشى ئارقىلىق مەسىلىمىزنى ھەل قىلىدىغان بىردىن بىر چىقىش يولىمىز تىنچلىق يولى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنداق ئىتتىرىشىگە ئالدانماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى بىز داۋاملىق خەلقىمىزگە تەشۋىق قىلىۋاتىمىز، يېتەكلەۋاتىمىز. ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە تەدبىرلىرىمىزنى ئېلىپ چىقىۋاتىمىز.

مۇخبىر: خىتاي 2014‏-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى ISIS يەنى ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىگە باغلىدى. بۇ ۋەزىيەتتىكى بۇ ئۆزگىرىش ۋە بۇ مەسىلىلەر ئۇيغۇرنىڭ ھەرىكىتىگە قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟
رابىيە قادىر: دۇنيا ۋەزىيىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر بەدەل تۆلەپ كېتىشىگە تەسىر كۆرسەتتى. ئۇيغۇر دەۋاگەرلىرىنىڭ يۈكى ئېغىرلاشتى. داۋانى ئېلىپ بېرىش قىيىنلاشتى. مەيلى ISIS مەسىلىسىدە بولسۇن، مەيلى ئاشقۇنلۇق دېسۇن، مەيلى رادىكال دېسۇن، بۇنى 14 يىلدىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى يادلاپ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيادا ئۆزىنى تېررورلۇق قۇربانى، دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كىملىكى، ئەنئەنىسى، تىلىنى يوقىتىش، دىنىنى يوقىتىش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ئېتنىك ئەخلاقىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى ۋەيران قىلىش سىياسىتىنى مۇشۇنىڭ بىلەن ئىجرا قىلدى. ئەگەر سىز دۇنيادا تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ قۇربانى كىم دېسىڭىز، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇنىڭ قۇربانى. بىراق خىتاي ئۆزىنى شۇنىڭ قۇربانى، دەپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتىنى مۇشۇ گەپ بىلەن دۇنيانىڭ كۆزىنى يۇمدۇرۇپ، دۇنيانى قايمۇقتۇرۇپ، دۇنياغا ئىقتىساد تاشلاپ، ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇۋاتىدۇ، زەربە بېرىۋاتىدۇ.

مۇخبىر: 2014‏-يىلدىكى ئەھۋال بۇ بولسا، 2015‏-يىلى ئۈچۈن ئۈمىدۋارمۇ سىز؟
رابىيە قادىر: بىز ئۈمىدۋار. خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق بىزنى دۈشمەن، د ئۇ ق نىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بار، ئۇ تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بار، بۇ تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ دۇنياغا قارشى پىكىردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش، باستۇرۇش، دۈشمەن قىلىش، تېررورچى كۆرسىتىش سىياسىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئەھۋالى قىيىنلىشىۋاتىدۇ، خىتاينىڭ ۋەزىيىتىمۇ جىددىيلىشىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىمۇ ناھايىتى جىددىي ۋە ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا. يالغۇز بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئېغىر مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتمايدۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆچمەن خىتايلارمۇ، ھەر مىللەت خەلقىمۇ ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا. چۈنكى، تىنچلىق بولمىسا ئۇ رايونغا كۆچۈپ بارغان ھەرقانداق ئادەم تىنچ ياشىيالمايدۇ، ئېغىر ئەھۋالدا ياشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە سەۋرچانلىق بىلەن د ئۇ ق داۋاملىق سۆھبەت قانىلىدىن بىرنى ئېچىپ قويدۇق. بىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھەر ۋاقىت تەييار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىز بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇپ، سۆھبەت قانىلىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇخبىر: رابىيە قادىر خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشكە چاقىردى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادا ھېچقاچان ئىشەنچلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر چوڭ دۆلەت بولالمايدۇ، دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت