د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2016-11-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى پىكىر-قاراشلىرىنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلاشتى. 2016-يىلى 16-نويابىر.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى پىكىر-قاراشلىرىنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئورتاقلاشتى. 2016-يىلى 16-نويابىر.
RFA/Pida’iy

ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى داۋامىدا گوللاندىيەگە تەكرار كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 2016-يىلى 16-نويابىر كەچ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى.

ئۇ 11-نويابىر بۇ يەردىن ئۆتكۈچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپ سالام يوللىغان ئىدى.

16-نويابىر كەچلىك سۆھبەت يەنە شۇ ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلدى. پائالىيەتكە مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ كاتىپى ئىسا قاراجىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ سۆھبەتكە داخىل بولغان گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى قارشى ئېلىش تەبرىك سۆزىدىن كىيىن، رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە پىكىر-قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت