ئۇيغۇرلار بۇ رامىزاننى ھېچقاچان ئۇنۇتمايدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2015-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تەتىل مەزگىلىدە سىياسىي ئۆگىنىشكە يىغىۋېلىنغان لەڭگەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. 2012-يىلى 20-ئىيۇل.
تەتىل مەزگىلىدە سىياسىي ئۆگىنىشكە يىغىۋېلىنغان لەڭگەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى. 2012-يىلى 20-ئىيۇل.
http://ui.xjsfedu.com

يېقىندا پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزا ھېيتىنى بايراملىدى ھەم بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ ياخشى نىيەتلىرىنى بىلدۈرۈش، ياخشى ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالىدى. لېكىن دۇنيانىڭ بەزى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار بۇ ھوقۇقلىرىدىن دېگەندەك پايدىلىنالمىدى.

بۇ يىلقى رامىزان ئېيىنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق مەملىكەتلىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئېغىر مۇسىبەتتە، روھىي چۈشكۈنلۈكتە ئۆتكۈزدى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋەتىنى - ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي، مىللىي، دىنىي بېسىمى ئەڭ چېكىگە يەتكەن ئىدى. پۈتكۈل دۇنيادىكى بىر يېرىم مىلياردتىن ئوشۇق مۇسۇلمانلار ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئۇلۇق خاسىيەتلىك ئەنئەنىلىرىدىن بىرى روزا تۇتۇش پەرزىنى ئادا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي كەمسىتىشلەر، چەكلىمىلەر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ، مۇسۇلمان ئەھلىنىڭ دىققىتىدىن سىرت قالمىدى. شۇنداق بولسىمۇ بەزى مەملىكەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى كۆرمىگەنگە سېلىۋالغان بولسا، ئىككىنچى بىرلىرى قېلىپلاشقان سىياسىي ئەھۋالى سەۋەبىدىن بۇ مەسىلىگە باغلىق ئۆز مەۋقەسىنى بىلدۈرەلمىدى، ئۈچىنچىلىرى، يەنى بىردىن - بىر تۈركىيە مەملىكىتى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى قولىدىن كېلىشىچە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بىلەن قوللىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، شۇ جۈملىدىن تارىخىي ۋەتىنىدىن سىرت جايلاردا، يەنى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ۋە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي مەملىكەتلىرىنىڭ رەسمىي ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە ئۈن قاتمىدى.

پەقەت «ئازادلىق» رادىيوسى يېقىندا بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ ماقالە ئەڭ ئاممىۋىي تورلارنىڭ بىرى «سېنتىر ئاسىيا» دا تورغا قويۇلدى. ماقالە «شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرى ھېچقاچان ئۇنۇتمايدىغان رامىزان» دەپ ئاتىلىپ، ئۇنىڭ ئاپتورلىرى بريۇس پاننىيېر ۋە ئالىسا ۋالساماكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر جەھەتتىن باستۇرۇش سىياسىتى ھەم ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى»نىڭ توپلىغان پاكىتلىرى شۇنداقلا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋە بىر قاتار مەملىكەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئاساسلانغان ھالدا، ئۇلۇق روزا تۇتۇش ئېيىدا خىتاي كوممۇنىستىك تۈزۈمىنىڭ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىشلەتكەن دىنىي ھاقارەتلىرىنىڭ، چەكلەشلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ماقالىدە خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەرنىڭ ئىسلامنىڭ دىن بولۇپ شەكىللىنىش دەۋرىدىن ئىلگىرىمۇ بولغانلىقى، ھازىر، يەنى دىنىي رادىكاللىق دەۋرىدە ئىككى خەلق مۇناسىۋىتىدىكى توقۇنۇشلارغا ئاساسىي جەھەتتىن دىننىڭ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى، ئامما خىتايدىن مۇستەقىل بولۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر پۈتۈن مىللىي ھەرىكەت ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، 1949 - يىلدىن تارتىپ خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە خەنلەرنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، 90 - يىللىرى تارىم ئويمانلىقىدا نېفىت ۋە گازنىڭ تېپىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەنلەرنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپىيىپ، ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇر ۋە خەنلەر سانى تەڭلەشكەن. ماقالە ئاپتورلىرى بېيجىڭنىڭ «ئۈچ خىل كۈچلەر» گە قارشى كۈرەش باھانىسى ئاستىدا بىر نەچچە تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى سۈنئىي كەلتۈرۈپ چىققانلىقىنى، مۇشۇ يىلى ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى جەھەتتىن باستۇرۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ قېلىپ، ئەندى ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئامالىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى ئاز دەپ 109 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تايلاند دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇلۇشى ھەم خىتاينىڭ ھېچبىر دەلىلسىز بۇ مۇساپىرلارغا «تېررورچى» قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ھەم بولۇپمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ ھەم قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجاندىكى ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش خەلقلەرنىڭمۇ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دىنىي زات تۇرسۇن ھاجىم ئارزىيېف ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەنكى يىللارغا قارىغاندا بۇ قېتىمقى روزىنىڭ باشقىچە بولغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي كەمسىتىشلىرىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى:

«بىز ئۇيغۇرلارغا شۇنچىلىك بىر زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ. مەن كۆپچىلىكنىڭ نامىدىن بولۇپمۇ تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. ئۇلار بۈگۈنكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تۇتۇۋاتقان يولىغا، يەنى بىزنىڭ ئىسلامىي ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىغا دۇنيانىڭ ھەممە يەرلىرىدە نارازىلىق بىلدۈردى. ھەتتا بىزنىڭ تايلاند، مالايشىيادىكى ئادەملىرىمىزنى شۇ ياققا يۆتكەپ بەردى. ئاخىرىقى 109 ىنى تايلاند قايتۇرۇۋەتتى. شۇنىڭدىمۇ تۈركلەر بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلاردەك ئانا ۋەتىنىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ساقال قويۇش، ياغلىق تېڭىش ۋاقتى كېلىدۇ. بىزنىڭ بىر تېمىم قېنىمىز بىكار تۆكۈلمەيدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرىنى مەن قاتتىق ئەيىبلەيمەن. بىزنىڭمۇ يورۇق كۈنلىرىمىز كېلىپ قالىدۇ. بىزمۇ مۇشۇ ھېيتلارنى ھېيتكاھ مەسچىتىنىڭ ئۆپچۆرىسىدە ناغرىلارنى چېلىپ، ياخشى قارشى ئالارمىز. ھازىر شۇنچىلىك ئېغىر كۈن بولۇۋاتىدۇ. بۇنىمۇ بىزنىڭ خەلقىمىز چىداپ، بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. لېكىن بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرمەي، بۇ ئىشلار تېخىمۇ ئەۋجىيىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت