خىتايدىن قاچقان بىر ئۇيغۇر: «پەقەت ساقال قويغانلىقىم ئۈچۈنلا تەن جازاسىغا ئۇچرىدىم»

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇلغان خىتاي تۈزۈمى. رومال ئارتقان ۋە 45 ياشتىن تۆۋەن ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشى چەكلەنگەن ئۇقتۇرۇش.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا ئېسىپ قويۇلغان خىتاي تۈزۈمى. رومال ئارتقان ۋە 45 ياشتىن تۆۋەن ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشى چەكلەنگەن ئۇقتۇرۇش.
RFA/Erkin Tarim


كېيىنكى يىللاردا، بولۇپمۇ 2001 - يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلغان دىنىي بېسىم ناھايىتى كۈچەيگەن بولۇپ، كۆپ ساندا ئۇيغۇر ناماز قىلغانلىقى، ساقال قويغانلىقى، دىنىي ئىبادىتىنى ئورۇنلىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىلەرگە تاشلانغان، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان. بۇ كىشىلەردىن بىرى مەمەت ئېلى ئەپەندىدۇر.

ئۇ، 1976 - يىلى كورلىنىڭ خوتۇنسۇمۇل ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىشلەش ئۈچۈن كورلا شەھىرىگە كەلگەن. كورلىدىكى مەزگىلدە قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ياشلار بىلەن بىرلىكتە مەسچىتتە ناماز قىلىپ، ئارىلىشىپ ئۆتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەمەت ئېلىلا ساقال قويغان بولغاچقا، گۇمانلىنىپ تۇتۇپ كېتىلىپ، ساقچى ئىدارىسىدە سوراققا تارتىلغان. ساقچىلار ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېچىسى ئۇخلاتماسلىق، سۇ ئىچكۈزمەسلىك ۋە ساقىلىنى يۇڭداشتەك جازالارنى بەرگەن. 6 ئاي تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن سالامەتلىك سەۋەبىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، 2001 - يىلى 5 - ئايدا يەنە تۇيۇقسىز تۇتۇپ كېتىلگەن. بۇ قېتىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، ئاقسۇ تارىم لاگېرىدا دەل 2 يىل خىش زاۋۇتى بىلەن ئېتىزلىقتا كېۋەز تېرىشقا سالغان.

مەمەت ئېلى ئەپەندى 2003 - يىلى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش جازاسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن كورلىغا قايتىپ كەتكەن بولسىمۇ، ساقچى ئىدارىسى يەنىلا نازارەت قىلىپ ئاراملىق بەرمىگەن.

بۇنى كۆرگەن مەمەت ئېلى خەرىتىگە قاراپ ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن دۆلەت قىرغىزىستانغا تاغلارنى ئېشىپ قېچىپ چىققان. قىرغىزىستاندا 2 يىل تۈرمىدە قامىلىپ، قىسمەن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن مەمەت ئېلى ئۇ يەردە توي قىلىپ بالا - چاقىلىق بولغان. 9 يىل قازاقىستاندا تۇرغان بولسىمۇ، پۇقرالىققا ئۆتەلمىگەن مەمەت ئېلى ئەپەندى، 2014 - يىلى تۈركىيەگە قېچىپ چىققان.

ئۇ، 2001 - يىلىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ھاياتىنىڭ ئەنسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى پەقەتلا ساقال قويدى دەپ جازالىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆزىگە ئوخشاش ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت