خوتەن ناھىيەسىدىكى بىر كەنتتە 70 ئائىلىدىكى ئەر - ئايالنىڭ ساقال - بۇرۇتى چۈشۈرۈلۇپ، روپاشلىرى ئېلىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۆمۈر رېشاتكىلىق ھويلىغا سولانغان ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرى.
تۆمۈر رېشاتكىلىق ھويلىغا سولانغان ھىجاپلانغان ئۇيغۇر ئاياللىرى.
RFA/Ruqiye


ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 9 - ئايدىن بۇيان خوتەن ناھىيەسىدىكى يېزا - كەنتلەردە دائىرىلەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلەرگە قارىتا مىسلىسىز دەرىجىدىكى كونتروللۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەن.

خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يېزىسىنىڭ مەلۇم كەنت سېكرىتارى بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ يىل 9 - ئايدىن بۇيان مەزكۇر كەنتتە ئولتۇرۇشلۇق 70 ئائىلىدىكى 45 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ساقال - بۇرۇتى چۈشۈرۈلۈپ، بارلىق ئاياللارنىڭ روپاشلىرى مەجبۇرىي ئېلىۋېتىلگەن.

مەلۇم بولۈشىچە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى يېزا - كەنتلىرىدە بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى بۇ تۈردىكى چەكلىمىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئىجرا قىلىشتا مەلۇم دەرىجىدە ئېلاستىكىلىق چارە - تەدبىرلەر قوللىنىلغان. ھالبۇكى، بۇ يىل مايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر يىل داۋاملىشىدىغان «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى باشلانغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ قارىقاشتىكى «قورشاپ تۇتۇش» ھەرىكىتىدىن كېيىن يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دېھقانلارغا بولغان كونتروللۇقى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچەيگەن.

يوقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بېسىمى ۋە كۆرسەتمىسى بىلەن كەنت كادىرلىرى دېھقانلارنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى ئائىلىۋىي ھاياتى ۋە دىنىي ئادەتلىرىگە قەدەر چات كېرىۋالىدىغان ئىشلار ھەسسىلەپ كۆپەيگەن.

لاڭرۇ يېزىسىدىكى مەلۇم كەنت سېكرىتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 9 - ئايدىن بۇيان ناھىيەلىك ۋە يېزىلىق پارتكومنىڭ بېسىمى بىلەن كەنت كادىرلىرى كېچە - كۈندۈز نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇپ كەنتنىڭ «مۇقىملىقى» نى ساقلىغان. يوقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كەنت تەۋەسىدە تېخىچە يۈزىنى ئېچىۋەتمىگەن ئەڭ ئاخىرىقى 70 ئائىلىدىكى چوڭ - كىچىك ئاياللارنىڭ روپاشلىرىنى پۈتۈنلەي ئېلىۋەتكەن.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ھۆكۈمەتتىن بېرىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى توختىتىش، جەرىمانە قويۇش ياكى قاماپ قويۇش، ھەتتا تۇتۇپ يوقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىشتەك تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ۋە تەھدىتلەر ئارقىلىق، ئاخىرى كەنتىمىزدىكى ئەڭ ئاخىرىقى 70 ئائىلىدىكى ئاياللارنىڭ يۈزىنى تولۇق ئېچىپ بولدۇق. ئەرلەرنىڭ بۇرۇت - ساقال مەسىلىسىدە 45 ياشنى ئۆلچەم قىلدۇق. ئەگەردە 45 ياشتىن يوقىرى ئەرلەر مۇۋاپىق يوسۇندا بۇرۇت - ساقال قويغان بولسا، ئۇلارغا سۈكۈت قىلدۇق. ئەگەردە 45 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر، بولۇپمۇ بۇرۇت - ساقالنى غەلىتە قويىۋالغان ياكى ياش تۇرۇپ ساقال قويىۋالغانلارنى تەنقىد - تەربىيە ئېلىپ بېرىش ھەتتا قورقۇتۇش ئارقىلىق بۇرۇت، ساقاللىرىنى پۈتۈنلەي چۈشۈردۇق. بۇرۇت قويغانلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى. قارشىلىق قىلغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ياكى ئانىلىرىنى ئەكىلىپ تەربىيە ئىشلىدۇق. روپاشنى ئېلىۋېتىشنى رەت قىلغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرى بىلەن ئاتىلىرىنى ئەكىلىپ خىزمەت ئىشلىدۇق. ئۇلارغا ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا قارشىلىق قىلماسلىقنى، ئەگەر قارشىلىق كۆرسەتسە، نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ماقۇلغا كەلتۈردۇق. مۇشۇنداق بىر قاتار جاپالىق خىزمەتلەر نەتىجىسىدە كەنتىمىزدىكى بارلىق ئائىلىلەرنى كېلىشىم ۋە ئەھدىنامىلەرگە قول قويدۇرۇپ ساقال،بۇرۇت ۋە روپاشلاردىن خالىي قىلدۇق.»

ئۇ يەنە ھەر جۈمە كۈنى كەنت ساقچىلىرى بىلەن بىللە مەسچىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ جۈمە ناماز ئوقۇشىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى، سىرتتىن كەلگەن «گۇمانلىق ئادەملەر» ياكى «ياش قورامىغا توشمىغان» مەكتەپ بالىلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى توسۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت