قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىكى ئۇيغۇر: چەتئەلگە چىقىش ئالدىدىكىلەر بەلنى چىڭ باغلىسۇن

ئىككى ھەپتە ئىلگىرى گوللاندىيىدىن قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر پاناھلانغۇچى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كەچمىشلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە، چەتئەلگە چىقىش ئالدىدىكى ئۇيغۇرلارنى بەلنى چىڭ باغلاشقا چاقىردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئۇيغۇر ئابدۇلفارۇق رابىيە قادىر خانىم بىلەن. 2012-يىلى 21-سېنتەبىر، گوللاندىيە.
پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئۇيغۇر ئابدۇلفارۇق رابىيە قادىر خانىم بىلەن. 2012-يىلى 21-سېنتەبىر، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

گوللاندىيە سوت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ياش ئابدۇلفارۇقنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلىپ، ئۇنى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى قايتۇرۇشقا ھۆكۈم قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئارىلىشىشى ۋە گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى پارتىيىلەرنىڭ كۈچ چىقىرىش بىلەن ئابدۇلفارۇق قايتۇرۇلۇش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.

ئابدۇلفارۇق ئابدۇلغەنى ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزدە بۇرۇندىن تارتىپ ھېس قىلىپ كېلىۋاتقان، ھىجرەت قىلغۇچىلارنىڭ مۇھاجىرەت سېپىگە كېرىپ كېلىشىدە، ھېچقانداق ئىدىيىۋى تەييارلىقى بولماسلىق، بارغان يېرىدە قانداق ئۆتكەللەرگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىك، دەلىل-ئىسپاتلىرىنى لايىقىدا تەييارلىيالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدا دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەتلىرى نامايان بولدى.

گوللاندىيىگە كەلگىنىگە بىر يېرىم يىل بولغان ئابدۇلفارۇق ئەپەندى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن كېيىنلا، پاناھلىق لاگېرىدا جاۋاب كۈتۈپ تۇرغان. بۇ قېتىم تۇيۇقسىزلا چاقىرتىلىپ، قىسقىغىنا سۆھبەتتىن كېيىن قايتۇرۇلۇشقا ھۆكۈم قىلىنغان. مەزكۇر بۇنىڭغا جاۋابەن ھۆكۈمگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. نەتىجىدە گوللاندىيىدىكى ئىلتىجا ئىشلىرى ئورگىنى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى خادىملارنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن بىر قاتار تالاش-تارتىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان.

ئابدۇلفارۇق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ پاناھلىق تىلەش ئارقىلىق مۇھاجىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى گوللاندىيىگە كېلىپ ئاندىن بىلگەن ۋە بۇ مۇھاجىرەتتىكى ھاياتىنىڭ سىياسىي ھايات بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن، گوللاندىيىدىكى تەشكىلاتلارغا يېقىن تۇرۇپ، ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇپ كەلگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خىتايلار ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە بېسىم قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلفارۇق ئەپەندى ۋەتەندىكى چاغلىرىدىن باشلاپلا تارىخقا قىزىقىپ، ئىزدەنگەن ۋە خىتايلارغا بولغان نەپرەت قارىشىنى تىكلىگەن.

ئۇ يەنە يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلەپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئارقىغا چېكىنمەسلىككە ئۈندىدى، ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىپ چىقماقچى بولغانلارنى بەلنى چىڭ باغلاپ ئاندىن چىقىشقا چاقىردى. ئۇ، سىياسەتكە ئارىلاشمايۋاتقان، ئارقىغا چېكىنىۋاتقانلارغا بولغان مەيدانىنى ئىپادىلىدى.

ئۇ يەنە گوللاندىيىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ مۇھاجىرەت سېپىگە كىرىپ كېلىۋاتقان يېڭى مۇھاجىرلارغا كۆپرەك خىزمەت ئىشلىشىنى، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ئاكتىپلىققا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىرغا قەدەر بىز ئۇچراتقان پاناھلانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي پاناھلىق يوللىرىدىن ھېچقانداق خەۋەرسىز ھالدا سەپەرگە ئاتلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇپ كەلدى. بۇنىڭدا چەتئەللەرگە يولغا سالغان ھايانكەشلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى، مۇھاجىرلارنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكى جەمئىيەتلەر بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانلىرىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، چەتئەللەردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى ھاياتلىق يوللىرىنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى يوشۇرۇشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئىزچىل تەكرارلىنىۋاتقانلىقى بارلىق ۋىجدان ئەھلىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت