تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ قۇتۇلغان كامىلجان بىلەن سۆھبەت

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-09-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تايلاندىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار
تايلاندىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار
RFA/Erkin Tarim


2014 - يىلىنىڭ باشلىرىدىن 2015 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆپ ساندا ئۇيغۇر مۇساپىر تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى. بۇ ئۇيغۇرلاردىن 119 كىشى خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ھازىرغىچە تايلاند تۈرمىلىرىدە ياتماقتا. كامىلجان ئەپەندى تايلاند تۈرمىسىدىن قېچىپ، 8 كۈن پىيادە مېڭىپ مالايشىياغا بېرىپ، ئۇ يەردىمۇ تۈرمىلەردە يېتىپ، ئىككى ئاي بۇرۇن تۈركىيەگە كەلگەن. بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ھازىرغىچە ھېچقانداق جايدا ئاشكارىلانمىغان مەلۇماتلارنى ئىگىلىدۇق.

تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلاڭلار.

- كامىلجان ئەپەندى سىز يۇرتىڭىزدىن قاچان، قانداق ئايرىلدىڭىز؟

- مەن 2013 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىككى قىزىمنى ئېلىپ، ئايالىم بىلەن 4 بالامنى تاشلاپ، مەن بىر چىقاي ئاۋۋال دەپ 2013 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئەزىز ۋەتەندىن كۆزۈمدىن ياش تۆككەن ھالدا ئايرىلدىم.

- يۇرتىڭىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قايسى يول بىلەن قانداق ماڭدىڭىز؟

- 9 - ئايدىن بۇرۇن ئىككى قېتىم پاسپورت ئۈچۈن بىر قېتىم 60 مىڭ، ئىككىنچى قېتىم 30 مىڭ سوم پۇل تۆلەپ ئالالمىدىم. 2013 - يىلى 6 - ئايلاردا قاچاق يوللارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدۇق.

- ۋەتەندىن ئايرىلىشتىكى سەۋەب نېمە ئىدى؟

- مەن ۋەتەندە 5 مىڭ سوم پۇلغا ئىشلەيتتىم. خوتەندە باغ باشقۇرىمەن. ئەسلى كەسپىم باغۋەنچىلىك. توخو باقىمەن، كۆك تېرىيمەن، ھەممە نەرسە باغدىن چىقىدۇ. ھەر ئاي ئالغان 5 مىڭ سومنى يا خەجلەيمەن، ھەر ئاي 4 مىڭ سوم يىغالايمەن. شۇنداق تۇرۇغلۇق خىتاينىڭ بېسىمى بىزنى يۇرتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى.

- نېمە بېسىملار بار ئىدى؟

- نېمە بولاتتى، سەن ئوقۇدۇڭ، سەن تالىپ، نۇقتىلىق باشقۇرۇش ئائىلىسى، ھەپتىدە بىر قېتىم دوكلات بېرىشىڭ كېرەك دەيدۇ. مەن ئەسلىدە قەشقەرلىك. ھەپتىدە ئىككى قېتىم دوكلات بەرمىسەڭ بولمايدۇ، دېدى، ماقۇل دېدىم. ئەگەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم دوكلات بەرمىسەم ئىش ئورنىمدىن تۇتۇپ ئېلىپ كېتىدۇ. خوجايىنىم ساقچىلار كەلسە كۈتۈپ مېھمان قىل قۇتۇل دەپ مىڭ سوم پۇل بەردى، ساقچىلارنىڭ ماشىنىلىرىنى بېزەتتىم، ئاشخانىغا ئەكىرىپ مېھمان قىلدىم. 1200 سوم پۇل خەجلىسەممۇ مېنى قويۇپ بەرمەي ساقچى ئىدارىسىغا ئاپاردى. خوتەندىن قەشقەرگە ئاپىرىپ سولىدى، 44 كۈن قاماقخانىدا ياتقۇزۇپ، مەندىن يەنە 25 مىڭ سوم جېرىمانە ئېلىپ، قويۇپ بەردى. ناھايىتى كۆپ ۋەدىنامىلەرنى يازدىم. ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشمايمەن، 8 كۈندە ئىككى قېتىم ساقچىخانىغا دوكلات قىلىمەن دەپ ۋەدىنامە يېزىپ تاپشۇردۇم. كېيىن خوتەنگە قايتتىم، 8 كۈندە ئىككى قېتىم تېلېفون قىلىپ، دوكلات قىلىپ تۇرساممۇ ساقچىلار يەنە خوتەنگە بارىدۇ. ئىنساپ قىلسا خوتەندىكى تۈرمىگە ئاپىرىپ سورايدۇ، ئىنساپ قىلمىسا يەنە قەشقەرگە ئېلىپ يېنىپ كېلىدۇ.

- سىز نېمە بولۇپ خوتەنگە كەتكەن؟

- يۇرتتا تۇرۇش ئىمكانىيەتىمىز يوق ئەمدى. ئىككىنچى بالامنى يېقىن تۇغۇلۇپ قاپتۇ دەپ، 2500 سوم جەرىمانە ئالدى. 85 ياشتا دادام بار، 76 ياشتا ئانام بار، ئاخىرى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئايالىڭنىڭ يۈزىنى ئاچىمەن دەپ تۇرۇۋالدى، نېمىشقا ئاچىسەن، بۇ ئايالنى مەن ئالغان تۇرسام دېدىم. ئايالىڭ باشقىلارغا يامان تەسىر بېرىدىكەن دەيدۇ. 40 مو يېرىمىز بار، شۇ يەرنىڭ ئۈستىدىلا بىزنىڭ ئۆي، سىرتقا بارمايمىز. شەھەرگە بىر نەرسە ئالغىلى بارساق، ئىشكىنىڭ ئالدىدىنلا ئايالىمنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، نەرسە - كېرەكنى ئېلىپلا ئۆيگە قايتىمىز. بەش سوملۇق يولغا 150 سوم پۇل تۆلەپ ماڭىمىز. يولدا ساقچى تۇتىۋېلىپ ھىجابىڭنى ئاچ دېدى، 500 سوم جېرىمانە قويدى، ئۆيگە كىرىپ ئاچتى. بۇ دىنىي خورلۇق پارتلىتىپ، ئاخىرى قەشقەردىن خوتەنگە چىقتۇق. 2 يېرىم مىڭ سوم مائاش بىلەن باشلىغان، كېيىن 5 مىڭ سومغا چىقتى. شۇنداق ياخشى ئىشىمنى قىلغىلى قويماي قەشقەرگە كېلىسەن دەپ تۇرۇۋالدى. خوجايىنىم خوتەندە يۈزى بار ئادەم ئىدى، مەن كېپىل بولاي، دېسىمۇ خوتەن ساقچىلىرى ئۇنىماي 24 سائەت ئىچىدە قەشقەرگە كېتىپ بولىسەن دېدى. مەن ساڭا نېمە قىلدىم؟ ۋاقىتلىق نوپۇس دېدىڭ ئالدىم، بالىلىرىمنى مەكتەپكە بەردىم، يەنە نېمە قىلىپ بەرسەم بولاتتى ساڭا دېدىم. خوجايىنىم «مەن كېپىل بولاي دېدىم، ئىچكىرىدىن خىتايلار كېلىپ ئىشلىسە بولىدىكەن، قەشقەردىن كېلىپ ئىشلىسە نېمىشقا بولمايدىكەن» دەپ ساقچىلار بىلەن تۇتۇشۇپ كەتتى. خوتەندە مېنى تۇرغۇزمىدى ساقچىلار، شۇنىڭ بىلەن 4 بالام بىلەن ئايالىمنى تاشلاپ، ئىككى بالامنى ئېلىپ ئىچكىرىگە باردىم. بالام بىلەن كۈنمىڭغا بېرىپ خىتاي چېگرىسىدىن ئۆتۈپ تايلاندقا كېلىپ تۇتۇلدۇق.

- 2014 - يىلى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تۈركىيەدىكى گېزىتلەردا «تايلاندا بىر غەلىتە ۋەقە: 200 تۈرك ئورمانلىقتا تۇتۇلدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. بۇلار سىلەر ئۇيغۇرلار ئىكەنسىلەر، بۇ ئورمانلىققا قانداق كەلدىڭلار؟

- بىز كۈنمىڭغا كەلگەنلىكىمىزنى بىلىمىز، ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنى بىلمەيمىز، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى بىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايمىز. بىز چوڭ - كىچىك بولۇپ 23 ئۇيغۇر ئىدۇق.

- سىز خىتايغا قانچە پۇل تۆلىدىڭىز؟

- 92 مىڭ سومغا يېقىن پۇل تۆلىدىم. كامبودژاغا كەلگەندىن كېيىن يەنە ئايرىم 68 مىڭ سوم پۇل تۆلىدىم. تايلاندقا كەلگەندىن كېيىن تۇتۇلدۇق. پۇلنى قايتۇرۇپ بەرسۇن دېگەن بولساقمۇ ئاقمىدى. مالايشىيانىڭ چېگرا رايونىدىكى ئورمانلىقتا 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتۇلۇپ قالدۇق.

قىممەتلىق رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، كېيىنكى پروگراممىمىزدا كامىلجاننىڭ تايلاند تۈرمىسىدىن قانداق قاچقانلىقى، مالايشىيا تۈرمىسىدە تارتقان جاپالىرىنى ئاڭلىتىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت