تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 4 ياشتىكى ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلى ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تايلاندتا 6 يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئابدۇۋېلى بۈگۈن كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي تايلاندتىكى بىر دوختۇرخانىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

4 كۈندىن بېرى تايلاندتا بۇ ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان لاگىرلارنى ئايلىنىۋاتقان، بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشىلەردىن بىرى بولغان ئابدۇلقادىر تۇمتۈرك ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 10 ئايدىن بېرى بۇ لاگىرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى ئايال ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەممىسى كىچىك ئۆيلەردە سېمونت ئۈستىدە ياتقاچقا، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە تۇرمۇش شەرت-شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن كۆپىنچىسى كېسەلمەن بولۇپ كەتكەن، بۇلارنى جىددىي تۇتۇپ داۋالىمىغان تەقدىردە كېسەلمەن بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى ئاستىدا ئىكەن. ئۇ، 10 ئاي ئىچىدە بۇ لاگىردا 10 ئەتراپىدا بوۋاقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، سۆزىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت