ئۇيغۇر دىيارىدا «تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ سانى ئازايغان، ئەمما تەھدىتى كۆپەيگەن»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2017-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ خوتەنگە يۆتكەپ كەلگەن قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست.
خىتاينىڭ خوتەنگە يۆتكەپ كەلگەن قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست.
AFP


خىتاي مەتبۇئاتى ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ سانى ئازايغان بولسىمۇ، تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ تېخىمۇ ئارتىپ بارغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، «خىتاي كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ ئىنگلىزچە سەھىپىسى 21-مارت ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك، «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى» نىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ سانىدا ئازىيىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، يوشۇرۇن تەھدىتنىڭ يەنىلا كۆپىيىپ بارغانلىقىنى، بەلكى خەتەرنىڭ ئىنتايىن يۇقىرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«تېررورلۇقنىڭ سانى ئازايدى، تەھدىتى كۆپەيدى» ناملىق بۇ خەۋەردە «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ زوراۋان رادىكالىزمنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىپادە قىلماقتا. ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ رايونىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى ۋە قالايمىقانچىلىقلار يۈز بېرىپ، يۈزلىگەن كىشى ئۆلدى» دېيىلگەن بولۇپ، خەۋەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار شىنجاڭ رايونىدا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قوزغاپ، ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان قۇرماقچى» دەۋاتقانلىقىمۇ بايان قىلىنغان. بىراق، «كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسكىرى تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان پوزىتسىيەدە بولۇپ، بېيجىڭنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئەيىبلىمەكتە» ئىكەن.

خىتاينىڭ كۈندىلىك گېزىتى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاساس قىلغان بۇ ماقالىسىدە، 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا تېررورلۇق تەشكىلاتقا قاتناشقۇچىلار ياكى زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىنى تەشكىللىگۈچىلەر سانىدا ئازىيىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بىراق خىتاينىڭ تېررورىزم مۇتەخەسسىسى لى ۋېي بۇ قاراشقا باشقىچە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر دىيارىدىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرى سانىنىڭ ئازىيىشىدىكى بىر چوڭ سەۋەب، نۇرغۇنلىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى پەقەت پىلان باسقۇچىدىلا مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىغان. تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇرۇنۇش سان جەھەتتە ئەسلا ئازايمىغان».

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ تېررورىزم مۇتەخەسسىسى لى ۋېينىڭ پىكرىنى قوللاپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىرقى تىنچلىقنىڭ نىسپىيلىكىنى تىلغا ئالدى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتتا، ئۇيغۇر دىيارىدا ۋەقە سادىر قىلغۇچى تېررورلۇق گۇماندارلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى 80-يىللىرى ۋە 90-يىللىرى تۇغۇلغانلاركەن، يەنە كېلىپ كۆپلىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بولسا بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن تەركىب تاپقان.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان ھەربىي ھالەت تۈسىدىكى قاتتىق باشقۇرۇش ھەمدە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكىگە ئوخشايدىغان ئېغىر بېسىم سىياسىتى «تېررورلۇق» دەپ ئاتىلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۆپىيىشىگە زېمىن ھازىرلاۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ سىياسىتى ئۆزگەرمىسە، قارشىلىقلارنىڭ خاراكتېرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممدى ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختالغاندا، زوراۋانلىق تۈسىدىكى قارشىلىقلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«تېررورلۇقنىڭ سانى ئازايدى، تەھدىتى كۆپەيدى» ناملىق خەۋەردە ئىزاھلىنىشىچە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى «چەتئەللەردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى چوڭقۇرلاشقان، دۆلەت ئىچىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى يەنىمۇ چوڭىيىشى مۇمكىن» دېگەن. بىراق، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دائىرىسىدىكى بىر ئەرباب رويتېرىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سانىنىڭ ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان مەلۇماتتىن كۆپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ھازىرقى بېسىم سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«تېررورلۇقنىڭ سانى ئازايدى، تەھدىتى كۆپەيدى» ناملىق خەۋەردە يەنە، ئۆتكەن ھەپتىلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قوراللىق ساقچى قىسىملارنىڭ قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قوراللىق ئۇنسۇرلار ۋە بۆلگۈنچىلەرگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن. ھەتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىق ئۈچۈن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى چارلاشقا سېلىۋاتقانلىقى، ماشىنىلارغا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى ئورنىتىپ نازارەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن ئايلاردا يېڭىسار پالتىلىق ھۇجۇم ۋەقەسى ۋە گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىغا ئوخشاش زوراۋانلىق تۈسىدىكى قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ بۇ سەۋەبتىن 4 مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق ساقچى قىسمىنى ئۇيغۇر دىيارىغا توشۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا ھەربىي ھالەت تۈسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت