ئوخشاش داۋادا خىتاي ئەرزدار تۆلەمگە ئېرىشكەن، ئۇيغۇر ئەرزدار جاۋابسىز قالدۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014-07-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىش ئۈستىدە يارلانغان ۋە ئەرز جەريانىدا ۋاپات بولغان تايىر ئابدۇراخمان
ئىش ئۈستىدە يارلانغان ۋە ئەرز جەريانىدا ۋاپات بولغان تايىر ئابدۇراخمان
RFA


2012 - يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىككى ئەرزدار بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

ئەرز خېتى
ئەرز خېتى Photo: RFA

بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرى ئۇيغۇر، يەنە بىرى خىتاي. ھەر ئىككى ئەرزدار خىزمەت ئۈستىدە يارىلانغان دادىسى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي ئەرزدارنىڭ دادىسى ئاقتۇ ناھىيىسىدە 70 - يىللاردا 12 يىل تاشيول ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ دادىسى تاھىر ئابدۇراخمان بولسا، ئۈستۈن ئاتۇشتا 8 يىل تاشيول ئىشچىسى،15 يىل سۇ ئىشلىرى تېخنىكى بولۇپ ئىشلىگەن.
مەركىزىي خوجىلىق ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ ئەرزنى يەرلىككە ئىتتىرىپ يازغان ھۆكۈمى
مەركىزىي خوجىلىق ئۇيۇشمىسىنىڭ بۇ ئەرزنى يەرلىككە ئىتتىرىپ يازغان ھۆكۈمى Photo: RFA

خىتاي ئەرزدار بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپ 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن پۇل ۋە ئۆي زېمىنغا ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئەرزدار دادىسى زەخىملەنگەن 2005 - يىلدىن تا بۈگۈنگىچە ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

تۆۋەندە بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت