تيەنئەنمېن ھۇجۇمى يۈز بەرگەن كۈنى ئۇيغۇر غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئومۇميۈزلۈك «يوقلىما» قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن غايىب بولغان كىشىلەر (سول تەرەپ يۇقىرىدىن سائەت ئىستىرىلىكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە): مەمەتئابلا ئابدۇرېھىم، زاكىر مەمەت، مۇختەر مەخەت، تۇرسۇنجان توختى
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن غايىب بولغان كىشىلەر (سول تەرەپ يۇقىرىدىن سائەت ئىستىرىلىكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە): مەمەتئابلا ئابدۇرېھىم، زاكىر مەمەت، مۇختەر مەخەت، تۇرسۇنجان توختى
Photo: RFA

تيەنئەنمېن ھۇجۇمى يۈز بەرگىنىگە 15 كۈن بولدى. گەرچە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىقنى ئىپادىلەشنىڭ ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكى ئاپئايدىڭ بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەگە ھۇجۇمچىلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلە ھاياتىدىن نېمىلەرنىڭ تۈرتكە بولغانلىقى ياكى قوشۇمچە رول ئوينىغانلىقى تېخىچە مەلۇم ئەمەس. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى تەخمىن قىلىنغان سەۋەبلەر قاتارىدا، ھۇجۇمچى ئوسمان ھەسەننىڭ مەھەللىسىدە يۈز بەرگەن پىلال مەسچىت ۋەقەسى، ئوسمان ھەسەننىڭ ئىنىسى ئابلىكىم ھەسەننىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراپ قازا تاپقانلىقى، شۇنداقلا يەنە ئوسمان ھەسەننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بىرىنىڭ 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلەشلىرى داۋامىدا ئاخىرقى تەخمىننىڭمۇ ئورۇنسىز ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى نەق ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدىكى غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەكشۈرۈپ چىققان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ ھەقتە ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت