جەنۋەدە چاقىرىلغان ئۇ ن پ ئو يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016-11-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇ ن پ ئو رەئىسى مارىنو باسدۇخېن ئەپەندى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى يىغىنىدا. 2016- يىلى 27-ئاپرېل  بېرلىن، گېرمانىيە
ئۇ ن پ ئو رەئىسى مارىنو باسدۇخېن ئەپەندى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى يىغىنىدا. 2016- يىلى 27-ئاپرېل بېرلىن، گېرمانىيە
RFa

25 - نويابىر ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن چاقىرىلغان « ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 26-، 27 - نويابىر كۈنلىرى يەنە ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن. د ئۇ ق باش كاتىپى، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇ ن پ ئو ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى بولغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ يىغىنغا قاتناشقان.

ئۇ ن پ ئو ئۆز نىزامنامىسىگە كۆرە، ھەر ئىككى يىلدا ئومۇمىي قۇرۇلتاي، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى چاقىرىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرىكى 6 ئايلىق خىزمەت دوكلاتى تەقدىم قىلىنغان ۋە كېلەر 6 ئايلىق خىزمەت پىلانلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ خۇسۇستا بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىغىندا يەنە ئۇ ن پ ئو غا ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنغان بىر قىسىم دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىلتىماسى كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن. ئۇ ن پ ئو دا ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان كوسۇۋا دۆلىتى ئەزالىقتىن قالدۇرۇلغان، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى توڭلىتىلغان. ئۇ ن پ ئو نىڭ كىلەر يىلى چاقىرىلىدىغان ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنى تەيۋەن ۋەكىللىرىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تەيبېيدە ئۆتكۈزۈش ياكى شوتلاندىيەنىڭ ئىلتىماسى بىلەن پايتەخت ئېدىنبۇرگدا ئۆتكۈزۈش ۋەياكى يېڭىدىن مۇستەقىل بولغا ئافغازىيەدە ئۆتكۈزۈش مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇ ن پ ئو بۇ قېتىمقى يىغىنىدا 2017 - يىلى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ ب د ت ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدا بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان بەزى مۇھىم قۇرۇلتاي ياكى يىغىنلارنىڭ كۈنتەرتىبىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

مەزكۇر يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

ئايان بولغىنىدەك، 23 - نويابىر ب د ت نىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدە ئۇ ن پ ئو، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ئوكىخفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساھىپخانلىقىدا 4 - نۆۋەتلىك « ۋەكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە كۇرسى» يىغىنى چاقىرىلغان بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ئۇ ن پ ئو ۋەكىللىرى ب د ت ئالىي كومىسسارلىقى مۇھاجىرلار بۆلۈمىگە ھىندىستاندىكى 3 نەپەر ئۇيغۇرغا جىددىي ئىگە چىقىش ئىلتىماسىدا بولۇنغان. خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىمۇ ب د ت ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندىغا ئالاھىدە مەكتۇپ يوللاپ  ئادىل، ئابدۇخالىق، ئابدۇسالاملارنى ئۆلۈم تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلغان.

ئادىل، ئابدۇخالىق، ئابدۇسالام قاتارلىق 3 ئۇيغۇر 2013 - يىلى 6 - ئايدا ھىندىستاننىڭ سۇلتان چۇسكۇ دېگەن جايىدا چېگرىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، 18 ئايلىق قاماق جازاسىدىن كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىدى ۋە بۇ ۋەقە خەلقئارادا تۈرلۈك ئىنكاسلارغا سەۋەب بولىۋاتاتتى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: « ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قوشنا دۆلەتلەردىمۇ دەپسەندە قىلىنماقتا. بەزى دۆلەتلەر خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قورقۇپ ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە سەل قاراپ ئۇيغۇرلارغا ھەقسىز مۇئامىلىلەردە بولماقتا. ب د ت ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندېنىڭ ھىندىستان باش مىنىستېرى نارېندرا مودېدىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىگە ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقان 3 ئۇيغۇرنى قوغداپ قېلىش مەجبۇرىيىتىنى بارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى جىددىي ھېس قىلىشى لازىم. ئەكسىچە تەقدىردە، بۇ ئۇيغۇرلار  شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يا ئۆلۈمگە بۇيرۇلىدۇ، يا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا يولۇقىدۇ ياكى غايىپ بولۇپ كېتىدۇ. بىز مانا بۇ ھەقتە ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە مۇراجىئەتلەردە بولىۋاتىمىز.»

مەلۇمكى، ئۇ ن پ ئو ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 45 خەلقئارالىق تەشكىلاتتىن تەركىپ تاپقان كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولۇپ، ب د ت دا ۋەكىلى بولمىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەردىن تۈزۈلگەن  مەزكۇر تەشكىلات ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1991 - يىلى گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ شەھجرىدە قۇرۇلغان. ئۇنىڭ 4 نۆۋەتلىك رەئىس ياكى باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۈستىگە ئالغان. 2008 - يىلىدىن باشلاپ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇ ن پ ئو ئىجرائىيە كومىتېتىغا ئەزا بولۇپ سايلانغان. ئۇ ن پ ئو قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن پائالىيەتلىرىنى د ئۇ ق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت