«خىتايدىكى DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى ئۇيغۇرلار بولماقتا»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ساقچىسىنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 24-مارت، قەشقەر. (خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ توربېتىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
خىتاي ساقچىسىنىڭ كوچىدا كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ياشنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 24-مارت، قەشقەر. (خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ توربېتىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
Photo: RFA

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ پۇقرالارنىڭ (DNA) ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ھەرىكىتى ئۈستىدە مۇھىم بىر دوكلات ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى DNA ئەۋرىشكىسى يىغىش ھەرىكىتىدە ئاساسلىق ئۇيغۇرلارنى، ئۆكتىچىلەرنى ۋە كۆچمە نوپۇسلارنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردىن دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىمۇ زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتىكەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلارنىڭ مەخپىيلىكىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن بىرگە، بەلگىلىك گۇرۇپپىلارنى ئاساس نىشان قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى كەمسىتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «خىتاي ساقچىلىرىدىكى DNA ئۇچۇرلىرى خۇسۇسىي ئۇچۇرنىڭ مەخپىيەتلىكىگە خەۋپ تۇغدۇرماقتا» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە تۈرلۈك ناملار ئاستىدا 40 مىليون كىشىنىڭ DNA ئۇچۇرىنى يىغقان بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىق ئۇيغۇرلاردىن، ئۆكتىچىلەر ۋە كۆچمە نوپۇسلاردىن ئېلىنغان ئىكەن.

دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ساقچىلار ئادەتتىكى پۇقرالارنى-جۈملىدىن يا جىنايەتچى بولمىغان ياكى جىنايەت گۇماندارىمۇ بولمىغان ئادەتتىكى كىشىلەرنى قان بېرىپ، DNA ئەۋرىشكىسىنى بېرىشكە زورلاۋاتىدۇ. ئەۋرىشكىلەر يەنە ئەسلىدىلا ھۆكۈمەتنىڭ ئېغىر تەقىبىگە ئۇچراۋاتقان گۇرۇپپىلار يەنى ئاققۇن ئىشچىلار، ئۆكتىچىلەر ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن ئېلىنماقتا. چۈنكى خىتايدا ساقچىنىڭ ھوقۇقى چەكسىز بولۇش بىلەن بىرگە خىتايدا ئۇچۇرنىڭ خۇسۇسىيلىقىنى قوغداشقا ئائىت ئەمەلىي بىر قانۇنلار بولمىغانلىقتىن كىشىلەر ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرىنى بېرىشنى رەت قىلىش ھوقۇقىمۇ يوق» دەپ بايان قىلغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم بۈگۈن بىزگە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ھەرىكىتىنى «خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ»، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى خىتايدا پۇقرالارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا ئائىت ھېچقانداق بىر ھوقۇقى يوق بىر ئەھۋال ئاستىدا ۋە شۇنداقلا بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھوقۇقىمۇ يوق بىر شارائىت ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھېچقانداق جىنايىتى ياكى جىنايەت گۇماندارى بولمىغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئۆيلىرىدە، مەكتەپلەردە، خىزمەت ئورۇنلىرىدا مەجبۇرىي ھالدا قان بېرىپ DNA ئۆرنىكىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. يەنى بىزنىڭ قارىشىمىزچە، دۆلەت پۇقرالارنىڭ رازىلىقى بولماي تۇرۇپ ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر يىغىۋاتىدۇ. مانا بۇ خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ».

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى، دوكتور مەمتىمىن ئەپەندى DNA ئۇچۇرىنى يىغىشنىڭ ئادەتتە ئامېرىكىغا ئوخشاش تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئاللىقاچان باشلانغان بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۇچۇرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا ئائىت جىددىي قانۇنلار ئاساسىدا ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار، خىتاي ئۆكتىچىلەر ۋە ئاققۇن ئىشچىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا 40 مىليون كىشىنىڭ DNA ئۇچۇرىنى يىغىپ ئامبارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ بولغان. سوفى خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق «خەلقنى كونترول قىلىش» «تەقبى قىلىش» نى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى :«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى بولسا ئېنىق، پەرقلىق ۋە دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پەن-تېخنىكىنىڭ بارلىق ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ پۇقرالارنى تەقىب قىلىشنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. بۇمۇ خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى تەلەپ قىلىۋاتقان ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى گ پ س ئىشلىتىش، ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تورغا چىقىش، ياكى نۇرغۇن ئادەم كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى خەلقلەرنى بىرمۇ-بىر كۆزىتىش قاتارلىق مەيلى پۇقرالار نېمە قىلغان بولسۇن ياكى قىلمىغان بولسۇن ئۇلار ئۈستىدىكى تەقىبنى ئاشۇرۇش، ئۇچۇر يىغىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى ئالدى بىلەن يۇقىرىدىكى ئۈچ گۇرۇپپىنى نىشان قىلىپ باشلىشى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى، ئۆكتىچىلەرنى ۋە ئاققۇن ئىشچىلارنى گۇمانلىقلار ياكى خەتەر كېلىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ گۇرۇپپىلارغا مەركەزلىشىپ ئاندىن ئاستا-ئاستا دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى. چۈنكى بىز بۇنىڭ مىساللىرىنى كۆردۇق».

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، DNA ئۇچۇرىنى يىغىش ھەرىكىتى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە-رايونلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدىكىسىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تەشكىلاتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ساقچى ئورگانلىرى 2016-يىلى سېنتەبىردە ئىككى قېتىم ئومۇمىي قىممىتى 12 مىليون دوللار ئەتراپىدىكى DNA ئۇچۇرلىرىنى رەتلەش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى DNA ئەۋرىشكىسىنى يىغىش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرى بۇلتۇر سېنتەبىردە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە «ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشى» نى باشلىغان بولۇپ، بۇ تەكشۈرۈش بۇ يىل 3-ئايدا ئاخىرلاشقان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 6 ئاي داۋام قىلغان ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە 17 مىليون 500 مىڭ ئادەم قاتنىشىپ، رايوندىكى نوپۇسنىڭ 90.03 پىرسەنتىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 83.11 پىرسەنت كىشىنىڭ سالامەتلىك ئارخىپى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ بولغان. دائىرىلەر شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە پاسپورت ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ DNA قان ئۆرنىكى، قەيتكە ئېلىنغان ئاۋازى، بارماق ئىزى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى جاكارلىغان. خىتاي دائىرىلىرى ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئەل رايى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى دەپ تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەكشۈرۈشكە سالغان مەبلىغى، ئاجراتقان كۈچى ھەمدە جىددىي پوزىتسىيىسى، قاپلاش دائىرىسى، تەكشۈرۈش تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن باشقا ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سالامەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ گۇمانلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

سوفى رىچاردسون خانىم بولسا بۇ مەسىلىنىڭ دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىكلىكىنى ئەسكەرتىپ «ئۇزۇن مۇددەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى، قانداق مۇددىئالىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلىش قېيىن بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى يىغىش ئۇسۇلىنى، كىشىلەرنىڭ قارشىلىق قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ قانداق ئىشلىتىلىدىغانلىقى، كىملەر بىلەن ئورتاقلىشىلىدىغانلىقى دېگەنلەرنى كونترول قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى نەزەردە تۇتقاندا بۇ ھەقىقەتەنمۇ دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت