2014 - يىلى خىتايدا تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىست ۋە ئەركىن مىكرو بلوگچىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ئۇچۇر يوللىغان 22 ياشلىق ئابابەكرى مۇھەممەت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە تاشقى دۇنياغا ئۇچۇر يوللىغان 22 ياشلىق ئابابەكرى مۇھەممەت خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.
Social Media


ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان تۈرمىدىكى ژۇرنالىست ۋە مىكرو بلوگچىلار تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تۈرمىسىدىكى كەسپىي ژۇرنالست ۋە ئەركىن مىكرو بلوگچىنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان. تۈرمىدىكى 44 نەپەر ژۇرنالىست ۋە بلوگچىنىڭ 16 نەپىرى ئۇيغۇر، 4 نەپىرى تىبەت بولۇپ، قالغانلىرىنى خىتايلار ئىگىلىگەن.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل پروگرامما ياردەمچىسى سۇمىت گالخوترا، «بۇ، خىتايدا ئىستىبداتلىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ دۈشەنبە كۈنى بىزگە ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا: «خىتاي بۇ يىل ئاز دېگەندە 44 نەپەر ژۇرنالىستنى تۈرمىگە تاشلاپ، يېڭى رىكورت ياراتتى. بۇ، ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى 1990 - يىلى قاماقتىكى ژۇرنالىستلارنى تىزىملاشقا باشلىغاندىن بۇيان، ژۇرنالىستلار ئەڭ كۆپ تۈرمىگە سولانغان بىر يىل. بۇ، خىتايدا ئىستىبداتلىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندا ئۇنىڭدىن كۈتكەن لىبېرال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈمىدىنى كەستى» دېدى.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ تىزىملىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەكبەر جامال، مەمەتجان ئابدۇللا، تۇرسۇنجان ھېزىم، گۈلمىرە ئىمىن، نىياز قاھار، ئىلھام توختى، نىجات ئازاد، نۇرئەلى ئوبۇل، غەيرەت نىياز قاتارلىق كەسپىي ژۇرنالىستلار ۋە ئەركىن مىكرو بلوگچىلار بار.

كانادا شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان، قاماقتىكى ژۇرنالستلار تىزىملىكىدە ئۇيغۇر ژۇرنالىست ۋە ئەركىن مىكرو بلوگچىلارنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلىشىگە دىققەت قىلىشنى تەكىتلەپ، بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مەسىلە نېمىنى ئىپادىلەيدۇ، دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلسە، بۇ پەقەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاخباراتقا، سۆزگە ۋە ياكى ئىپادىلەشكە يېقىن كەلتۈرمەسلىكنى بىلدۈرىدۇ. يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر تۈرمىدە يېتىۋاتقان ژۇرنالىستلىرىمىزنىڭ ھازىر تۈرمىدە بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نېمە دېسە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىلەن ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىر يېقىنلىشىش ياكى ئىپادىلىنىپ قېلىش مەسىلىسىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئۇلار ھەر قانداق شارائىتتا مۇشۇ ئەندىشىنى ھېس قىلغان ۋاقتىدا، قارا - قويۇق تۇتۇش، تۈرمىگە تاشلاش ۋە ياكى جازالاش، مۇخبىرلىق ئورنىدا ئىشلەۋاتقان گېزىت - ژۇرناللاردىن ئېلىپ تاشلاش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ كەلدى. ئەگەر بىز خىتاينىڭ ئاخبارات سىياسىتىنى خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئىپادىلەش ئەركىنلىكى دېگەندەك نۇقتىلاردىن قارىغىنىمىزدا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئاخبارات ئەركىنلىكىگە بولغان زور دەپسەندىچىلىك ھېسابلىنىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، تورغا ئۇچۇر يوللاپ ياكى يازما يېزىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ئەركىن مىكرو بلوگچىلىرىنىڭ سانى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى كۆپ. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان «تور تېررورلۇق» ھەرىكىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، تور ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا دىنىي مەزمۇندىكى ئۈن، سىن ۋە يازما يوللىغان نۇرغۇن ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. بەزىلىرىنى ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

لېكىن ئەخمەتجان ئوسماننىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تور تېررورلۇقى»غا قارشى تۇرۇش دېگىنى بىر باھانە. ئۇنىڭ مەقسىتى «تور تېررورلۇقى»غا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئۆزىنىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىشتۇر.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككىسى بىر گەپ. مەسىلەن، تور تېررورلۇقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق، دەپ ئاتاشى ئىككىسى بىر گەپ. مېنىڭچە، توردىمۇ ئەگەر بەزى تەرەپلەر مىللىي ھەرىكەتلەرگە ئۈندىسە، شۇ شەكىلدە شۇ مەزمۇندا ماقالىلەرنى ئېلان قىلسا ۋە ياكى ئىنكاسلارنى يازسا تورلاردا، بۇنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە تېررورلۇق دەپ ئاتايدۇ.

بۇ تەبىئىي ئەھۋال، لېكىن بۇ تېرمىن ھازىر دېگەندەك مەسىلىنى يوشۇرۇش، ھەقىقەتنى يوشۇرۇش ياكى شەيئىلەرنى باشقىچە ئاتاشتىن ئىبارەت. مەسىلەن، «دىنىي ئاشقۇنلۇق»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» نى تەرغىپ قىلىش تور تېررورچىلىقى، دەپ ئاتىلىدۇ. نېمە ئۈچۈن دېگەندە، بۇ ئەڭ ئاخىرى يەنىلا توردىكى بىر خىل قارشىلىق ئىپادىلىرى. بۇ خىل ئىپادىلەرنىمۇ خىتاي باستۇرىدۇ، قارشى چىقىدۇ ۋە شۇ ئىپادىلىگۈچىلەرنى تۇتىدۇ، سىولايدۇ، تۈرمىگە تاشلايدۇ ياكى ئاتىدۇ. مەسىلەن، خەلقئارا ئاخباراتچىلىقىدا ئادەم ئۆلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىش تېررورلۇق ھېسابلىنىدۇ، تور تېررورلۇقى دېسەك مانا شۇنى دەيمىز. لېكىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى باشقا مەسىلە.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى تۈرمىدىكى بەزى ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز - دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. مەسىلەن، ئەركىن بلوگچى ئەكبەرجان تۇرسۇننىڭ 2009 - يىلى ئۈرۈمچى 4 - تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، بىراق شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنىڭ ئىز - دېرىكى يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەكبەرجان تۇرسۇن، 2007 - يىلى چەتئەلگە ئۇچۇر يوللاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان. 2008 - يىلى تۇرپان ئوتتۇرا سوت مەھكىمىىسى تەرىپىدىن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۈرۈمچى 4 - تۈرمىگە قامالغان ئىدى.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى»دە سوتلىنىپ، 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مىكرو بلوگچى نىجات ئازادنىڭ ئىز - دېرىكى يوقلۇقىنى، مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر مەركىزى 2014 - يىلى 10 - ئايغا قەدەر نېجات ئازادنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى، بۇ يىل خىتايدا تۈرمىگە قامالغان ژۇرنالىستلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئاخبارات، ئادۋوكاتلار، ئۆكتىچى ۋە زىيالىيلارغا سالغان بېسىمى ئارتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بېيجىڭ ئاخباراتچىلارنى تۈرمىگە سولاپ، قانداق خەۋەرلەرنى بېرىش ھەققىدە يېڭى تۈزۈملەرنى بېكىتتى. بەزى خەلقئارا مۇخبىرلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلدى، دېگەن.

ژۇرنالىستلارنى قوغداش كومىتېتى يەنە، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدە خەۋەر يېزىش داۋاملىق نازۇك مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. تۈرمىدىكى ئاخباراتچىلارنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە مىكرو بلوگچىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورىدا ئىشلىگەن 7 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار، دەپ تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي تۈرمىسىدىكى ژۇرنالىستكلارنىڭ 29 نەپىرى دۆلەتكە قارشى پائالىيەتلەردە بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت