«ب د ت ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىنلىك سارىيىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ب د ت ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى» يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 27-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئەركىنلىك سارىيىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ب د ت ۋە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى» يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 27-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئەركىنلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىنىڭ يىلسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقى، ئەمما ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ خىل يۈزلىنىشنى چەكلەشكە ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى. شۇ قاتاردا خىتاي كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت ) نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىرىدە كۆرسىتىلىشىچە مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ خەلقئارالىق قانۇن نىزاملىرىغا ھەمدە ئالاقىدار شەرتنامىلەرگە ئەمەل قىلىشى، شۇنداقلا ئۇنى ئىجرا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ب د ت غا ئەزا بولغۇچى دۆلەتلەرمۇ ئەزالىق ئىلتىماسىنى تاپشۇرغاندا بۇ قانۇن ۋە شەرتنامىلەرگە ئىزچىل رەۋىشتە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىمزا قويىدۇ. ئەمما ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى قانۇن نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىش ساھەسىدە ئەڭ كۆپ كۆزگە چېلىقىدىغىنى ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى دەپسەندىچىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ جەھەتتە ھەر دائىم خەلقئارادا تەنقىدكە ئۇچرايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەتنىڭ بىرى بولغان خىتاي ئىكەن.

27-سېنتەبىر كەچقۇرۇن ۋاشىنگتوندىكى ئەركىنلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىنسان ھەقلىرىنىڭ يۈكسىلىشى: ب د ت ۋە خىتاي» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا مانا مۇشۇ مەسىلە نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى. مۇزاكىرىگە رىياسەتچىلىك قىلغان جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مارك لاگېن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ خىتاينىڭ ب د ت دىكى پەۋقۇلئاددە ئورنىغا قارىماستىن خىتاي تەۋەسىدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى، ئەمما خەلقئارادا ئۆز ئابرۇيىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بۇ خىل ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئادۋوكاتلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى ھىمايىچىلىرىنى تەقىب قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە مۇشۇنداق ئەھۋالدا ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىگە ئەزا بولغان خىتايدەك بىر دۆلەتتە كۆرۈلۈۋاتقان بۇ خىل ھادىسىنى قانداق چۈشىنىش تولىمۇ مۇھىم ئىكەن.

يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار بىردەك خىتاينىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تۇرۇقلۇق بۇ خىلدىكى يېتەكچىلىك رولىنى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش جەھەتتە قانداق جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنىش ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش جەريانىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاينىڭ ب د ت تۈزۈپ چىققان ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى توققۇز خىل شەرتنامىنىڭ ئالتىسىگە ئىمزا قويغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ب د ت ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ئالىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئومۇمى جەھەتتىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز تەۋەلىكىدە قىلىۋاتقانلىرىغا نەزەر سالغاندا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ سانسىزلىغان نۇقتىلار بويىچە دەپسەندە قىلىنىشى ھەمدە بۇ ئەھۋاللارنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا دېگەندەك مەلۇم بولمايۋاتقانلىقىنى بايقاش مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشتا دۇنياغا «ئۈلگە» بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا ئەزا قىلىپ تەيىنلەش بۇ جەھەتتىكى يەنە بىر چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدىكەن، خىتاي دۆلىتى بولسا مانا مۇشۇنداق لاياقەتسىزلىكىنىڭ ئەڭ تىپىك بىر مىسالى ئىكەن. ئالدىنقى قېتىممۇ تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، موڭغۇللار قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويۇپ،خىتاينىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىغا ئەزالىققا سايلىنىشىغا قارشى ئىمزا توپلىغان، خەلقئارادىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى بۇ خىلدىكى ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغان، ئەمما مۇشۇنداق رېئاللىققا قارىماي خىتاي يەنىلا مەزكۇر كومىتېتقا ئەزا بولۇپ سايلانغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەۋەلىكىدىكى سانسىزلىغان پۇقرالار ئومۇميۈزلۈك رەۋىشتە ب د ت نى چوڭ بىلىدىكەن، شۇنداقلا ئۇنى ئامېرىكىغا ئوخشاش قۇدرەتلىك گەۋدە، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا دائىر ھەرقانداق دەۋا دەستۇرنى ئادىل بىر ياقلىق قىلالايدۇ دەپ چۈشىنىدىكەن، ئەمما ب د ت نىڭ ئالاقىدار شەرتنامىلىرى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە تاقىلىپ قالغاندا خىتاي بۇنى خالىغانچە بىر ياققا قايرىپ قويىدىكەن.

يىغىن ئارىلىقىدا بىز ب د ت تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتايدىكى رولى تولىمۇ چەكلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا باغلىنىپ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى قانداق چۈشىنىشى لازىملىقىنى سورىغىنىمىزدا ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى:
«شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ھازىر بەكمۇ جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىل جىددىيلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان خاتا سىياسەتلەردۇر. ئۇلار ھازىر ئالدامچىلىق، پارچىلاش ۋە باشقا ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە تالان-تاراج قىلىش بىلەن بىرگە سىياسىي جەھەتتە ئۇلارغا زورلۇق قىلىۋاتىدۇ. مانا مۇشۇلار دەل ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبلىرى. مۇشۇ خىلدىكى قارشىلىقلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى يېڭى بىر سىياسەت تۈزۈپ چىقىش ھەققىدە ئويلىنىشقا قادىر بولالمىدى، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ شىددەت بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تەبىئىيكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يامانلىشىدۇ. بىز باياتىن تىلغا ئالغان ب د ت نىڭ تەركىبىدە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى بار. مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق يىغىنىدا ناۋادا بىراۋ خىتاينىڭ شىنجاڭدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە سۆز قىلسا، خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھاللا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۈگۈن بىز توختىلىپ ئۆتكەن تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش خەلقئارا تەشكىلاتى ھەر قېتىم خىتايدىكى تەن جازاسى ۋە قىيناقلار ھەققىدە دوكلات تەييارلىغاندا خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋەكىلى دائىملا بۇ ئىش توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىق، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىلغا ئالماسلىق ھەققىدە مادارا قىلىدۇ. چۈنكى خىتاي ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ ب د ت يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، شىنجاڭدەك رايونلاردىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن تېخىمۇ قورقىدۇ.»

ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سوفى رىچاردسون يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ب د ت تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى پائالىيەتلىرىنى قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى، بەزى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرى خىتايدىكى يەرلىك قانۇنلارنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتايدىكى تىبەت ياكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش «ئاز سانلىق» مىللەتلەرنىڭ ئاسانلا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي دۆلىتىدىكى ئاساسلىق مىللەت بولغان خىتايلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى مۇشۇ خىلدىكى چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن ب د ت نىڭ خىتايدىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە ئېلىنمىغان يەردە ئۇيغۇرلار دىيارىدا پات-پات يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ تىلغا ئېلىنىشى تېخىمۇ قىيىن ئىكەن.

يىغىن ئاخىرىدا بىز سوفى رىچاردسوندىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىدىن غەرب دۇنياسى، جۈملىدىن ب د ت قايسى دەرىجىدە خەۋەردار ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭدا كۆپ خىل چەكلىمىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار، ئىسلام دىنى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى نىشان قىلىنغان ئۇزۇنغا سوزۇلغان كەمسىتىش ھادىسىلىرى ئۇيغۇرلاردا خەۋپسىرەش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلغان دېسەك خاتا كەتمەيدۇ. مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى شۇكى، شىنجاڭدىكى يەرلىك دائىرىلەر ھەمدە مەركىزىي ھۆكۈمەت بۇ خىلدىكى كەمسىندۇرغۇچ سىياسەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئاددىيلا رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، يەرلىك ئاھالىنى غەمگە سېلىۋاتقان بۇ ھادىسىلەر ھەققىدە ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىش بولسا ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر مائارىپتا قايسى تىلدا سۆزلىشىشنى ياكى دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقلىرىنى قاچان ھەمدە قايسى شەكىلدە جارى قىلدۇرۇشنى، شۇنداقلا ئۆز ئەنئەنىلىرىنى قايسى شەكىلدە داۋام ئەتتۈرۈشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ رايوندىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ھالى بەكمۇ خاراب. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلار مەركىزىي ھۆكۈمەتنى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان كۆپلىگەن سىياسەتلىرىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشقا جىددىي ئۈندەۋاتقان مەسىلىلەردۇر.»

يىغىن ئاخىرىدىكى سوئال سوراش باسقۇچىدا ب د ت نىڭ خىتايدىكى رولىنى كۈچەيتىش ھەققىدە غەرب ئەللىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلالىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئەركىن مۇنازىرە بولۇپ ئۆتتى. يىغىنغا ۋاشىنگتوندىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار ھەمدە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە قىزىققۇچى شەخسلەر قاتناشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت