غەرب مەتبۇئاتلىرى: ئۇيغۇر ئېلىدا بولۇۋاتقانلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاننىڭ ئەكسىچە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2013-يىلى 27-ئىيۇن، تۇرپان.
كىچىك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2013-يىلى 27-ئىيۇن، تۇرپان.
AFP

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارەتلىرى جەريانىدا ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى، مەدەنىيىتىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەردىن ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلماقتا. يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ۋە ئۆكتىچىلەرگە تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تېررورچىلارنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىگە بارغان چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتتە بولغان ئانجۇ ستوكلوس ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆرگەنلىرىنى «سىياسەت مىكرافونى» ناملىق تور گېزىتىدە ئېلان قىلغان. ئۇ ئالدى بىلەن، ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىغا خىتاي كۆچمەن يۆتكەش مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئاز سانلىقلار قاتارىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ رايوندا ئاران 40 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇرلار كىملىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق مىللەتلىرىگە يېقىن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي پاسونىدا سېلىنغان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن بەكرەك، خىتاينىڭ شەرقىي جۇڭگودىكى شەھەرلىرىگە ئوخشايدىغانلىقىنى، 3 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ شەھەرنىڭمۇ 75 پىرسەنت ئاھالىسى خىتاي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ شۇنداقلا «شىنجاڭ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنىڭ يېڭى چېگرا ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىننى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرپان ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلار گەرچە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ياخشى ساقلىنىپ قالغان جايلار دەپ ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بۇ يەرلەرنىڭمۇ ئۆزگىرىشتىن خالىي بولالمىغانلىقىنى، قەشقەردە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قەدىمىي ئۆيلەرنى «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى» قىلىش ئۈچۈن چېقىپ تاشلىغانلىقىنى يازغان ۋە «ئەمما بەزىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قەدىمىي ئۆيلەرنى چېقىشىنى ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلاشتۇرۇش ۋە بۇ رايونلاردىكى ساقچى كونترولىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بىر تاكتىكا دەپ قارايدىكەن» دەپ يازغان.

ئاپتور يەنە ئۈرۈمچىدىكى مەزگىلىدە بىر قانچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەنمۇ تونۇشۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار بەزى چاغلاردا ئۆزلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى مەكتەپ دائىرىلىرى بىلىپ قالسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى ياخشىلاش ئارقىلىق مۇقىملىق يارىتىش ئارزۇسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغانلىقىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نومۇر چېكىنى تۆۋەن قىلىشقا ئوخشاش ئېتىبار سىياسەتلەرنى چىقارغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق بۇ ياخشى سىياسەتلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىپ، ئىككى مىللەت ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىشەنمەسلىك پەيدا قىلغانلىقىنى يازغان. ئۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەمۇرىي خادىملارنىڭ ئاساسەن خىتاي مىللىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

يېقىندا يەنە ب ب س خەلقئارا خەۋەرلەر تورىدا «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەققىدىكى بۇرمىلانغان تەشۋىقاتى» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنىڭ كىرىش سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ تېلېۋىزوردا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىشىنى خالايدۇ، ئەمما باشقا ئىش قىلىشىنى خالىمايدۇ» دەپ يېزىلغان. مەزكۇر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل بايراملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا، خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ چاغانلىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇر، موڭغۇل، تىبەت ۋە باشقا مىللەتلەرنى ناخشا ئېيتقۇزۇپ، ئۇسۇل ئوينىتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ سەنئەت پروگراممىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى يازغان.

ماقالىدە كالىفورنىيە پومونا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى درۇ گلەدنىينىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ ئارقىلىق ئۇلار، بىر ياقتىن كەينىدە قالغان قىلىپ كۆرسىتىلسە، يەنە بىر ياقتىن بولسا رومانتىكلاشتۇرۇلۇپ خۇددى ھازىرمۇ شۇنداق ساپ، ئەسلى ھالىتى بىلەن ياشاۋاتقاندەك كۆرسىتىلىدۇ» دېگەن. ماقالىدە ئاپتور ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ رېئاللىقتىكى ھاياتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك تەشۋىقاتلىرىدا كۆرسەتكەندىن تولىمۇ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ خىتايدىكىدىن چوڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇ رايونلاردا داۋاملىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىسمىدا، ئۇيغۇر ئېلىدا 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ بۇنداق ۋەقەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارغا مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىن بېسىم قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلارنى قانداق تونۇشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي ئاخباراتىدا ئۇيغۇرلار بىر بولسا تېررورچى، بىر بولسا ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناشتىن باشقا ئىشقا چولىسى تەگمەيدىغان خەلقتەك كۆرسىتىلىدۇ» دېگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا چىققان بىر ۋەقەدىن كېيىن قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن. شى داگاڭ شۇ قېتىملىق سۆزىدە «ئۇيغۇرلار دېگەن كۆڭلى تۈز، مېھماندوست خەلق. ئۇلار مېھماننى گۆش بېرىپ، ھاراق بېرىپ، ناخشا-ئۇسۇل بىلەن كۈتۈۋالىدۇ» دېگەن سۆزنى قىلغان. ئەمما ئاپتور سۆزىدە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ تۇرۇپ «ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك تونۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغانلىقى، دۇنياغا ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ زادى كىملىكىنى تونۇتۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى» نى بايان قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت