ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىككى قۇرۇلتاي ھەققىدە ئانالىزچىلارنىڭ قاراشلىرى

25-يانۋار كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 12-نۆۋەتلىك 1-ئومۇمى يىغىنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلىۋاتقان بۇ ئىككى يىغىن خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
نۇر بەكرى خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2011-يىلى 8-مارت.
نۇر بەكرى خىتاينىڭ ئىككى چوڭ يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2011-يىلى 8-مارت.
AFP

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان پۈتۈن خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ئاتالمىش ئىككى قۇرۇلتاينى مەدھىيىلەپ، بۇ ئىككى قۇرۇلتاي ‏-ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ روناقلىق، شاد‏-خوراملىق، باي-باياشاتلىق ئىچىدە يىلدىن-يىلغا گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ رادىئو تېلېۋىزىيە نازارىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە بۇ ئىككى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ يەرلىك خەلققە پايدىلىق تەكلىپ-لايىھىلەرنى ئەركىن ئىرادىسى ۋە دېموكراتىك مۇھىت ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇلار خەۋەرلىرىدە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىككى قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ-لايىھىلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ،يەرلىك خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە پايدىلىق يېڭى قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى 26-يانۋار كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېكىتىدە بۇ ئىككى قۇرۇلتاي ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئىككى قۇرۇلتاي ۋە قۇرۇلتايغا دائىرىلەر تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئاتالمىش ۋەكىللەرنىڭ ھېچقاچان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇ يەردىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىننىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى ئىشغالىيەت ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ئاخباراتىدا بۇ ئىككى قۇرۇلتاينىڭ ماھىيىتى ھەققىدە مۇنداق بايانلار بېرىلگەن: سۈنئىي ئۇسۇلدا تۇرغۇزۇلغان بۇ ئىككى ئورگان ھېچبىر زامان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە ۋە مىللىي مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلغان ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتلىرىگە پۈتۈنلەي زىت ۋە قارىمۇ قارشى كېلىدىغان قانۇن-تۈزۈملەرنى زورلاپ بازارغا سېلىش ئارقىلىق، يەرلىك خەلقنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ۋە نارازىلىقلىرىنى بارغانسېرى ئاشۇرۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.

چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى قۇرۇلتاي ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە بۇ ئىككى قۇرۇلتاي ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندىكى مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىدە ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى رايوننى ئىشغال قىلىۋالغاندىن بۇيان ئېچىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش ئىككى قۇرۇلتاينىڭ ھەر نۆۋەتلىك يىغىنلىرىدىن كېيىن رايون ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان ئىككى قۇرۇلتاي ھەققىدىكى ئاخباراتىدا، دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا ئېچىلغان ئىككى قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى قانۇنى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ قېتىم ماقۇللانغان قانۇندا، ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەر گە زەربە بېرىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلگەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قانۇنىي بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق، مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى كۈچلۈك بولغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، يىللاردىن بۇيان رايوندا ئېچىلىپ كېلىۋاتقان ئىككى قۇرۇلتايدا ماقۇللانغان ۋە تۈزۈلگەن ئاتالمىش يەرلىك قانۇنلار ھەققىدە توختىلىپ، رايوندىكى ئاتالمىش خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئورگاننىڭ ئەمەلىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي زىددىيەت، توقۇنۇش، ئىختىلاپ ۋە مىللىي ئىسيانلارنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىشىغا ۋە بۇ رايوندىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىپ بېرىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاساسلىق ئامىللار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېلشات ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، بۇ يىلقى ئىككى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى سانىدىكى نىسبەت ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئىككى قۇرۇلتايدا بارغانچە ئازلاپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت