ك ھ ك ت: شىنجاڭدىكى جىددىيلىكنى مىللىي كەمسىتىش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي باستۇرۇش كۈچەيتتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 30-ئىيۇل، قەشقەر.
خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 30-ئىيۇل، قەشقەر.
Imaginechina

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2015‏- يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئۆتكەن يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، 2014‏-يىلى ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق جىددىيلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى 650 نەچچە بەتلىك دوكلاتىدا بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى خىتاينىڭ سىياسىتىگە باغلاپ، «كەڭ كۆلەملىك مىللىي كەمسىتىش، قاتتىق دىنىي باستۇرۇش، داۋاملىق كۈچىيىپ بارغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى بېسىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا قانۇنلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا جىددىيچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتتى» دەپ كۆرسەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى كېننېس رۇس، پەيشەنبە كۈنى لېۋاننىڭ بېيرۇت شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا، ھۆكۈمەتلەر پەقەت بىخەتەرلىككىلا ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلسا، بۇنىڭ بىخەتەرلىككە جىددىي خىرىسلارنى پەيدا قىلىدۇ ياكى خىرىسنى كۈچەيتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

كېننېس رۇس مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتلەر نوقۇل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىشقىلا مايىل بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ رولىغا سەل قارايدۇ. ھۆكۈمەتلەرنىڭ خاھىشىدا كىشىلىك ھوقۇق ساقلاپ قويۇپ ۋاقتى كەلسە قوللىنىدىغان قىممەتلىك تاۋار. ئەگەر ئىشلار مۇرەككەپلىشىپ كەتسە، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىز بۇنى ئەخلاقىي پرىنسىپ ۋە خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن خاتا، دەپلا قارىمايمىز. بۇنداق خاھىش چولتا ئويلىغانلىق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە سەلبىي نەتىجە بېرىدۇ. بىز ئۆتكەن يىلى دۇنيادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق شۇنى بايقىدۇق. دۇنيا بۈگۈن دۇچ كەلگەن جىددىي بىخەتەرلىك خىرىسىغا تاقابىل تۇرغاندا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىدى. بۇنىڭدا ئاستىدا بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنى پەيدا قىلغان سەۋەبلەرنى ھەل قىلىشقا چارە تاپالماسلىق ياتىدۇ. خىتاي بۇ يولدا ماڭغاچقا بۈگۈن ئۇ ئۆزى دۇچ كەلگەن بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇتۇشتا ئۇتۇقلۇق بولالمىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە چەتئەللىك ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن دۇچ كەلگەن خەۋپنى چەتئەل تېررورلۇق گۇرۇھلىرىغا ئارتسىمۇ، بىراق بۇ تەھدىتنى پەيدا قىلغان ئاساسلىق ئامىل خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى.

گېرمانىيە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس، نوقۇل بىخەتەرلىك تەدبىرى مەسىلە ھەل قىلالمايدۇ، دەپ قارايدىغان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر سىزدە كرىزىس يۈز بەرگەندە، بولۇپمۇ بىخەتەرلىك كرىزىسى يۈز بەرگەندە، يالغۇز بىخەتەرلىك تەدبىرى ھېچقانداق تېررورلۇق، زوراۋانلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. بەلكى، سىز بەزىدە تېررورلۇق، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى توختىتالىشىڭىز مۇمكىن. بىراق بىزنىڭ تەجرىبىمىزدىن ھەر قانداق توقۇنۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلغاندا نەتىجە ئالالايسىز. ھەربىيلەر، ساقچىلار، قوراللىق خادىملار زوراۋانلىقنى بەزى ئەھۋاللاردا توختىتالايدۇ. بىراق ئۇلار ئىزچىل ھەل قىلىش چارىسى بولالمايدۇ. ھالبۇكى، بىز ھازىرغا قەدەر خىتاي ۋەكىللىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان رايونلۇق ھۆكۈمىتىدە مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان سىياسىي ئىرادە بارلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، 2014‏-يىلى 3‏-ئايدا كۈنمىڭدا، شۇ يىلى 5‏-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى كۆكتات بازىرىدا، 8‏-ئايدا ياركەنت ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم ۋە قانلىق توقۇنۇشلارنى ئەسكەرتىپ كېلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىشى ئورۇنلۇق بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كەمسىتىش ۋە باستۇرۇش خاراكتېرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى» دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا ئالاقىدار دېلولارنىڭ ئادىل سوتلانغانلىقىدا جىددىي گۇمان بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ دېلولارغا ئالاقىدار مۇستەقىل ئۇچۇرنىڭ كەملىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى چاقماق تېزلىكىدە سوتلىشى، خىتاي قانۇنىنىڭ تېررورلۇق گۇماندارلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل سوراقسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا يول قويۇشى، بۇ خىل ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014‏- يىلى 22‏-ماي يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى كۆكتات بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يىللىق تېررورلۇققا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغان. بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا قاتتىق ئەندىشە قوزغىغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش دائىرىلىرىدىن يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، 2014‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز كەم 28 مىڭ ئادەم رەسمىي قولغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ 2013‏-يىلى قولغا ئېلىنغانلاردىن ئاساسەن بىر ھەسسە كۆپ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى تەپتىشنىڭ باشلىقى نەيىم، بۇنداق زور كۆلەملىك قولغا ئېلىشنى ئاقلاپ، «بۇ بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش نىيىتىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن.

بىراق ئۇلرىخ دېلىئۇس، بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئىجابىي نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىختىلاپنى تىنچ ھەل قىلىشقا قىزىقمايدۇ» دېدى.

ئۇ: بىز بۇنىڭغا بېشىدىلا تەنقىدىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، توقۇنۇش ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق. بۇنىڭ پەقەت تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قوزغايدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتۇق. بۇ ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدۇ. بىراق، بۈگۈن بىز شۇنىڭغا قايىل بولدۇقكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا قىزىقمايدۇ. بۇ بىز ئىزچىل قورقۇپ كەلگەن بىر ئەھۋال. بۇ خىتايدا تېخىمۇ كەسكىن زوراۋانلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىز تەرەپلەرنى ئولتۇرۇپ، كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ھەققىدە سۆزلىشىشى كېرەك، دەپ قارايمىز.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىنچ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى باستۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ «قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 18 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت