ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى مۇنازىرە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تېز سۈرەتتە كۆپىيىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» يەنى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن بىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 3-دېكابىر، ئاتۇش.
تېز سۈرەتتە كۆپىيىۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرى» يەنى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن بىرىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 3-دېكابىر، ئاتۇش.
AP

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 29‏-يانۋار كۈنى «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنازىرە» ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ كۆلىمى، تۇتقۇنلارنىڭ سانى، لاگېرلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، خىتاينىڭ رايوندىكى تەقىبلەش سىياسىتى، لاگېرلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىقى، خىتاينىڭ لاگېر قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماشتىكى مەقسىتى، يۇقىرى تېخنىكىلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىكى رولى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى قاتارلىقلارنى تالاش-تارتىش قىلدى.

بۇ، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى 2‏-قېتىم مۇزاكىرە قىلىشىدۇر. ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكىرىنى ئالغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئەلىستېر كارمىكالنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ئىشچىلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى فىل ۋىلسون رىياسەتچىلىك قىلدى. ئەلىستېر كارمىكالنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ چاقىرىلىشىدىكى سەۋەب «شىنجاڭنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كۆز يۇمالمايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقى» ئىدى.

ئۇ يىغىندا نېمە ئۈچۈن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇنىڭ ئەنگلىيەگە ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلىگە چېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلىستېر كارمىكال مۇنداق دەيدۇ: «مەن سۆزۈمنى شۇ نۇقتىغا يىغىنچاقلىماقچى، بىز نېمە ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك؟. چۈنكى، ئەنگلىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى بىر قانچىلىغان خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغان، جۈملىدىن ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىدۇر. ھەرقانداق جايدا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ياكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ رەت قىلىنىشى ھەممىمىزگە تەسىر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەلۇم ساندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئەنگلىيەدە ياشايدۇ. گېزىتلەردە ئەنگلىيەدىكى بىر ئائىلىنىڭ 20 نەپەر ئائىلە ئەزاسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئۇلار لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.»

ئالىستېر كارمىكالنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يەنە ئەنگلىيەنىڭ سىياسىي پاناھلىق سىياسىتىگە بېرىپ تاقىلىدىكەن. ئۇ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى گېرمانىيە بىلەن شىۋېتسىيەنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئەلىستېر كارمىكال مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەھۋالى بىزنىڭ سىياسىي پاناھلىق سىياسىتىمىزگە جىددىي سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ. بىز بۇ رايوندىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي پاناھلىققا ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ سورۇندا مەن مىنىستىر ئەپەندىگە شۇنى دېمەكچى، گەرچە بۇ ئۇنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت شىۋېتسىيە بىلەن گېرمانىيەنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشى كېرەك.»

يىغىندا پارلامېنت ئەزاسى فىئوننا برۇس خانىم لاگېرلارنىڭ ئەھۋالى، دىنىي ئېتىقادنىڭ چەكلىنىشى، د ن ئا ئەۋرىشكىسىنىڭ يىغىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، رايوندىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن نۇرغۇن بالىلارنىڭ قارانچۇقسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، تۇقۇنلارنىڭ پەرزەنتلىرى قارانچۇقسىز قالدى. بىز ئۆتكەن ھەپتە ئاتا-ئانىسى ئېلىپ كېتىلگەن بىر بالىنىڭ سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق. نۆۋەتتە بالىلارنىڭمۇ قايتا-تەربىيەلەشكە ئەۋەتىلىپ، قوپال مۇئامىلىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بىز بالىلارنىڭ، ھەتتا 6 ئايلىق بوۋاقلارنىڭمۇ ھايۋان قوتىنىغا سولىغاندەك بۇ جايلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز.»

فىئوننا برۇسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ب د ت باشچىلىقىدا بىر خەلقئارا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى قوللايدىغان-قوللىمايدىغانلىقىنى سورىدى.

فىئوننا برۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئەنگلىيەنىڭ ب د ت نىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش يىغىنىدا خىتاينى ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىق كومىتېتىنىڭ تەكلىپلىرىگە ئەمەل قىلىشقا ۋە ب د ت نىڭ بۇنى نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. بىراق، بىرلەشمە پادىشاھلىق مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشى كېرەك. مەن مىنىستىرنىڭ ئەنگلىيەنىڭ باشقا خەلقئارا شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ ب د ت باشچىلىقىدا مۇستەقىل، تەرەپسىز ۋە ئومۇميۈزلۈك بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، بۇ مەسىلىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇشنى قوللامدۇ-قوللىمامدۇ؟، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر يىغىنىدا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى مارك فېلد، فىئوننا برۇسنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مېشىل باشېلىتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارك فېلد مۇنداق دەيدۇ: «ب د ت ئالىي كومىسسارى مېشىل باشېلىت ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ئەندىشە قىلارلىق ھادىسىلەر ۋە قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا دائىر خەۋەرلەرنى ئېنىقلاشنىڭ چارىسىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىمىز. بىز ب د ت نىڭ رايوندا ھېچقانداق چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇش توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق چاقىرىق قىلىمىز.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىشى، «ھەقىقەت ئالدىدا ھېچكىمنىڭ ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقى» نى ئىپادىلەيدىكەن. ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رەھىمە ماھمۇت خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، ۋەزىيەتنىڭ، ھەقىقەتنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلدى. ئەنگلىيە ئەلۋەتتە بىلىدۇ. بۇ كېلىۋاتقان مەلۇماتلار، گۇۋاھلىقلار ھەممىسى ئوخشاش ئۇنىڭ ھەقىقەتلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرغاچقا ھەقىقەتنىڭ ئالدىدا بۇلار سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ.»

ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشقا مەجبۇرلاشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى خەلقئارا قانۇن مېخانىزملىرىنى ئىشقا سېلىشكەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشكە قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاشنىڭ ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك چارىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رەھىمە ماھمۇت مۇنداق دەيدۇ: «ئەسلى يۇقىرى تېخنىكا، دېگەن ئىنسانلارغا قۇلايلىق يارىتىشقا چىقارغان نەرسە. ئەمما ئۇ بىزگە بىر دۈشمەن بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئېغىر جازالىنىشىنىڭ بىر ئۇسۇلى بولۇپ قالدى. ئۇلار شۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ پۈتۈن بىر مىللەتنى قامال قىلىشنىڭ بىر سەۋەبى بولۇپ قالدى. بۇنى قانداق توختىتىش دېگەندە پۈتۈن خەلقئارا بىرلىشىپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەك»

لېكىن ھەرقانداق ئېمبارگونىڭ بىر بەدىلى بار. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بەدەلنى تۆلەشنى خالايدىغان ‏-خالىمايدىغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مارك فېلد سەيشەنبە كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋاب بەرگەندە بۇ نۇقتىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ھۆكۈمەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ناھايىتى زور ساندىكى كىشىلەرنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. مېنىڭچە شىنجاڭدىكى خەلقنىڭ مەنپەئەتى، مەزكۇر رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى، خىتاينىڭ خەلقئارا ئوبرازى ئۈچۈن ئۇنىڭ ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىق كومىتېتىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم» دەپ كۆرسەتتى.

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزكۇر يىغىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى تەكشۈرگەن ئورۇنلار خىتاينىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى قارىشىنى نامايان قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار «باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ جۈملىدىن ب د ت، خەلقئارا تاراتقۇلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تولۇقلاشتا پايدىلىق پۇرسەتكە ئېرىشكەن.»

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورۇنلارنىڭ لاگېر ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت