لاگېر ساقچىسى: «مەكتەپتە ھاجەتخانىنىڭ ئىچىمۇ كۆزىتىلىدۇ، 5 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇشقا رۇخسەت يوق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان «تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەكتەپ. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، قەشقەر.
ئەتراپى سىم تىكەن بىلەن چېگرىلانغان «تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەكتەپ. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، قەشقەر.
AP



قەشقەردىكى مەلۇم بىر تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئىچكى تۈزۈمى ۋە ئۇ يەردىكى تۇتقۇنلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدە مۇخبىرىمىزغا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن لاگېر ساقچىسى ئاتالمىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر قېتىملىق تاماقتىن ئاۋۋال دۆلەت شېئىرىنى، دەرستىن ئاۋۋال بولسا شى جىنپىڭ ئۈزۈندىلىرىنى ئوقۇيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە تۇتقۇنلارنىڭ ياتىقىدىكى ھاجەتخانىنىڭمۇ كۆزىتىلىدىغانلىقى ۋە 5 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇشقا رۇخسەت يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

س: ئورنى قەيەرگە توغرا كېلىدۇ؟ ئەتراپىدا قايسى ئىدارىلەر بار؟
ج: شەھەر سىرتىدىكى بىر سازلىقتا، ئەتراپىدا ئىدارە جەمئىيەت يوق.

س: ئەتراپىدىكى ئاساسلىق يول قايسى يول؟
ج: ئوپال يولى دەيمىز، ئاساسلىق ئوق يول، مەكتەپ توققۇزاق بازىرىدىن 10 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتا، ئوپالغا يېقىنلا يەردە.

س: بىنالارنىڭ بىرىنچى قەۋىتى، يەنى ئىشخانا رايونى دېگىنىڭىز قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان؟
ج: ئىشخانا رايونىدا مۇدىر ئىشخانىسى بار، ئارخىپ بۆلۈمى بار، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، نېمە ئىش بىلەن كەلگەنلىكى يېزىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن كۆزىتىش باش ئاپپارات ئىشخانىسى بار. ھەر بىر قەۋەت ۋە ياتاقتا بولغاندىن باشقا، بۇ باش ئاپپارات ئارقىلىقمۇ پۈتۈن بىنا كۆزىتىپ تۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىسكىلات ئۆي بار.

س: ئىسكىلات ئۆيدە نېمىلەر بار؟
ج: زاپاس نەرسە-كېرەكلەر، قەغەز-قەلەم، ياگو -چىش چوتكا، ئورۇن كۆرپە دېگەندەك.

س: ئوقۇغۇچىلار قانچىدە ئورنىدىن تۇرىدۇ؟
ج: ئۇلار 6:30 دا ئورنىدىن تۇرىدۇ، تۇرۇپلا يوتقان-كۆرپىلىرىنى ھەربىيچە قاتلايدۇ؛ ئاندىن يۈز-كۆزىنى يۇيىدۇ. تاماق كەلگۈچە ئارىلىقتا شېئىر ۋە ناخشا ئوقۇيدۇ.

س: قايسى ناخشا ئوقۇلىدۇ؟
ج: «مېيو گوڭسەنداڭ، مېيو شىن جۇڭگو»، ئاندىن «گوگې» (دۆلەت شېئىرى)، قالغان ئىككىسى ئېسىمدە قالماپتۇ. . .

س: بۇ تۆت ناخشىنى تەڭلا ئوقۇمدۇ؟
ج: ياق، ياتاق باشلىقى قايسىسىنى باشلاپ بەرسە، شۇنى ئوقۇيدۇ.

س: سىنىپقا كىرگەندە بىرىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى نېمە؟
ج: شى جىنپىڭنىڭ 4 ئۈزۈندىسى بار شۇنى ئوقۇيدۇ.

س: قانچىدە ئۇخلايدۇ بۇلار؟
ج: 10دا ئۇخلايدۇ.

س: دېمەك، ئۇخلىغاندىن باشقا 16 سائەتلىك ھاياتى قېلىپقا، ئىنتىزامغا چۈشۈشى كېرەك دېگەن گەپ؟
ج: ياق، پۈتۈن 24 سائەتلىك ھاياتى قېلىپقا چۈشۈشى كېرەك، شۇڭا 24 سائەت كۆزىتىمىز.

س: ئوبۇرنى ھەر بىر قەۋەتتە بىردىنمۇ ياكى ھەر بىر ياتاقتىمۇ؟
ج: ھەربىر ياتاقتا بىردىن.

س: ئوبۇرنىغا كىرىشنىڭمۇ ئىنتىزامى بارمۇ؟
ج: بار، ھاجىتى قىستىغاندا بىزگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.

س: ئۆزى يېتىۋاتقان ياتاقتىكى ئوبۇرنىغا كىرىش ئۈچۈنمۇ سىلەردىن رۇخسەت سورامدۇ؟
ج: شۇنداق، كۆزىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق بىزدىن رۇخسەت سورايدۇ. ئوبۇرنى قىلىدىغان ۋاقتى 5 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

س: ئېشىپ كېتىپ قالسا ئىچىگە كىرىپ تارتىپ ئاچىقامسىلەر، قانداق قىلىسىلەر؟
ج: ياتاق باشلىقى بىزگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. بىزمۇ ئوبۇرنىنى كۆزىتىش ئاپپاراتى بىلەن كۆزىتىپ تۇرىمىز.

س: ئوبۇرنىنىڭ ئىچىنىمۇ ئاپپارات ئارقىلىق كۆرەلەمسىلەر؟
ج: شۇنداق، كۆرەلەيمىز، كۆزىتىپ تۇرىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت