خىتاينىڭ خوتەندىكى پارتىيە ئورگىنى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوتەن چوقۇ بازىرى ناۋاغ ساقچىخانىسى. 2011-يىلى 18-ئىيۇل.
خوتەن چوقۇ بازىرى ناۋاغ ساقچىخانىسى. 2011-يىلى 18-ئىيۇل.
mil.huanqiu.com

ئۈرۈمچى ۋاقتى 28‏-دېكابىر كەچقۇرۇن سائەت 5 كە ئاز قالغاندا، خىتاينىڭ خوتەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومى ئاپتوموبىللىق بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 4 كىشىلىك بىر ئاپتوموبىل ناھىيەلىك پارتكوم قورۇسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بومبا پارتلاتقان. ھۇجۇمدا بىر ئادەم ئۆلگەن 3 ئادەم يارىلانغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىلدىكى 4 ھۇجۇمچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ھۇجۈمچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەقەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇم » ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكى ۋە مەقسەت‏- نىشانى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

بۇ ۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو بۇ 8‏-ئايدا ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغان تۇنجى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى.

خوتەندىكى يەرلىك ساقچىلار ھۇجۇمنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنىڭ دېتالى ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكىگە دائىر تەپسىلاتلار ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلدى:

ساقچى: 1 تاڭ، بىز ئۇقماپتىمىز.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ بوسۇغاڭلاردا تۇرۇپ ئۇقمامسىلەر؟
ساقچى : 1 ياق ئۇقماپتىمىز.

مۇخبىر: بەزى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدۇق؟
ساقچى : 1 ۋاي ياقەي، باشقا ئۆزگىرىشلەر يوق.

مۇخبىىر: تۆت ئادەم)ھۇجۇمچى( ئۆلدى، دەيدۇ؟ بۇ ئۆلگەنلەر؟
ساقچى :1 ياقەي، بىزمۇ ئېنىق ئۇقمىدۇق ئۇنى.

مۇخبىر: قاچان بولدى بۇ ۋەقە؟ بۈگۈن بولدىمۇ، تۈنۈگۈنمۇ؟
ساقچى : 1 بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بولغان ئىشلارمىكىن شۇ. بىزمۇ ئۇقمىدۇق، تېخى ئۇ يەرگە كەتكەنلەر قايتىپ كەلمىدى. ئون نەچچە ئادەم كەتكەنتى. (ئۆلگەن ئۇ تۆت ئادەمنىڭ كىملىكىنى) ئۇقمىدۇق ئىشقىلىپ.

ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغان. قاراقاش ناھىيىسىدە ئامانلىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن. قاراقاش ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال ۋەقەنى ئاڭلىمىغانلىقى، ئەمما ناھىيەدە ئامانلىق تەدبىرلىرىنىڭ ئالاھىدە كۈچىيىپ كەتكەنلىكىگە قاراپ، بىرەر ۋەقە يۈز بەرگەنكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاھالە: بىز ماۋۇ لوقمان دوختۇرخانىسىدا ئىدۇق. مۇشۇ نامازشامنىڭ ياغى لوڭمان دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدى چىڭىپ قاپتىكەن. بىز نېمە ئىش بولۇپ كەتكەندۇ، دەپ ئۇقماي يېنىپ كەپتىمىزكەن.

مۇخبىر: سىز شۇ يەردە ۋەزىيەتنىڭ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆردىڭىزما؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ھەئە!

مۇخبىر: قانداق چىڭىپ كەتتى؟ مەسىلەن، كوچىلاردا كىملىك تەكشۈرۈۋاتامدۇ، ساقچىلار، ھەربىيلەر؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ھەئە شۇ، كۈيئوغلۇم ئىشىكتىن كىرىپتىكەن، كىملىك بولمىسا كىرگىلى بولمايدىكەن، دەپ شۇنداق دېدى. بىزنىمۇ ماۋۇ ئىشىكتىن كىرىپتۇق، بۇنىڭدىن چىققىلى قويماي، ماۋۇ ياندىكى ئىشىكتىن چىقىڭلار، دەپ شۇنداق دېدى. بىزمۇ نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ يېنىپ كەپتىمىز.

مۇخبىر: نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئۇقمىغانمىتىڭىز ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ياق ئۇقمىدىم. )مەن( ئۆيگە يېنىپ كەلگىلى 2 سائەت بولدى.

مۇخبىر: پارتلاش ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭىزما؟
ئۇيغۇر ئايال: ياق.

مۇخبىر: ئەمما ھېس قىلدىڭىز دەڭە، كوچىدا ۋەزىيەتنىڭ چىقىپ كېتىپ بارغانلىقىنى؟
ئۇيغۇر ئايال: ھەئە، ھەئە!

مۇخبىرلار: ھەممە يەردە ھەربىي، ساقچىلار بار دەڭە؟
ئۇيغۇر ئايال: ھەئە، شۇ ساقچىلار.

مۇخبىر: قانداق ئۆزگىرىش كۆردىڭىز كوچىدا، ئادەتتىكى كۈنلەرگە قارىغاندا بۈگۈن، قانداق پەرق كۆردىڭىز ؟

ئۇيغۇر ئاھالە: ئاشۇنداق چىڭىپ قالدى شۇ، كىملىك تەكشۈرۈپ، ماياندىن مېڭىڭلار،. دەپ كىرىدىغان ئىشىك باشقا، چىقىدىغان ئىشىك باشقا بولۇپتىكەن. شۇنداق ئويلىدۇق بىز.

مۇخبىر: كېچىسى كوچىغا چىقىشقا بولامدۇ ھازىر بولمامدۇ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ئەمدى مەن دوختۇرخانىدىن كەلگىلى 3 سائەت بولدى. بولامدىكىن، بولمامدىكىن. (ناھىيەلىك ھۆكۈمەت) ئۇنداق كوچىغا چىقماڭلار،دەپ ئۇقتۇرۇش تارقاتمىدى. تېلېۋىزوردىمۇ بىرەر خەۋەر بەرمىدى.

د ئۇ ق چارشەنبە كۈنى ۋەقەگە دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنى رادىيومىزدا بايانات ئېلان قىلىپ، قاراقاشتىكى ھۇجۇمغا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە « چېن چۈەنگونىڭ سىياسىتى جاۋابكار» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رابىيە قادىر مۇنداق دەيدۇ: « خەلق (چېن چۈەنگونى) يېڭى كەلدى. دۇنيانىڭ ئالدىدا شەكىلگە بولسىمۇ، بىزگە ئاز تولا بولسىمۇ تىنچلىق پۇرسىتى بېرىدۇ، دەپ بۇنى ئۈمىد قىلغان. بىراق بۇ كۈتكەن ئۈمىد بولماي، ساقچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، مەھەللە، مەھەللىگە پونكىت قۇرۇپ، ئۇنىڭ سىرتىدا قېرىنداشلىق، دەپ بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە يەنە بىر ئادەم كىرىپ 6 ئاي تۇرسا، بۇ ئائىلىنى باشقۇرغان ئادەم قانداق چىدايدۇ. تۇرغان ئادەم قانداق چىدايدۇ.

شۇڭا، خەلقنىڭ چىداش تاقىتى قالمىغان. ھەم مەسچىتلەرنى چېقىش، 70% مەسچىتنى چېقىش دېگەن بۇ يەر تەۋرەپ كېتىدىغان (ۋەقە)، مەيلى ئۇ قايسى دىن بولسۇن. ھەرقانداق بىر تاجاۋۇزچى بېسىۋالغاندا چېركاۋ، بۇتخانا، مەسچىتلەرنى چاققان ئەمەس. شۇڭا، بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىغا خەلق ئۈمىدنى ئۈزگەن گەپ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھازىرقى ئاپتونوم رايونغا رەئىس بولغان رەئىس ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى (جاۋابكار). شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ (ۋەقە)نى ھازىرقى يېڭى سىياسەتكە قارشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارايمىز.»

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كۆچمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭ داۋاملىق يوغىناپ ماڭغان. ئۇ، بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

رابىيە قادىر: (ئۇيغۇر ھەرىكىتى) ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان، باشقا تاجاۋۇزچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلىدىغان ئىنقىلاب. (خىتاي) ئۇيغۇر مىللىتىنى قايتا-قايتا، قايتا-قايتا ئالداپ كەلدى. ئالداشنىڭ چېكى بۈگۈنگە يەتتى. ئويلاپ بېقىڭ، مەسچىتنى چاقسا، بىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگە بىر خىتاينى تىقسا، مەھەللە، مەھەللىگە پونكىت سالسا، ئۇنىڭ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر بالىلارنى خىتاي بالىلار بىلەن بىرگە ئوقۇتۇپ، خىتاي بالىلار ئۇيغۇر بالىلارنى ئىرقىي كەمسىتسە، ئۇيغۇر تىلىنى يوقاتسا، بۇنى ئۇيغۇرلار ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇرنىڭ ئۆكتىچىلىرى بىلەن سۆھبەتكە كېلىشى كېرەك. سۆھبەتكە كېلىپ، مەسىلىنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ رازىلىقى بىلەن ھەل قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ ئۆكتىچى كۈچلىرى بىلەن سۆزلەشمەي، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى ئاڭلىماي، ئۇيغۇر خەلقىنى توختىتىپ قالالمايدۇ. مەيلى ۋەتەن سىرتىدا، مەيلى ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن، ئۇلار بىلەن سۆھبەتكە كېلىشى كېرەك.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو بۇ يىل 8‏-ئايدا ئۇيغۇر ئىلىغا يۆتكىلىپ كېلىپلا ئىلگىرى تىبەتتە يولغا قويغان بەزى سىياسەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈشكە باشلىغان. ئۇ «قۇلايلىق پونكىت» نامىدىكى يېڭى ساقچىخانىلارنى قۇرۇش، ئۇيغۇر-خىتاي تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، پاسپورت يىغىۋېلىش، مەسچىت چېقىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان.

بىراق ئۇنىڭ سىياسىتى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ تەدبىرلەر ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىقلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت