ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئەيسا قارىم: كەلپىن ساقچىلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى تۇتۇش ھەققىدە تەھدىت سالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-02-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەيسا قاراجىم يەمەننىڭ تارىخىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلدى. 2015-يىلى 1-مارت، گوللاندىيە.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئەيسا قاراجىم يەمەننىڭ تارىخىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە قىلدى. 2015-يىلى 1-مارت، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گوللاندىيە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەيسا ساۋۇت قارى ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ كەلپىندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق تېلېفون قىلدۇرۇش ۋە بىۋاسىتە تېلېفون قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى گوللاندىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى ئېلىپ بارماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ئەيسا ساۋۇت قارىم بۇ ئەھۋاللارنى گوللاندىيەدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە بىلدۈرگەندىن كېيىن، 2015-يىل ياز مەزگىلىدە كەلپىندە ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە، ئۇنىڭ بىر نەۋرە تۇغقانلىرىدىن بىرقانچە كىشىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى، چەتئەلدىكى تۇغقىنىغا ئۇچۇر يەتكۈزدى دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ ئەيسا ساۋۇت قارىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (1)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

تۈركىيەدە بىر مۇ ھاجىم قارىم يوقمىدۇ بىزدە بولسا ھەركىم ھاجىم قارىم كاچان قۇتۇلالايمىز بۇنداق اتاشلاردىن ھەركىم بەرابەر وخشاش ىنسان كۆز كۆز قىلمايلى ىمانىمىزنى ۋە سەۋابلىرىمىزنى ۋاز كەچمەك لازىم

Mar 01, 2016 06:38 AM

تولۇق بەت