پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ: «ئۇيغۇرلاردا پەقەتلا ئەركىنلىك يوق ئىكەن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-12-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىز» تېمىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2016-يىلى 7-دېكابىر، تۈركىيە.
غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىز» تېمىسىدا دوكلات بەرمەكتە. 2016-يىلى 7-دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim


12-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ زالىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىز» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. مەزكۇر يىغىنغا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى رەھبەرلىرى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغان ئىدى. دوكلات بېرىش يىغىنىدا غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىز» تېمىسىدا بەرگەن دوكلاتىدا تۈركىيە-قىرغىزىستان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق بىر ئىلمىي تەتقىقات تېمىسى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن قەشقەر ۋە يەكەننى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ۋاقتىدىكى تەسىراتىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بۇلاردىن ئارىيەلەر ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى غازى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي چەكلىگەن ئىشلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: « ئۇ يەردە، بىر تونۇش ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇشىڭىز چەكلەنگەن. مەن بىلەن بىللە بارغان ئىسمايىل مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۆيىدە مېھمان قىلماقچى ئىدى، بارالمىدۇق، چۈنكى چەتئەللىكلەرنى ئۆيىدە مېھمان قىلىش چەكلەنگەن. 18 ياشتىن كىچىكلەرنىڭ مەسچىتكە بېرىشى چەكلەنگەن. ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ دۆلەت كادىرى بولۇشنى خالىسىڭىز، كومۇنىست پارتىيەسىگە ئەزا بولۇشىڭىز كېرەك. دۆلەت كادىرى بولسىڭىز، روزا تۇتۇپ، ناماز قىلىشىڭىز چەكلەنگەن.

ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە سۆيگۈسى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندا كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر تۈركىيەدىن كەلگەن بولۇشىڭىز سىزنىڭ ئالاھىدە كۈتىلىشىڭىز ئۈچۈن يېتەرلىك. كۆرگەنلا ئۇيغۇر سىزگە زورلاپ تاماق يېگۈزۈشكە تىرىشىدىكەن، تاماق يېگەن ئىدىم دېسىڭىزمۇ ئۇنىمايدىكەن، چۈنكى ھاياتىدا تۇنجى قېتىم تۈركىيەدىن بىر قېرىندىشى كەپتۇ، ئۇنى چوقۇم مېھمان قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ بىزدىن ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلغىنى، بالىلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىغا ياردەم قىلىش ئىشى بولدى. "بىزدە پاسپورت يوق، دۆلەت پاسپورت بەرمەيدۇ. بالىلىرىمىز بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسە قۇتۇلسا دەيمىز " دەيدۇ. بۇ گەپلەرنى بىز تونۇشۇپ بىرئاز سەمىمىي بولغاندىن كېيىن دېدى. مەن ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىگە ياردەم قىلالمىغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق بىئارام بولۇۋاتىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قانداق ياردەم قىلىمەن. خۇدا شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئەركىنلىك بەرسۇن.»

ئۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىڭ يىلدىن بېرى مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ قوغداپ قالالايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز مىڭ يىلدىن بۇيان مەۋجۇت، بۇندىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ئۇيغۇرلار بەلكى نوپۇس جەھەتتىن ئاز سانلىققا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن، ئەمما يوق بولۇپ كەتمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە چاتما فىلىملىرىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى ياخشى كۆرىدىكەن. شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىپ 20 كۈن ئايلىنىش بىز ئۈچۈن ئۇنۇتۇلماس بىر ساياھەت بولدى. ئەمما، قىرغىزىستانغا قايتىش ۋاقتىمىزدا خىتاي ساقچىلىرى بىزنى 2 سائەت ئاختۇردى، سوراققا تارتتى، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈپ، قىرغىزىستان تەرەپكە 10 كىلومېتىرلىق يولنى مېڭىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلدى. يەنى خىتاينىڭ قېيىن-قىستىقىغا ئۇچرىدۇق.»

پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ داۋاملىق ھالدا بۇنى ئويلاۋاتىمەن. خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈن مەسىلىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرىشىمىز كېرەك.. ئۇيغۇرلار ئەركىنلىكى ئۈچۈن دۇنيادىكى پۈتۈن دۆلەتلەر بىلەن، ئۆكتىچى خىتايلار بىلەنمۇ ھەمكارلىشىشى كېرەك.. خىتايدا دېموكراتىيە بەرپا بولسا ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكىنى قوغداپ قالالايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە باشقا نەرسىلەرنىمۇ تەلەپ قىلىمىز. ئەمما ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يوق بولۇپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىمىز كېرەك.»

يىغىن ئاخىرىدا پروفېسسور دوكتور فىگەن دىلەك خانىمنىڭ "سىز سىبىرىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەر ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ باردىڭىز؟ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنى سېلىشتۇرسىڭىز قانداق "دېگەن سوئالىغا ئەكرەم ئارىقئوغلۇ ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «سىبىرىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەر بەكلا كەمبىغەل ئىدى. ئۇيغۇرلار ماددىي جەھەتتىن كەمبىغەل ئەمەس. ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا ئەركىنلىكى يوق. سىزنىڭ مىليارد پۇلىڭىز بولسا ئەركىنلىكىڭىز بولمىسا بۇ پۇلنى نېمە قىلىسىز؟ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇرۇن شەھەر تۇرمۇشىغا ئىگە بولغاچقا باي مەدەنىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، سىبىرىيەدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇزىكا چالغۇلىرىمۇ يوق، ئەمما ئۇيغۇرلاردا كۆپ خىل مۇزىكا ئەسۋاپلىرى بار. 12 مۇقامى بار. ئۇيغۇر تىلى سىبىرىيەدىكى تۈركىي تىللار ۋە قىرغىزچىغا قارىغاندا تۈركچىگە بەكلا يېقىن. بىز ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشكە باشلىدۇق.»

غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكرافونىمىزنى دوكلات ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزاتتۇق.

تىل-ئەدەبىيات كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئاقدېڭىز ئەرباش «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىز» ماۋزۇلۇق دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىمىز، لېكىن بۇ مۇئەللىمنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەلبىمىزدىكى ئوت يەنە بىر قېتىم تۇتاشتى. بىز ئامال بار ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇ يەردىكى ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئېلىپ، تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مەرۋە خانىم، دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى كەسپى ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا شەرقىي تۈركىستاننى ياخشى بىلەتتىم. ئۇيغۇرچە دەرسلەرگىمۇ كىردىم. دۆلىتىمىز بىزنىڭ كەسىپكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ كەسىپتىن ئۇيغۇرچە مۇتەخەسسىس بولۇپ يېتىشىدىغان كىشىلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتىنى بۈگۈنكى ۋەزىيىتىنى ياخشى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىچىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

پروفېسسور دوكتور ئەكرەم ئارىقئوغلۇ تۈركىيە-قىرغىزىستان ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى بەرگەن «ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق بىر ئىلمىي تەتقىقات تېمىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن 21 كۈن ئۇيغۇر دىيارىنى ئايلانغان بولۇپ، دوكلاتىدا بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت