خوتەن پۇرچاقچىدا بىر ئائىلىدىن بەش كىشىگە ئوق تېگىپ مەلىكىخان ئانا ۋە ئىككى ئوغلى ھاياتىدىن ئايرىلغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-03-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەزكۇر ئائىلىدىن توختىمەمەت تۇرسۇن ۋە نۇرمەمەت تۇرسۇن ئاكا-ئۇكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 نەپەر پىدائىي ئېتىۋېتىلگەن قانلىق ۋەقەدىن بىر كۆرۈنۈش.
مەزكۇر ئائىلىدىن توختىمەمەت تۇرسۇن ۋە نۇرمەمەت تۇرسۇن ئاكا-ئۇكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 نەپەر پىدائىي ئېتىۋېتىلگەن قانلىق ۋەقەدىن بىر كۆرۈنۈش.
CCTV

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇلتۇر 8-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەننىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدا ئاممىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ 9 نەپەر پىدائىينى تاپقانلىقى ۋە ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما پىدائىيلارنى ئىزدەش داۋامىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

يېقىندا بىر ئاڭلىغۇچىمىز رادىئومىزغا خەت يېزىپ، پۇرچاقچىدا ئاي ئارىلاپ داۋام قىلىۋاتقان قانلىق توقۇنۇشلاردا دۆڭجاي كەنتىدىكى بىر ئائىلىدىنلا 5 كىشىگە ئوق تەگكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرىدا داۋامىدا مەزكۇر ئائىلىدىن ئىككى قېتىملىق توقۇنۇشتا، 45 ياشلىق ئانا مەلىكىخان ئوبۇل ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 52 ياشلىق ئاتا تۇرسۇن ھوشۇر ۋە بىر قىزىنىڭ يارىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان مەلۇماتلىرىغا دىققەت قىلغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت