خىتاي بۇ يىلمۇ ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مۇئاۋىن مىنىستىرى فۇ جېڭخۋا(ئوتتۇرىدا) پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى چارلاش ساقچى ئەترىتىدىكىلەر بىلەن. 2014-يىل 6-ماي، بېيجىڭ.
خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مۇئاۋىن مىنىستىرى فۇ جېڭخۋا(ئوتتۇرىدا) پويىز ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى چارلاش ساقچى ئەترىتىدىكىلەر بىلەن. 2014-يىل 6-ماي، بېيجىڭ.
AFP

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئەركىنلىك سارىيى سەيشەنبە كۈنى 2017-يىللىق دۇنيا ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە باھا بېرىلگەن بۇ دوكلاتتا خىتاي يەنە ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ئەركىنلىك سارىيى دۇنيانىڭ ئومۇمىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىنى باھالاپ ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىدىغان يىللىق ئەركىنلىك دوكلاتىنى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادىكى سىياسىي ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن بەزى دۆلەتلەردە پوپۇلىزم يەنى پۇقرالارنى ياقىلاش ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيەلىرىدىكى ھەرىكەتلەر كۈچەيگەن. ئۇلار بۇ خىل ئېقىملارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى يەر شارىۋى دېموكراتىيە ئۈچۈن بىر تەھدىت، دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ئاۋازغا قويۇشى، ئامېرىكىدا دونالد ترۇمپنىڭ پرېزىدېنتلىق سايلام رىقابىتى ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە مىللەتچى پارتىيەلەرنىڭ يۈكسىلىشى ھەم شۇنداقلا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا قانۇنلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشى قاتارلىقلارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن.

ئەركىنلىك سارىيى ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە دېموكراكتىك ئەللەردە يۈز بېرىۋاتقان داۋالغۇشلار كۆپىنچە ھاللاردا دۇنيانىڭ دىققىتىنى بۇرىۋەتكەنلىكتىن، خىتاي ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردىكى كۈنسايىن ناچارلىشىپ مېڭىۋاتقان ئىچكى بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ نەزەردىن ساقىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا خىتاي ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتايدا، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستىك رېجىم يېڭى قانۇن-تۈزۈملەر ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، چەتئەل مۇستەقىل ئورگانلىرى ۋە دىنى ئىشلارغا قاراتقان بېسىمىنى ئاشۇردى. كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، تور بەت يازغۇچىلىرى، پائالىيەتچىلەر ۋە دىنغا ئىشەنگۈچىلەرنى ئېغىر جازالىدى. شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىللار مابەينىدە ھوقۇقنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق غەرب دېموكراتىيىسىنى يەرگە ئۇردى. شۇنداقلا جەمئىيەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ سىياسىي كۆز قارىشى، ئىش-ھەرىكىتىگە قاراپ تۇرۇپ ‹ئىشەنچ نومۇرى› قويىدىغان بىر خىل سىستېمىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشقا باشلىدى»

ئەركىنلىك سارىيى يەنە دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن دېموكراتىيەسىگە كۆرسىتىۋاتقان سەلبىي تەسىرىنىڭمۇ ئارتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قېچىپ چىقىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ قىلىۋاتقان بېسىمىنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىل ئىچىدە ماقۇللىغان بىر قاتار يېڭى قانۇن-تۈزۈملەر خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار، بۇ يېڭى قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەسكى بۇ قانۇنلارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، دۇنيادىكى 7.4 مىليارد نوپۇسنىڭ 39 پىرسەنتى ئەركىن دۆلەتتە، 25 پىرسەنتى قىسمەن ئەركىن دۆلەتلەردە، 36 پىرسەنتى ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەردە ياشايدىكەن. خىتايمۇ ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر ھېسابلىنىدىغان 7 نومۇر ئالغان بولسا، كىشىلىك ئەركىنلىكى جەھەتتە 6 يېرىم نومۇر ئالغان. خىتاي، دوكلاتتا ئورۇن ئالغان 198 دۆلەت ئىچىدە ئارقىدىن سانىغاندا 15-دۆلەت بولۇپ باھالىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقى ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگەن. دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە يەنە تۆۋەنلەپ ماڭغان بولۇپ، بۇنىڭغا خىتايدىكى يېڭى ماقۇللانغان ئىنتېرنېت بىخەتەرلىك قانۇنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە شۇنىڭدەك ئۇچۇر-پىكىر ۋە دىنى ئەركىنلىكنىڭ ئىلگىرىلەپ قامال قىلىنىشىدەك ئەھۋاللار سەۋەب بولغان. بولۇپمۇ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئاچقان دىنى خىزمەتلەرنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى يىغىنى دائىرىلەرنىڭ دىنغا قاراتقان قامالنى كۈچەيتىش ھەققىدە 2001-يىلىدىن بېرى ئاچقان تۇنجى يىغىنى، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئاپرېل ئېيىدىكى يىغىن ئارقىلىق بارلىق دىنى پائالىيەتلەر ۋە ئورگانلارغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، خىتايدىكى دىننى ‹جوڭگوچىلاشتۇرۇش› نى پىلانلاش ئارقىلىق خىتايدىكى دىنى ئەركىنلىكنى يەنىمۇ قاتتىق قامال ئاستىغا ئالدى. ھۆكۈمەت يەنە شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونىدا ھەربىي ھالەت شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق بۇ مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىگە قارىماي ئۇنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا».

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھەسى ئورگىنى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. مەزكۇر ئورگان ئۆز باياناتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىپ، چەتكە چىقىشىغا چەكلىمە پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلەۋاتقانلىقىنى، چەتئەللەرگە قېچىپ چىقىپ پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىگە چۈشۈپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، 2015-يىلى تايلاندتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن 100 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق بولماسلىق بىلەن بىرلىكتە يەنە 70 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تايلاندتا ياردەم كۈتۈپ ياتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت