كۆزەتكۈچىلەر: «ئۇيغۇرلار يېتىپ ئۆلگىچە، ئېتىپ ئۆل» دېيىشكە مەجبۇرلانماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2013-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى ساقچى پونكىتى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.
ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى ساقچى پونكىتى. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.
t2.qpic.cn/mblogpic

غەرپ مەتبۇئاتلىرى 26 - ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى» يەر بېرىش بىلەن بىرگە، 23 - ئاپرىل سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەمدە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگىمۇ تېگىشلىك ئورۇن بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئۈزلۈكسىزلىكى ھەققىدە دۇنياغا يەنە بىر قېتىم كەڭ ئۇچۇر تارقاتتى. بۇ ۋەقە دۇنيا جامائىتى، جۈملىدىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر پىكىر بايان قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لۇكچۈن ۋەقەسى دەسلەپ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنگىلىزچە بېتىدىلا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 27 - ئىيۇندىكى يەنە بىر ئەنگلىزچە خەۋىرىدە «خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى گو شەنكۈننىڭ چارشەنبە كۈنى تۇرپانغا يېتىپ كېلىپ، تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقى» تىلغا ئېلىنغان.

گو شەنكۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئۈچۈن جىددىي بىر قانۇن تۇرغۇزۇپ چىقىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ سۆزىدە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2011 - يىلى تېررورچىلار ھەمدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى بېكىتىش ۋە تېررور گۇماندارلىرىنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش توغرىلىق ھۆججەت چىقارغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر تېررورلۇققا قارشى كونكرېتنى بىر قانۇننىڭ يوقلۇقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ 2012 - يىلى 4 - ئايدا 6 كىشىنى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر، تېررورچىلار سانىنىڭ كۆپىيىپ 25 كىشىگە يەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنىڭ توڭلىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئىنىستىتوتى بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى ۋېي لۈكچۈن ۋەقەسىنى«يەنە بىر قېتىملىق تىپىك تېررورلۇق ۋەقە» دەپ ئاتىغان. ئۇ بۇ قېتىمقى لۈكچۈن ۋەقەسىنىڭ چەتئەلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ «ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تېررورچىلار مەلۇم مۇددەت تەربىيە كۆرگەن ۋە چەتئەلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەرىكەت قىلغان» دېگەن. ئەمما ئۇ ھېچقانداق پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويمىغان. ئۇ سۆزىدە، تېرورچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئاساسلىقى ساقچىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لى ۋېينىڭ بىلدۈرىشىچە، «ئىلگىرى بۇ خىلدىكى ۋەقەلەر جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەۋىج ئالغان بولسا، ئەمدىلىكتە جەنۇب تەرەپ سەل تىنجىشقا باشلىغاندا، شەرق تەرەپكە قاراپ كېڭەيگەن.» د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى خىتاي مۇتەخەسسىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەقەنىمۇ چەتئەلدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە ئارتىشىنىڭ تارىختىن بۇيانقىغا ئوخشاشلا مەنتىقسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

غەرب مەتبۇئاتلىرىدا، 26 - ئىيۇن كۈنى لۈكچۈندا پىچاققا ئوخشاش ئاددىي بويۇملار بىلەن قوراللانغان بىر توپ ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ ساقچىخانا، يېزىلىق ھۆكۈمەت، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ 17 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى كۆيدۈرگەنلىكى، ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا قوشۇلۇپ، 23 - ئاپرىل كۈنى مارالبېشىدا يۈز بەرگەن 15 نەپەر ساقچى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى جېنىدىن ئايرىغان زور قانلىق ۋەقەمۇ تىلغا ئېلىندى شۇنداقلا 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 200 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 1700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسلىتىلىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى مىللىي زىددىيەتلەرنىڭ بارغانسېرى ئۆتكۈرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى. لۈكچۈن ۋەقەسىگە ئوخشاش بىر ۋەقە 2011 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىمۇ 18 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 - يىلى يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئىلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش، قاتتىق تىزگىنلەش، قاتتىق قورقۇتۇش سىياسىتىگە بىنائەن، بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىدە ئەسلىدە ھازىرقىغا قارىغاندا نىسپەتەن تىنچ بىر مۇھىت بارلىققا كەلسە بولاتتى. قولىدا پىچاقتىن باشقا قورالى بولمىغان ئۇيغۇرلار قۇدرەتلىك بىر ھاكىمىيەت ئاستىدا ئۇزۇن دەۋىرلىك سۈكۈتكە ئەسىر بولسا مەنتىقىگە ئۇيغۇن كېلەتتى. ئەمەلىيەتتە، ۋەزىيەت بارغانسېرى ناچارلىشىپ، مىللىي زىددىيەت كۈنسېرى ئۆتكۈرلىشىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلىمى ۋە دائىرىسى يەنىمۇ كېڭىيىپ، ئۆلۈم - يېتىم ھادىسىلىرى تېخىمۇ كۆپەيمەكتە. ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ زوراۋانلىققا تايانغان ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قۇمۇل دىيارلىرىغا قەدەر كېڭەيمەكتە. يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيان بۇ خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنى خىتاي مەتبۇئاتلىرى ھەم خەلقئارا ئۇچۇر ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئاشكارا مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندىمۇ 500 ئەتراپىدا مۆلچەرلەشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇيغۇر ئىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى قانداق بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە بۇنچە ئەۋجىگە چىقىۋاتىدۇ؟

ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختىلىپ، ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ «يېتىپ ئۆلگىچە، ئېتىپ ئۆل» دەيدىغان بىر باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، بۇنداق بىر كۈرەشكە تۈرتكە بولۇۋاتقان ئامىلنىڭ كۈچلۈك مىللەتچىلىك روھى ھەم سادىق دىنىي ئەقىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت