كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتقۇندىكى بارلىق ژۇرنالىستلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياچۈي ۋاڭ خانىم.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياچۈي ۋاڭ خانىم.
Social Media

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئىزچىل يامانلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇندىكى بارلىق ژۇرنالىستلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدى.

3-ماي «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى» كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياچۈي ۋاڭ خانىم خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ ئۆتكەن 10 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان بارغانچە يامانلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، خىتايدىكى ئاخبارات ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدا مۇستەقىل ئاخبارات مەۋجۇت ئەمەس. ئەمما ئىلگىرى بىر قىسىم پۇقراۋى ژۇرنالىستلار، تور يازارلىرى ئىنتېرنېتتا مۇستەقىل ئۇچۇر تارقىتىشقا تىرىشىپ كۆرگەن. ھالبۇكى، كۆپلىگەن پۇقراۋى ژۇرنالىستلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە ئاخبارات چەكلىمىسىنىڭ كۈچەيتىلىشى سەۋەبلىك خىتايدا ئىنتېرنېتنى بازا قىلغان پۇقراۋى مېدىيا پەقەت يوق دېيەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالدى.»

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر پارچە خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچىمۇ، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تېخنولوگىيەدىن پايدىلىنىپ خەۋەر، كۆزقاراش ۋە ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش يوللىرىنى قامال قىلىشنى تېخىمۇ چىڭىتقان. 

دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولغان خىتايدا مىڭلىغان تور بەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «فەيسبۇك»، «گۇگىل»، «ئىنستاگرام» ۋە «تۋىتتېر» قاتارلىق ئىجتىمائىي مېدىيالار چەكلەنگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، خەۋەر قاناللىرىدىن «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە بەتلىرى، «ب ب س»، «نيۇ-يورك ۋاقت گېزىتى»، «بلۇمبېرگ» قاتارلىقلار توسۇلغان.

خىتايدىكى 800 مىليون ئىنتېرنېت ئابۇنتىنىڭ 1 پىرسەنتتىن 3 پىرسەنتكىچە قىسمى تۋىتتېر ئىشلىتىدىكەن. خىتايچە ئاخباراتلار بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئۆز ئۇچۇرلىرىنى كۆپلەپ تارقاتقاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىمۇ چەكلەش نىشانى قىلغان.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى ئەركىن ئاخبارات پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىنغان ۋەزىيەت، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ۋۇخەندە بايقالغان كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

بۇ ھەقتە توختالغان ياچۈي ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئەركىن ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى مەۋجۇت بولغان بولسا، خەلق بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن-ئادەمگە يۇقىدىغانلىقىنى بىلەلىگەن ۋە ئۆزىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى بۇرۇنراق ئالالىغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ۋىرۇسنىڭ تىزىدىن ئالدىنى ئېلىشقا مەجبۇرلىيالىغان بولار ئىدى.»
چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ يىل ئاپرېل ئېلان قىلغان دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇچۇر ئاخباراتنى دەرىجىدىن تاشقىرى قاتتىق كونترول قىلىپ دۇنيا ئاخباراتىنىڭ يېڭى تەرتىپىنى ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ دۇنياۋى كورونا ۋاباسى مەزگىلىدە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. 

دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي دوكلاتقا كىرگۈزۈلگەن 180 دۆلەت ئىچىدە 177 رەتكە يەنى يىللاردىن بېرى «ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋەزىيىتى ئالاھىدە ناچار» دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتقان ئىراننىڭمۇ كەينىگە تىزىلغان.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىر-ژۇرنالىستلار ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلانغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ 100 دىن ئارتۇق مۇخبىر-ژۇرنالىستلارنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلار ۋە مۇخبىر-ژۇرنالىستلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ خىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى 2009-يىلدىكى «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئالدى-كەينىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. 

خىتاي دائىرىلىرى ئەينى يىلى، ئۇيغۇر ئېلىدە داڭ قازىنىشقا باشلىغان بىر نەچچە يۈز ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى تاقىغان، يەنە نەچچە ئونلىغان تور بەت ساھىبلىرى ۋە تور يازارلىرى ۋە «شىنجاڭ ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز قاتارلىق بىر قىسىم ئاخباراتچىلارنى قولغا ئالغان.

ئۇيغۇر ئاخباراتچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى باستۇرۇش 2016-يىلدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن. بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، چىمەنگۈل ئاۋۇت قاتارلىق ئونلىغان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلارنى تۈرمىگە تاشلىغان.

بۇ ھەقتە توختالغان ياچۈي ۋاڭ خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى تۇتقۇن قىلغان بارلىق ژۇرنالىستلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايغا يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرىمىز شۇدۇركى، خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋەر-ئاخباراتلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق ژۇرنالىستلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەك.»

1993-يىلى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ 19-ماددىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن بىر قارارنامە ماقۇللاپ، ھەر يىلى 3-ماينى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن.

«ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نىڭ 19-ماددىسىدا، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جازالىنىشتىن مۇستەسنا ھالدا ئۆز پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكى، ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ مەيلى ئاغزاكى، مەيلى يازما ۋە مەيلى باسما شەكىلدىكى ئۇچۇر-ئاخباراتلارغا چەكلىمىسىز ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەنگەن. 

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 5 دۆلەتنىڭ بىر بولغان خىتايمۇ ب د ت «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» غا ئىمزا قويغان ۋە بۇنىڭدا بەلگىلەنگەن بارلىق ماددىلارغا ئەمەل قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 

كۆزەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تا ھازىرغا كەلگۈچە بۇ ھەقتە بەرگەن ۋەدىلىرىنىڭ ھېچ بىرىگە ئەمەل قىلماي كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت