ئابدۇكېرىم راخماننىڭ «ھايات تىۋىشلىرى» ناملىق كىتابى ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-10-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى مەرھۇم ئابدۇكېرىم رەھمان ئەپەندى.
ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى مەرھۇم ئابدۇكېرىم رەھمان ئەپەندى.
RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى ئابدۇكېرىم رەھمان ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ «ھايات تىۋىشلىرى» ناملىق ئەسلىمە كىتابى ئىستانبۇلدا نەشردىن چىقتى.

ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ھايات تىۋىشلىرى» ناملىق ئەسلىمە كىتاب 575 بەت، ئۈچ بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە مۇقەددىمە قىسمىغا ئورۇن بېرىلگەن. بۇلاردىن سىرت كىتاب 11 بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلاردا ئابدۇكېرىم راخمان ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ پۈتۈن ئوقۇش، خىزمەت ھاياتى، بېشىدىن كەچۈرگەن بارلىق سىياسىي ۋەقەلەرنى بايان قىلغان. كىتابنىڭ ئاخىرىغا مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپ ساندىكى رەڭلىك فوتو-سۈرەتلەر كىرگۈزۈلگەن.

مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخمان 1993-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۈركىيەگە كېلىپ خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئىشتىراك قىلغان، ئۇنىڭ «ئۇيغۇر فولكلورى» ناملىق كىتابى 1996-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغانىدى. بۇلاردىن سىرت ئۇنىڭ بەزى ماقالىلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان. تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ خوجايىنى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخماننىڭ 2016-يىلى 4-ئايدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تۈركىيەگە كەلگەندە ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆز سەرگۈزەشتلىرى ۋە كېيىنكى 70 يىل جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر بايان قىلىنغان ئەسلىمە كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېرىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

مەرھۇم پروفېسسور ئابدۇكېرىم رەھمان ئۇيغۇر ئېلىدە نەشر قىلدۇرۇش ئۈچۈن يازغان «ھايات تىۋىشلىرى» ناملىق كىتابىدا ئاپتورنىڭ ھايات مۇساپىسى بايان قىلىنغان. ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى كىتابتا 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ جانلىق سۈرەتلەنگەنلىكىنى، تارىخىي ھەقىقەتلەرنى بىلىش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخمان ۋە ئۇنىڭ «ھايات تىۋىشلىرى» ناملىق كىتابى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن 18 يىل بىللە خىزمەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا دەرس بەرگەن تۈركىيەدە پېنسىيەگە چىققان پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ناھايىتى تىرىشچان سەمىمىي ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەپەندى ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ۋەتەندە، بېيجىڭ ۋە تۈركىيە قاتارلىق جايلاردا كۆپ ساندا كىتابىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات، فولكلور تەتقىقاتىغا زور تۆھپە قوشقان كىشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پروفېسسور دوكتور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەپەندى ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ناھايىتى ۋاپادار كىشى ئىكەنلىكىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەپەندى ئابدۇكېرىم رەھمان يازغان «ھايات تىۋىشلىرى» ناملىق كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى 70 يىللىق تارىخىدىكى بەزى مەسىلىلەر يورۇتۇپ بېرىلگەن مۇھىم ئەسلىمە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىتاب ھەققىدە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن مەرھۇم ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ئوقۇغۇچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەت ئەپەندىنىمۇ زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، ئابدۇكېرىم راخماننىڭمۇ جازا لاگېرىغا سولانغانلىقىنى، كېيىن ئۆيىدە نەزەربەند ئاستىدا ۋاپات بولغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭمۇ ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى، بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ كىتابنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەرھۇم ئابدۇكېرىم رەھمان 1940-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر بەشكېرەمدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1964-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئۇيغۇر فولكلورى بويىچە تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە دوكتور يېتەكچىسى. ئابدۇكېرىم رەھمان 1964-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى دەرسىنى بەرگەن. 1980-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا، 1990-يىللاردا پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1980-يىللاردا ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر فولكلورى تەتقىقاتى بويىچە تۇنجى قېتىم تەتقىقاتنى باشلىغان مۇتەخەسسىس ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت