ۋاشىنگتوندا «كومپارتىيەگە قارشى مۇستەقىل پارتىيەلەر قۇرۇلتىيى» چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان «كومپارتىيەگە قارشى مۇستەقىلچىلەر قۇرۇلتىيى» غا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر. 2019-يىلى ئاۋغۇست، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان «كومپارتىيەگە قارشى مۇستەقىلچىلەر قۇرۇلتىيى» غا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر. 2019-يىلى ئاۋغۇست، ۋاشىنگتون.
RFA/Eziz

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە شاڭخەي مىللىي پارتىيەسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «كومپارتىيەگە قارشى مۇستەقىل پارتىيەلەر قۇرۇلتىيى» 23-ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق دىركسېن بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەر رايونلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە خوڭكوڭ، شاڭخەي، كانتون (گۇاڭدۇڭ)، لۇ دۆلىتى، ئۇلۇغ شۇ دۆلىتى قاتارلىق مۇستەقىللىق ئىستىگۈچى ئون نەچچە پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىن زالىغا ھەرقايسى مۇستەقىلچى پارتىيەلەرنىڭ پارتىيە بايراقلىرى ئېسىلغان بولۇپ، تامنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، يىغىن نامىدىن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا قارىماي قۇرۇلتايغا كەلگەن ۋەكىللەرگە ئۆز تەشەككۈرىنى ئېيتىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنىڭدىن كېيىن يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا سۆز بېرىلدى. ئېلشات ھەسەن سۆز ئېلىپ، ئالدى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مارشى» غا ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا زالدىكى ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ مارش مۇزىكىسى ئىچىدە ئېلشاتقا جۆر بولدى.

ئېلشات ھەسەن ئۆز سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ، خىتاينىڭ پارچىلىنىشى، شۇ قاتاردا شەرقىي تۈركىستان، كانتونىيە دۆلىتى، موڭغۇل دۆلىتى، لۇ دۆلىتى، يۈەن دۆلىتى قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى رېئاللىققا تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى، ئۆتكەن مەزگىللەردە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، ئەمدىلىكتە خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىدىنمۇ مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلغۇچى گۇرۇپپىلارنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ تارىختىكى مۇقەررەر يۈزلىنىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ قېتىمقى يىغىننى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى، شاڭخەي مىللىي پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى خې ئەنچۇەن ئۆز سۆزىدە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مەزمۇنى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئالغا سۈرۈش، كۆز-قاراشلارنى ئالماشتۇرۇش ھەمدە مۇستەقىللىقنى ئىستىگۈچىلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

شۇ قاتاردا سۆز ئالغان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن جۈرئەت ئوبۇل ئۆزىنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئۆزىدەك ياپونىيەدىن تېببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭمۇ تەڭسىزلىك ۋە زۇلۇم تۈپەيلىدىن يەكلەش ۋە باستۇرۇشتىن خالىي بولالمىغانلىقىنى، نۆۋەتتە دۇنيا ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەن لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. بولۇپمۇ ئۇ «شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي سىياسىي كۆچمەنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ماھىيەتتە ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ھەمدەم بولۇۋاتقان قەبىھ ئىنسانلاردۇر. شۇڭا بىز ئۇلارنى بىگۇناھ دېيەلمەيمىز. رېئاللىق بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئەمەلگە ئاشمىغۇچە ئۇيغۇرلار نوبېل مۇكاپاتى ئالسىمۇ ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىنسانىي قەدىر-قىممىتى بولمايدىغانلىقىنى ئۆگەتتى» دېگەندە يىغىن ئەھلى چوڭقۇر ئويغا چۆكتى.

يىغىن ۋەكىللىرى ئۆز پارتىيەلىرى نامىدىن سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن باشقا شاڭخەي، تەيۋەن، خوڭكوڭ قاتارلىق جايلاردا سىياسىي، ئىقتىساد ۋە كۈندىلىك ھايات پائالىيەتلىرى ساھەسىدە قانداق قەبىھلىكلەرنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسانىي مۇھەببەتكە قانداق خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا بۇنداق بىر رەزىل ھاكىمىيەتنى جەزمەن ئاغدۇرۇۋېتىش لازىملىقى ھەققىدە پىكىر قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا كېلەلمىگەن بىر قىسىم ۋەكىللەر يىغىنغا ئۆزلىرىنىڭ ۋىدىيولۇق نۇتقىنى ئەۋەتكەن ئىدى. شۇلاردىن خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى جوشۇا ۋوڭ ئۆز ۋىدىيوسىدا خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر باستۇرۇشلارنىڭ شەپىسى كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئاچچىق رېئاللىقنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خىتاينىڭ پارچىلىنىشى لازىملىقىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

خې ئەنچۇەن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلىۋاتقان «بۈيۈك بىرلىك» چۈشەنچىسىنىڭ پەقەت بىر تۈركۈم ھۆكۈمران سىنىپ ئەزالىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، پۈتكۈل خىتايلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشقاندا خىتاينىڭ پارچىلىنىشى خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ زور ئەركىنلىك ۋە پاراۋانلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ئەپەندى مۇستەقىللىقنى ئىستىگۈچى سىياسىي پارتىيەلەر ۋە تەشكىلاتلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ بىرلەشمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك، دەپ قاراپ كەلگۈچىلەرنىڭ بىرى. بۇ خىل بىرلەشمە كۈچ ھاسىل بولغاندا دۇنيا جامائىتىگە مۇستەقىللىق ئىستىگۈچىلەرنىڭ يالغۇز ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، مۇستەقىللىق ئىستىگۈچى خىتاي خەلقىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق مۇستەقىللىقنىڭ ئاسايىشلىق مەنزىرىلىرى مىڭ يىللارچە ئىلگىرىكى يېغىلىق دەۋرىدە ياكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەۋجۇت بولغان. شۇ چاغلاردىكى مۇستەقىل بەگلىكلەر ياكى مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى بولغان 1920-يىللاردىكى مۇستەقىل ئۆلكىلەردە ئەنە شۇنداق بولغان. قاچانىكى مۇشۇ مۇستەقىللىققە خاتىمە بېرىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈش چاقىرىقى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە دەريا-دەريا قانلار بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى كۆردۇق. ‹بۈيۈك بىرلىك› ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن بولسا بۇ بىرلىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن مۇستەبىتلىك دەۋران سۈردى. خەلقنىڭ دەردى بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇڭا ھەرقايسى جايلار مۇستەقىل بولسا، ھەممىسى ئۆزىنىڭ رىزقىنى ئۆزى يېسە بىر ئوبدان ئەمەسمۇ؟ بۇ خۇددى ھەممە ئادەمنى بىر ئۆيگە سولىۋېلىپ بىرى بۇنىڭغا سەردار بولۇۋالسا ئۇۋالچىلىق تۈگىمىگەندەكلا بىر ئىش.»

ئېلشات ھەسەن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تىللىق بىر توپ مۇستەقىلچى پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇنجى قېتىم بىرمەيداندا ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەچ «بۇ بىر ياخشى باشلىنىش. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر جامائىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولمىغۇچە ھېچنەرسىسى كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىگە قىلىنغان بىر خىتاب» دېدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە يىغىنغا قاتنىشىش تەكلىپىنى رەت قىلغان. بەزىلەر بۇ ھالنى «خىتاي دېموكراتلىرى پارچىلانغان خىتاينى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. بۇ شۇنىڭ بىر ئىسپاتى» دېيىشمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت