گېرمانىيەدىكى «كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى» پارلامېنتتا مۇنازىرە قوزغىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-01-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيە مۇنىختىكى كوڭزى ئىنستىتۇتى. مۇنىخ، گېرمانىيە.
گېرمانىيە مۇنىختىكى كوڭزى ئىنستىتۇتى. مۇنىخ، گېرمانىيە.
Social Media

گېرمانىيەدىكى كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقلىرىغا سەۋەب بولغان.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسى 22-يانۋار «گېرمان باج تۆلىگۈچىلەر خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تاشقىي تەشۋىقات قورالىغا ئوق ئېلىپ بېرىۋاتامدۇ؟ كوڭزى ئىنىستىتۇتى تەكرار شۈبھە قوزغىدى» ناملىق بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بولغانلىقى، تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردىكى سىياسىي دۇرۇستلۇق مەسىلىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى توغرىلىق مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولىۋاتقانلىقى ھەمدە گېرمانىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى بىر ئەربابنىڭ باج تۆلەۋاتقان گېرمان پۇقرالىرىنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا دەسمەيە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى سۆز بېشى قىلىنىدۇ. 

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «گېرمانىيە رادىيوسى» يېقىندا بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ گېرمانلار تۆلەۋاتقان باج پۇلىغا تايىنىپ گېرمانىيەدە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنى كەڭ-كۇشادە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 

بۇ قاراشنى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزاسى يېنس براندېنبۇرگ پارلامېنتنىڭ بىر قېتىملىق ھۆكۈمەتتىن سوئال سوراش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سوئالىنىڭ تېمىسىنى «خىتاي كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىدىكى قىلمىشلىرى» دەپ قويغان. ئۇ سۆزىدە كوڭزى ئىنىستىتۇتىنى ئەيىبلەپ: «بۇ يەردىكى مەسىلە-بىز ئالىي مەكتەپلىرىمىزدە گېرمانلار تۆلەۋاتقان باج پۇلى بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىۋاستە سىياسىي تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىمىز بولىۋاتىدۇ. بۇنداق قىلمىش گېرمانىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك،» دېگەن. ئۇنىڭ پىكىرلىرى گېرمانىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىغا دەز كەتكۈزگەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، گېرمانىيە مائارىپ مىنىستېرلىقى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان جاۋابىدا ئوچۇق قىلىپ گېرمانىيەدىكى 19 كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دىپلوماتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ۋە خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچ سىياسىتىنى نامايەن قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن. 

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا خىتاينىڭ كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ نورۋېگىيەدىمۇ يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى گېرمانىيەدىكى بۇ ئىنىستىتۇتلارنىڭ «خىتاي ئىشخانىسى» نى مەبلەغ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئەمما گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بولسا بۇ كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ۋە زېمىن بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئۇلار بىرەر پائالىيەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا خىتاي ۋە گېرمانىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن ئىقتىسادىي ياردەم سورايدىكەن. ئۇلار گېرمانىيە دۆلىتىدىن ئالغان، گېرمان خەلقى تاپشۇرغان باجدىن يىغىلغان بۇ پۇل بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىكەن. 

گېرمانىيەنىڭ دۈسسېلدورف شەھرىدىكى كوڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى كورد ئېبېرسپاچېر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە خىتاي مائارىپ مىنىستېرلىقىغا تەۋە بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈشىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى بار ئىكەن. دۈسسېلدورف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاينىڭ كوڭزى ئىنىستىتۇتى بىلەن تۈزگەن توختامىنىڭ مۇددىتى 2020-يىلى 4-ئايغىچە بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت توختامنى ئۇزارتماسلىق، كوڭزى ئىنىستىتۇتىنى تاقاش قارارىغا كەلگەن. 

مەلۇم بولىشىچە، 2019-يىلى كانساس ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكادىكى كۆپلىگەن ئۇنىۋېرىستېتلار كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپلا قالماي، يەنە جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شوغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنى تاقىغان. 

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، گېرمانىيەدىكى كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرى ئەسلىدە گېرمانلار بىلەن خىتايلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىدە كۆۋرۈكلىك رول ئويناش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى لازىم ئىكەن. ئەكسىچە بۇ ئىنىستىتۇتلار ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇلارنىڭ كومپارتىيە بىلەن پاراللېل پوزىتسىيەدە تۇرۇپ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئوخشايدىغان «نازۇك تېما» لاردىن دائىم ئۆزىنى قاچۇرىشى دىققەتنى قوزغايدىكەن. 
بۇ قەتىم گېرمانىيەدىكى كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىغا باشقا پارتىيەلەر ئەمەس، دەل خىتايغا ئىجابىي مۇئامىلىدە قارايدىغان، خىتايلارنىڭ گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قارشى چىقىشى قىزىقارلىق بولغان. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى گۇدە يېنسېن خانىم نۆۋەتتە پارلامېنتنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتى» نىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى خىتاينى زىيارەت قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن كرىستىيان لىندنېر بۇ سەۋەبتىن خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرگەن. 

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. 

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەدىكى كوڭزى ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇ ئىكەن. بۇنىڭغا گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىتاينى بارغانسېرى «گېرمانىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ قاراۋاتقانلىقى سەۋەب بولماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ گېرمانىيە تېخنىكالىرىنى ئوغرىلاشلىرى، ساقچى تەرەپنىڭ ئىنكاسىغا بىنائەن گېرمانىيەدىكى 35 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭلا «جاسۇسلۇق قىلىش ئېھتىمالى يوقىرى» دېگەن گۇماندا قارىلىشى، خىتاينىڭ گېرمانىيە تاۋارلىرىنى تەقلىدىي ياساپ پاتېنت ھوقۇقلىرىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى قاتارلىقلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە خىتاي دۆلىتىگە نىسبەتەن گېرمانىيە خەلقى ئىچىدە زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت