كورىيەدە ئېچىلغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىنلىك يىغىنى» دا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى جەنۇبىي كورېيەنىڭ 22-نۆۋەتلىك سابىق باش مىنىستىرى رو جايبوڭ ئەپەندى بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 7-نويابىر. سېئول، كورېيە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى جەنۇبىي كورېيەنىڭ 22-نۆۋەتلىك سابىق باش مىنىستىرى رو جايبوڭ ئەپەندى بىلەن بىرگە. 2019-يىلى 7-نويابىر. سېئول، كورېيە.
Photo: RFA

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى 7-نويابىر كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 7-نويابىردىن 9-نويابىرغىچە كورىيە پايتەختى سېئولدا ئېچىلىۋاتقان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىنلىك يىغىنى» ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىنلىك يىغىنى» جەنۇبىي كورىيەنىڭ 22-نۆۋەتلىك سابىق باش مىنىستېرى رو جايبوڭ (1990-يىلىدىن 1991-يىلغىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىنلىك ھەركىتى» جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىكەن. بۇ مەزكۇر جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن بۇيان چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىن ئىكەن.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا كورىيە، تەيۋەن، خوڭكوڭ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى تەشكىلاتلار ھەم پائالىيەتچىلەر دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرگە ئېلىپ كەلگەن تەھدىتلىرى باش تېما قىلىنغان. 

يىغىندا خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ھەركىتى، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشى، شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورىيەنىڭ ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كېلەلمەسلىك مەسىلىسى ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرگە قاراتقان ئېتنىك باستۇرۇشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلىلەر ھەققىدە مەخسۇس دوكلاتلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ 7-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش خاراكتېرلىق دوكلات بەرگەنلىكىنى، 8-نويابىر كۈنى مەخسۇس ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئايرىم دوكلات بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇ 7-نوبىردىكى دوكلاتىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا 2 مىليوندىن 3 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەقلەرنىڭ «قايتا تەربىيىلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ دوكلاتىدا لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن لاگېر ئىچى ياكى لاگېر يېنىغا قۇرۇلغان زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، رايوننىڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. 

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 7-نويابىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتىغا قارىتا مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگەن «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىنلىك ھەركىتى» جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئىنكاسى خېلى كۈچلۈك بولغان. بولۇپمۇ مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى، يەنى كورىيەنىڭ 22-نۆۋەتلىك سابىق باش مىنىستېرى، كورىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رو جايبوڭ ئەپەندى ياخشى ئىنكاس قايتۇرغان. يىغىندىن كېيىن ئۇ ئىلھام مەخمۇت بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كورىيەلىكلەرگە تونۇشتۇرۇش، بولۇپمۇ سىياسىي ساھەسىدىكىلەرگە تېخىمۇ كەڭ تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت