قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئاقساقاللىرىدىن مەھرۇم قالماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2020-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىرزاھاكىم ئابدۇلوۋ ئەپەندىم (سولدىن بىرىنجى كىشى) ئاق ساقاللار كېڭىشىدە. 2018-يىلى نويابىر.
مىرزاھاكىم ئابدۇلوۋ ئەپەندىم (سولدىن بىرىنجى كىشى) ئاق ساقاللار كېڭىشىدە. 2018-يىلى نويابىر.
RFA/Feruze

2019-يىلنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بىرىنچى قېتىم كۆرۈلگەن كورونا ۋىرۇس ئاغرىقى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، چوڭ بىر ئاپەتكە ئايلانغان. مۇشۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدىن تارتىپ ۋىرۇس ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تارقىلىپ، شۇ جۈملىدىن قىرغىزىستانغىمۇ يېتىپ كېلىپ، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا تاجسىمان ۋىرۇس بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدا يېڭىدىن يامراپ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە سەھىيە سىستېمىسىنىڭ بۇ كېسەلگە قارشى تولۇق تەييارلىقلارنى يۈرگۈزمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. 

«كاكتۇس مېدىئا» ئاخباراتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە قىرغىزىستاندا ئۆتكەن كۈن ئىچىدە 57 كىشى قازا تاپتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 13 كىشى كورونا ۋىرۇسىدىن، يەنە 44 كىشى پنېۋمونىيە، يەنى ئۆپكە ياللۇغىدىن ۋاپات بولغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كىشىلەرنىڭ نارازىلىقى ئۆسمەكتە. بىشكەك شەھىرىنىڭ تۇرغۇنى تائالايبېك شايىمبېكوف، «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ ئاغرىق سىڭلىسى بىلەن بىر نەچچە دوختۇرخانىلارغا بېرىپ سەھىيە ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئۇنىڭ 26ياشلىق سىڭلىسىنىڭ پنېۋمونىيە ئاغرىقىدىن نەپەس ئالالماستىن قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان. تائالايبېك شايىمبېكوفنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەت ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ كېسىلسە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلمىغان. 

ئىگىلىنىشىچە ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان بىشكەك شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا يۇقۇملانغان كىشىلەرنى داۋالاش ئۈچۈن جاي يوق بولۇپ كۆپ كىشىلەر دوختۇرخانىلارنىڭ ئىشىكلىرىنى ئالدىدا قازا قىلىشتى. 

سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە قىرغىزىستاندا ئۆتكەن بىر كۈن ئىچىدىلا 80 دوختۇر ۋە سەھىيە خادىمى كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. مارت ئېيىدىن تارتىپ قىرغىزىستاندا يۇقۇمغانلارنىڭ سانى 9 مىڭ 358 كىشىگە يەتكەن، 122 كىشى قازا قىلغان، يەنە 224 كىشى ئۆپكە ياللۇغىدىن ۋاپات بولغان. 

كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ئۇيغۇر جامائىتىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتمەكتە. كورونا ئاغرىقى سەۋەبىدىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەت بويىچە باش يىگىت بېشى مىرزاھاكىم ئابدۇلوف قازا قىلدى. ئىگىلىنىشىچە ئۇ ئىسسىق-ئاتا ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا پىنېۋمانىيە، يەنى ئۆپكە ياللۇغىدىن قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن مىرزاھاكىم ھاجىمنىڭ قىزى ئوخشاش دىئاگنوز بىلەن كۆز يۇمغانىدى.

مىرزاھاكىم ھاجىم ئابدۇلوف 40 يىلدىن بۇيان بىشكەك شەھىرىدىكى تۆكۈلتاش مەھەللىسىدە يىگىت بېشىلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ساقلىنىشىدا ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە چوڭ تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەر ئادەم ئىدى. «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان بائۇدۇنوف مىرزاھاكىم ئابدۇلوفنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىدىن تارتىپ جانكۆيەرلىك بىلەن جامائەت ئىشلىرىغا قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش بولغانلىقىنى ئېيتىپ، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. 

مىرزاھاكىم ھاجىم ئابدۇلوف 2015-يىلى چاقىرىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ 9-قۇرۇلتىيىدا جۇمھۇرىيەتلىك باش يىگىت بېشى بولۇپ سايلانغانىدى. مىرزاھاكىم ئابدۇلوف خەلق ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى شەرىپىگە «ئىخسان» مېدالى، شۇنداقلا قىرغىزىستان خەلق كېڭىشىنىڭ مېدالى ۋە تەقدىرنامىلىرىگە ئېرىشكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئارتىق ھاجىيېف مىرزاھاكىم ئابدۇلوفنىڭ پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى باھالاپ ئائىلىسىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. 

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆكۈلتاش مەھەللىسىنىڭ يىگىت بېشى ھەم ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەخمەتجان كىبىروف ئەپەندىمۇ ئۆپكە ياللۇغىدىن قازا قىلدى. 

مىرزاھاكىم ھاجىم ئابدۇلوف ۋە مەخمەتجان كىبىروفلار بىشكەك شەھىرىدە ئىسلامىي قائىدىلەر بويىچە دەپنە قىلىندى. كورونا ۋىرۇس ئاغرىقى قاتتىق يامراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆپ كىشىلەر جىنازا نامىزىغا قاتنىشالماي قالدى. 

رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا قىرغىزىستاندا تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى توققۇز مىڭدىن ئاشتى. 

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف تور ئارقىلىق جامائەتنى يەنە بىر قېتىم ۋىرۇستىن مۇداپىئەلىنىش چارىلىرىنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىش قىلىشقا چاقىردى.

ئىگىلىنىشىچە بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى لېبېدىنوفكا ۋە نوۋوپوكروفكا يېزىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىچىدە كۆپ كىشىلەر كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۆپكە ياللۇغىسى كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە بەزىلىرى قازا تاپقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت