نورۋېگىيە سودا ئەخلاقىي كېڭىشى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋىرىمىز بار»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي تېخنولوگىيە گۇرۇھى‏-خەيكاڭ ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرى كۆرگەزمىدە. 2018-يىلى 23-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
خىتاي تېخنولوگىيە گۇرۇھى‏-خەيكاڭ ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆزىتىش كامېرالىرى كۆرگەزمىدە. 2018-يىلى 23-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

ھېلسىنكى كومىتېتى، فرافتۇ فوندى جەمئىيىتى، نورۋېگىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 6 تەشكىلات 11‏-مارت كۈنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى پېنسىيە فۇندىنىڭ خەيكاڭ دىگىتال ۋە داخۇا تېخنولوگىيە شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىككى شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپوتونوم رايونىدىكى نازارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئومۇمىي يۈزلۈك دىگىتال تەقىبلەشنى يولغا قويۇشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن.

ئوچۇق خەتتە تەكىتلىشىچە، نورۋېگىيە ھۆكۈمەت پېنسىيە فوندىنىڭ بۇ ئىككى شىركەتكە مەبلەغ سېلىشى ب د ت نىڭ ئالاقىدار سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ۋە مەزكۇر فۇندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۆز قائىدە نىزاملىرىغا خىلاپ ئىكەن. ئوچۇق خەتتە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا دىنىي، ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇشتا ئىشلەتكەنلىكى، بۇنىڭ تۇتقۇندىكى ئاز دېگەندە بىر مىليون كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ، «پېنسىيە فۇندىنىڭ مەبلەغ سېلىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلەنگەن.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 11‏-مارت كۈنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى پېنسىيە فۇندىنىڭ «سودا ئەخلاقى كومىتېتى» غا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر ئوچۇق خەتكە قارىتا ئىنكاسىنى سورىدۇق. مەزكۇر كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ئەرىك فوربېرگ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ شىكايىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئىندىۋىدۇال بىر شىركەت توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەرىك فوربېرگ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئىندىۋىدۇال بىر شىركەت توغرىسىدا پىكىر بىلدۈرمەيمىز. چۈنكى، بۇ ئىچكى ئۇچۇر. بىراق شۇنى ئېيتالايمىزكى، بىز بۇ ھەقتىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا خەۋەرلەندۈرۈلدۇق. بولمىسا سىز سەكرىياتنىڭ مەسئۇلى بىلەن سۆزلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. سىز بىزنىڭ تورىمىزغا چىقسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشەلەيسىز. . . . . . . . . . بىلىشىڭىز كېرەككى، بىزنىڭ فوند دۇنيادىكى 9 مىڭ شىركەتكە مەبلەغ سالغان. بىز بۇ 9 مىڭ شىركەتنىڭ ھەممىسىنى تەقىب قىلىپ بولالمايمىز. لېكىن بىزنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن شۇنداقلا بەزى شىركەتلەرنىڭ بۇ رايوندىكى ھەرىكەتلىرىدىن خەۋىرىمىز بار.» ئەرىك فوربېرگ «سودا ئەخلاقى كومىتېتى» نىڭ يېقىندا ئارىدا مەزكۇر مەسىلىنى ئۆزىنىڭ خىزمە تكۈنتەرتىپگە قويۇپ، مۇزاكىرە قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە ھەرقانداق بىر پىلانى بار-يوقلۇقى توغرىسىدىكى سوئالىمىزغا «ئەخلاق كومىتېتىنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمەت كۈنتەرتىپىگە ئالاقىدار ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلىسام بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

لېكىن رافتو كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە، نورۋېگىيە پېنسىيە فوندى ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ رەئىسى جۇستېن خولې كوبېلتۋېد 11‏-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى تەلەپلەردە بولدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەبلەغ سېلىشتا ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن تونۇلغان نورۋېگىيە پېنسىيە فۇندىنىڭ مەبلەغ سېلىشتا بۈگۈن بىز شاھىت بولۇۋاتقان شىنجاڭدىكى جازالاش قىلمىشلىرىغا قارىتا كۈچلۈك پوزىتسىيە تۇتۇشى ئىنتايىن مۇھىم. مانا بۇ بىزنىڭ پېنسىيە فۇندىغا رايوندىكى ئىشلار توغرىسىدا چاقىرىق قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.»

ئۇ يەنە، نورۋېگىيە پېنسىيە فۇندىنىڭ خەيكاڭ بىلەن داخۇا شىركەتلىرىدىكى مەبلىغىنى تېزرەك چېكىندۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇلارنىڭ ئۆز كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى بار. ئۇلار بۇ سىياسىتىنى خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك يەنە ئۇلارنىڭ سودا ئەخلاقى كومىتېتى بار. ئۇلار ئەخلاق سىياسىتىنى نازارەت قىلىپ، مەبلەغ سېلىشتا مەسلىھەت بېرىدۇ. ئۇلار يۇقىرىقى ئىككى شىركەت كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلىشتىن بۇرۇن مەبلەغ سالغانمۇ ياكى ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارغا ئىشتىراك قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز قېلىپ مەبلەغ سالدىمۇ، بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. ئەمما مەن پېنسىيە فۇندىنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ ئىككى شىركەتتىكى مەبلىغىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

رافتۇ فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق 6 تەشكىلاتنىڭ باياناتى خەيكاڭ شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە تەتقىقات مەركىزى بارلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ بىر بازىسىدا ئىشخانا قۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ئامېرىكادىكى IPVM ناملىق دىگىتال تېخنولوگىيە نازارەت ئورنىنىڭ 10‏-مارت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خەيكاڭ شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تەتقىقات ئورنى بۇ يىل 1‏-ئايدا چىقارغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا، خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملار بازىسىدا يېتىپ-قوپۇپ ئىشلەيدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىكەن. دوكلاتتا، مەزكۇر بازىنىڭ مىدوڭ رايونى فۇچيەن يولىدىكى «خىتاي تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسى» نىڭ ئارقىسىغا جايلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

نورۋېگىيەدىكى ھېلسىنكى كومىتېتى مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئىمزا قويغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نورۋېگىيە پېنسىيە فوندى مەبلەغ سېلىشتا يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنى ياخشى تەكشۈرمىگەن. ھېلسىنكى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى گۇننار ئەلېكۇد 11‏-مارت كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «پېنسىيە فوندىدا كېلىپ چىققان بۈگۈنكى مەسىلە ئۇلار مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇن بۇ ئىككى شىركەتنى ياخشى تەكشۈرمىگەن ۋە سەزگۈر بولمىغان. بۇ ئەھۋال دائىم ئۆلچەمگە توشمايدىغان بۇ خىل شىركەتلەرنىڭ پاي چېكىنى سېلىۋېلىشتەك ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ مەسىلىدە بىز پېنسىيە فۇندىنىڭ خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈشى ۋە مەبلىغىنى قايتۇرۇپ چىقىشى كېرەك، دەپ قارايمىز.»

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نورۋېگىيە «سودا ئەخلاقى كومىتېتى» نىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا يېقىندا ئارىدا بىر قارار چىقىرىشىنى كۈرمەكتە ئىكەن. گۇننار ئەلىكۇد «بىز ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر جاۋاب ئالمىدۇق. ھالبۇكى، نورۋېگىيە تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە بەزى مۇنازىرىلەر بولۇۋاتىدۇ. بىزگە شۇنى ئېيتالايمىزكى، بۇ مەسىلىدىن سودا ئەخلاقى كومىتېتىنىڭ خەۋىرى بار. بىز مەزكۇر ئورگاننىڭ يېقىن ئارىدا بۇ شىركەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نورۋېگىيە سودا ئەخلاق كومىتېتى ۋە ئالاقىدار ئورگانلار خەيكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىگە سالغان مەبلىغىنى قايتۇرۇپ چىقىدىغانلىقى، لېكىن بۇنىڭ بىر ئاز ۋاقىت ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئۇچۇرنى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەختىيار ئۆمەر 11‏-مارت كۈنى زىيارىتىمىز قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ خەيكاڭ شىركىتى بىلەن داخۇا تېخنولوگىيە گۇرۇھى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ قارار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە تەقىبلىشىگە ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. يۇقىرىقى ئىككى شىركەت شۇ قېتىم قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 8 شىركەتنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت