مىسىردىن قايتقان 7 ئاشپەز «تېررورلۇق» جىنايىتى ئارتىلىپ 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىسىردىكى ئەسلەم ئاشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن ئابدۇزايىر.
مىسىردىكى ئەسلەم ئاشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن ئابدۇزايىر.
RFA/Shöhret Hoshur

سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ خوتەندە قاماقخانىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ بىلەن مىسىردىكى ئەسلەم ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا ئىشلىگەن 7 كىشى، يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن بىر جىنايەتچىلەر گۇرۇھى دەپ قارىلىنىپ 10 يىللىقتىن يۇقىرى ئوخشىمىغان مۇددەتتە كېسىۋېتىلگەن. مەمەتتۇرسۇن بۇ 7 ئاشپەزنىڭ خوتەن خانئېرىقنىڭ بىر كەنتىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان خانئېرىق يېزىسىدىكى بىر كەنت خادىمى مىسىردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كېسىۋېتىلگەن كىشىلەرنىڭ خانئېرىق 10-كەنت، يەنى تۆۋەن خانئېرىق كەنتىنىڭ كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئىلگىرى مىسىردا 6 ئاي ئاشپەزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن خوتەندە 1 يىلدىن ئارتۇق قاماقخانىدا ياتقان سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان، مىسىردا ئۆزى بىلەن بىر ئاشخانىدا يەنى ئەسلەم ئاشخانىسىدا ئىشلىگەن 7 ئاشپەزنىڭ 2016 ‏-يىلى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن، 2017‏-يىلنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرلىرى 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مىسىردىكى ئەسلەم ئاشخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن ئابدۇزايىر ۋە ئابدۇۋاجىد 20 يىللىقتىن، قاھار 18 يىللىق، ئابدۇۋارىس، ئەنەس ئابدۇسالاملار 15 يىللىقتىن كېسىلگەن. ئاشخانىغا ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن 70 ياشلىق ئابدۇسالام دېگەن كىشىمۇ 12 يىللىق كېسىلگەن.

مەمەتتۇرسۇننىڭ دېيىشىچە، بۇلار ئېغىر قېيىن-قىستاقنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزلىرى سادىر قىلمىغان قىلمىشنى بوينىغا ئېلىشقا، يەنى «مىسىرغا ئاشپەزلىك ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەپ كەلگەن» دەپ ئىقرارنامە يېزىشقا مەجبۇر بولغان. ھەتتا بەزىلىرى مىسىردىن ۋەزىپە بىلەن قايتا كەلگەنلىكى ھەققىدە ئىقرارنامە يازغان.

ئىلگىرى مىسىردا ئوقۇغان بىرەيلەننىڭ بايان قىلىشىچە، ئەسلەم ئاشخانىسى مىسىردىكى 6-7 ئۇيغۇر ئاشخانىسىدىن بىرى يەنى نىسبەتەن تونۇلغىنى بولۇپ، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇتقۇن باشلانغاندا، ئەڭ ئاۋۋال مانا مۇشۇ ئاشخانىغا پېچەت سېلىنغان ۋە تۇتقۇن مانا مۇشۇ ئاشخانىدىن باشلانغان.

مەمەتتۇرسۇن ئوسمان ئەسلىدە بۇ ئاشپەزلەرنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاشلا تىرىكچىلىك كويىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئەمما سوراقچىلار، جىنايەتچىلەر گۇرۇھىنى پاش قىلسا، مۇكاپاتى كاتتا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەسلەم ئاشخانىسىدىكى بۇ يەتتە ئاشپەزنى بىر-بىرىگە چېتىپ جىنايەتچىلەر گۇرۇھى قىلىپ دېلو تۇرغۇزغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ يەتتە ئاشپەز خوتەننىڭ خانئېرىق يېزا، تۆۋەن خانئېرىق كەنتىدىندۇر. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خانئېرىق يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى مىسىردىن قايتقان بۇ 7 ئاشپەزنىڭ قانچە يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، بۇ ھەقتە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن جاۋاب ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. خانئېرىق كەنت كادىرلىرىدىن بىرى، مىسىردىن قايتىپ كېسىۋېتىلگەن ئاشپەزلەرنىڭ خانئېرىق 10 ‏-كەنت يەنى تۆۋەن خانئېرىق كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، مىسىردىن يۇرتىغا قايتقان 7 ئاشپەزنىڭ جىنايەتچىلەر گۇرۇھى دەپ قارىلىنىپ 10 نەچچە يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت