خىتاينىڭ لاگېرلاردا ئوينىغان «ياسالما ئويۇنلىرى» ئالبانىيەلىك مۇستەقىل تەتقىقاتچىنى ئىشەندۈرەلمىدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالبانىيەلىك مۇستەقىل ژۇرنالىست، تارىخشۇناس، ئىتالىيەدىكى «ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى» ئىنستىتۇتىنىڭ ئىسلام ۋە يېڭى دەۋردىكى ئالبان كىملىكى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئولسى يازۇجى ئەپەندى.
ئالبانىيەلىك مۇستەقىل ژۇرنالىست، تارىخشۇناس، ئىتالىيەدىكى «ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى» ئىنستىتۇتىنىڭ ئىسلام ۋە يېڭى دەۋردىكى ئالبان كىملىكى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئولسى يازۇجى ئەپەندى.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتى 16-ئاۋغۇست كۈنى ئافغانىستان، ئالبانىيە، باڭلادېش، ھىندىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، تۈركىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە، كورېيە، ياپونىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق 15 دۆلەتتىن كەلگەن مۇخبىرلار ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ قېتىملىق زىيارەتتە خىتاي دائىرىلىرى 15 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلار ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى بىلەن مەلۇم «تېخنىكا تەربىيە مەكتىپى» گە ئاپىرىپ، شۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەربىيەلىنىۋاتقان ئاتالمىش «ئىمام» لارنىڭ «تەربىيەلىنىپ قايسى دەرىجىگە بارغانلىقى» نى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنى يەنە ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى «مائارىپ تېخنىكا تەربىيە مەكتىپى» دە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «تەربىيەلەنگۈچىلەر» نىڭ قانداق بولۇپ ئاتالمىش «ئاشقۇن ئىدىيە» لەر بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، «خىتاي قانۇنىنى ياخشى ئۆگەنگەندىن كېيىن ئۇلاردىكى بۇ خىل ئىدىيەلەرنىڭ پۈتۈنلەي تۈگەپ، ھەقىقىي ئادەم بولۇش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى» نى تونۇشتۇرغان.

بۇ يىل ئىيۇلدا ب د ت غا ئەزا 24 دۆلەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان قاتتىق قول سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىگە ئىمزالىق خەت ئەۋەتكەن ئىدى. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن 50 دۆلەتنى ئىشقا سېلىپ، بۇنىڭغا «قايتۇرما زەربە» بەرگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ 15 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلار ۋەكىللىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارىتا چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

دەرۋەقە، بۇ مۇخبىرلار ئۆمىكى ئىچىدىكى ئالبانىيەلىك مۇستەقىل ژۇرنالىست، تارىخشۇناس، ئىتالىيەدىكى «ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى» ئىنستىتۇتىنىڭ ئىسلام ۋە يېڭى دەۋردىكى ئالبان كىملىكى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئولسى يازۇجى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆرسەتكەن مەنزىرىلىرىدىن كۆپلىگەن بىنورماللىقلارنى بايقىغان ھەمدە بۇ ھەقتە كۆپلىگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتقان.

دوكتور ئولسى جازىخېنىڭ 25-ئاۋغۇست يوۇتۇبە قانىلىغا چىقارغان ۋىدىيوسىدا ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بەزى ئىشلار ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئەسلىدە خىتايغا بارغىنىمدا يەتمەكچى بولغان نىشانىم غەرب ئەللىرىنىڭ ‹خىتاي دائىرىلىرى شىنجاڭدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، شىنجاڭ نۆۋەتتە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتىدۇ› دېگەندەك بىر قاتار بايانلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىدى. ئۈرۈمچىگە كەلگەن دەسلەپكى كۈنلىرىمدە، يەنى 19-ئاۋغۇست تارتقان بىر قانچە ۋىدىيولىرىدا ھېچقانداق زىددىيەتلىك ئەھۋاللارنى ياكى ‹جازا لاگېرلىرى› خاس ئالامەتلەرنى كۆرمىدىم. ھەممە نەرسە ماڭا شۇنداق نورمال بىلىنگەن ئىدى. بىز خىتايلارنى، ئۇيغۇرلارنى كۆردۇق. ھەممە نەرسە قارىماققا شۇنداق گۈزەل ۋە تەرەققىي قىلغان. مەن بۇلارنى كۆرۈپ، بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقىنى، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ قالايمىقان بايانلارنى بەرگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. خىتاي دائىرىلىرى بىزنى ئۈرۈمچىدىكى ‹خەلقئارالىق چوڭ بازار› نى ئايلاندۇرغاندا بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ھالبۇكى، مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقان بىر نۇقتا، مۇشۇنداق تارىخىي ئىمارەتنىڭ ئىچىدىكى مەسچىتنىڭ قۇلۇپلانغانلىقى بولدى. مەن بۇنى كۆرۈپ بەكلا ئەجەبلەندىم. شۇنىڭ بىلەن يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتتۈم، ئۇ يەردە تۇڭگانلارنىڭ بىر مەسچىتى بار ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭغىمۇ قۇلۇپ سېلىنىپتۇ.»

دوكتور ئولسى جازىخې ۋىدىيودىكى بايانلىرى داۋامىدا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مەلۇم «كەسپىي تېخنىكا تەربىيە مەكتىپى» دە كۆرگەن نورمالسىزلىقلار ھەققىدىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەكتەپ قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئورنى ۋە سىرتقى قىياپىتىدىن بۇ يەردە چوقۇم بىرەر جىنايەتچى، تېررورچى ياكى جەمئىيەتكە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ سولانغانلىقىنى قىياس قىلغان. ھالبۇكى، ھەقىقىي ئەھۋال ئۇ ئويلىغاندەك بولمىغان.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بىز بۇ مەكتەپكە بارغىنىمىزدا خىتاي دائىرىلىرى بىزگە شۇ يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقىلى نەچچە يىل بولغان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئۇسسۇل ئوينىغان، ناخشا ئېيتقان، خۇشال بولۇپ كۈلۈشكەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەيدان كونسېرتنى قويۇپ بەردى ھەمدە بىزنى پەقەت ئاشۇنىلا سۈرەتكە ئېلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرىۋېتىپتۇ. ئۇلار ئۇيغۇر تۇرۇقلۇق خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىكەن. مەن ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلاردىن تۇتۇلۇش سەۋەبىنى سورىغىنىمدا ئۇلار ‹بىر قانچە يىل بۇرۇن قۇرئان ئوقۇغان ياكى قۇرئان سىنىپىغا قاتناشقان، ئۆيدە ياكى كوچىدا ناماز ئوقۇغان، ھىجاب تاقىغان› دەپ جاۋاب بەردى. بۇ ئەمەلىيەتتە غەربكە نىسبەتەن ئىنتايىن نورمال بولغان دىنىي پائالىيەتلەردۇر. ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر مۇشۇنداق نورمال كىشىلىك ھوقۇقى سەۋەبلىك جىنايەتچىگە ئايلىنىپتۇ. ئۇلار بۇ خىل مەكتەپلەردە مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇلۇشقا ئۇچراپ، ئاخىرىدا مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلىدىغان ھالەتكە بېرىپ يېتىپتۇ. مەن بۇ مەكتەپتىكى بىچارە بالىلارغا ‹ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم› دېسەم، ئۇلار ‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام› دېيىشتىنمۇ قورقۇپ، ماڭا خىتايچە ‹نى خاۋ› دەپ جاۋاب قايتۇردى. مەن ئارقىدىنلا ‹سىلەر مۇسۇلمانمۇ› دېسەم، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى، ھازىر مۇسۇلمان ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى،»

ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان چەتئەل مۇخبىرلىرى كوچىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشقا ئۇرۇنغىنىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. دوكتور ئولسى جازىشخى بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدىمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇققان. ئۇ ئاقسۇ ۋە قەشقەر كوچىلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن سوئال سورىماقچى بولغىنىدا خىتاي خادىملىرى بۇنىڭغا يول قويمىغان.

ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق بايان قىلىدۇ: «مەن شىنجاڭغا ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگىلى، ئۇسسۇل ئوينىغان قىز-ئوغۇللارنىڭ ئۇسسۇللىرىنى كۆرگىلى بارمىدىم. مەن بىر ئاخباراتچى بولغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ۋەزىپەم شۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلارنى تەكشۈرۈش. مېنىڭ بۇ جايدا زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلگۈم بار ئىدى. شۇڭا مەن خىتايلاردىن ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشىمغا يول قويۇشنى كۆپ قېتىملاپ تەلەپ قىلدىم. مېنىڭ بۇ تەلىپىم بەزىدە ئۇلارنىڭ بەكلا نېرۋىسىغا تەگدى. نەتىجىدە مەن يەنىلا كوچىدىكى، بولۇپمۇ ئاقسۇ، قەشقەر كوچىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدىم. ئۇيغۇرلارمۇ بىزگە سۆز قىلىشتىن بەكلا قورقتى، خىتاي دائىرىلىرىمۇ بىزنى ئامال بار شۇلار بىلەن پىكىردە بولۇپ قېلىشتىن توستى.»

دوكتور ئولسى جازىخېنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ۋىدىيولىرى توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقى مەلۇم. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقلىرى مەزكۇر ۋىدىيولار ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىنىپتۇ، دېيىشمەكتە. ھالبۇكى، مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى لائوس، كامبودژا، فىلىپپىن، نېپال، سىرىلانكا، بەھرەيىن، نىگېرىيە قاتارلىق 7 دۆلەتنىڭ دېپلوماتلىرىنى 19-ئاۋغۇستتىن 21-ئاۋغۇستقىچە ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردا ئېكىسكۇرسىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت