لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر: مەن ئۇ يەردە كۆرگەن قىرغىنچىلىق ئىچىمگە پاتمىدى (1)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
28 يىللىق ئىستاژغا ئىگە باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئىشخانىسىدا دەرس تەييارلىق قىلماقتا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
28 يىللىق ئىستاژغا ئىگە باشلانغۇچ مەكتەپ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ئىشخانىسىدا دەرس تەييارلىق قىلماقتا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
Qelbinur Sidiq teminligen

بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن، 20 يىلدىن ئارتۇق دەرس مۇنبىرىدە خىزمەت قىلغان قەلبىنۇر سىدىق ئۆزى سۆيگەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ ئاخىرقى يىلىنىڭ «لاگېر» دەپ ئاتىلىدىغان قاباھەتلىك ئورۇننىڭ ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن ئاخىرلىشىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىكەن.

چۈنكى ئۇ، 1990-يىلى ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى بولغان 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەر مەركىزىدىكى سايباغ رايونلۇق 24-باشلانغۇچ مەكتەپتە خىتاي تىلىدىن دەرس بېرىش بىلەن باشلىغان تۇنجى كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە بولغان ئىشتىياقى ئاشقانىدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى ئەۋلاد تەربىيەلەش كەسىپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ سېپىدە تونۇلغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى قۇرۇپ ئوقۇتۇش قابىلىيىتى جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئىدىيەسى ۋە ئائىلە ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتىمۇ ئەڭ «ئىلغار» ئوقۇتقۇچىلارنى لاگېردا مېڭە يۇيۇش ئېلىپ بېرىشقا تاللاشقا باشلىغاندا، قەلبىنۇرنىڭ «ئىلغار ئوقۇتقۇچى» دېگەندەك بۇ ناملىرى ئۇنى «جازا لاگېرى» ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا ئايلاندۇرغان.

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلارنى قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە قەلبىنۇر سىدىق دەسلەپ 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ساڭ فاڭگوۋ(تۆشۈكتام) دىكى دۆڭلۈككە قۇرۇلغان ئەرلەر لاگېرىدا 6 ئاي، ئارقىدىن 2017-يىلى 9-ئايدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە يەنە ئىككى ئايچە ئۈرۈمچى تۇگۇڭغا جايلاشقان «ياشانغانلار ساناتورىيەسى» دەپ لوزۇنكا ئېسىلغان ئاياللار لاگېرىدا تۇتقۇنلارغا خىتاي تىلى ۋە قىزىل ناخشىلارنى ئۆگىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

قەلبىنۇر سىدىقنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2019-يىلى 10-ئايدا داۋالىنىش باھانىسىدە ئېرى ۋە قېرىنداشلىرىنى كېپىللىككە قويۇپ گوللاندىيەدىكى قىزىنىڭ يېنىغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى رەھىمسىزلىك، چەكتىن ئاشقان زوراۋانلىق، خورلاش، قىيىن-قىستاقلارغا ئايلاپ شاھىت بولۇش، ئەمما ئۈنىنىمۇ چىقىرالماسلىق ئۇنى روھىي جەھەتتىمۇ زور خوراتقان. قەلبىنۇر خانىم بۇ جازا لاگېرلىرىدا كۆرگەنلىرىنى ۋە ئاڭلىغانلىرىنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىرمۇ-بىر ئاڭلاتتى.

ئۇ، ئۆزىنىڭ ئازابلىق ئەسلىمىلىرىنى لاگېرغا بېرىپ دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۈنىدىن باشلىدى.

ئۇ ئۆزىگە «ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئورنى» دەپ ئۇقتۇرۇلغان جاينىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېر ئىكەنلىكىنى ئۇ ئۈستىگە تىكەنلىك پولات سىم ئورالغان ئېگىز تاملار بىلەن قورشالغان بۇ قورۇ ئىچىگە ۋە قاتمۇ-قات مېتال ئېلېكترونلۇق ئىشىك ئورنىتىلغان تۆت قەۋەتلىك بىناغا قاراۋۇللارنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن ئۆتۈپ كىرگەن ھەم قوراللىق ساقچىلارنى كۆرۈپ تېنى شۈركەنگەن پەيتكىچە بىلمىگەن. قىسقىسى، ئۇ ئۆزىنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنىمۇ بىلمىگەنىكەن.

قەلبىنۇرنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ سىنىپقا كىرىپ ئۆزىنىڭ چېچىلغان زېھنىنى، قورقۇنچلىرىنى، خۇدۇكلىرىنى بېسىشقا تىرىشىپ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ دەرس باشلىغىنىدا، ئۆزىنىڭ سالىمىغا جاۋاب بېرەلمىگەن، پۇت قوللىرى كىشەنلەنگەن مويسىپىت ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈن-تىنسىز ئېقىپ چۈشكەن ياش تامچىلىرىنى كۆرگەندىكى ئازابلىق ياشلىرىنى بۇ سىنىپقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كامېرالار ۋە ساقچىلاردىن يوشۇرۇشقا ئاران ئۈلگۈرگەن. ئۇنىڭ لاگېردىكى مەجبۇرلانغان قۇللۇق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتى ئۆز ئازابلىرىنى زەھەرنى يۇتقاندەك يۇتۇش بىلەن شۇنداق داۋام ئەتكەن.

ئالتە بالىلىق مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدىكى ئوتتۇرانچى پەرزەنت بولغان قەلبىنۇرنىڭ 5 قېرىندىشىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھازىر ئۈرۈمچىدە ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا كېپىل بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئۈرۈمچىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللار شىركىتىدىكى ئېرى بىلەنمۇ ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن. ھەتتا ئېرى ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 2-ئايدا، ئۆزىنىڭ قەلبىنۇر بىلەن نىكاھلىق مۇناسىۋىتىدىنمۇ ۋاز كەچكەنلىكىنى تېلېفون ئارقىلىق يەتكۈزۈپ غايىب بولغان.

لاگېر ئوقۇتقۇچىسى بولغان قەلبىنۇر، ھازىرغىچە خىتاينىڭ لاگېرىدىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىقالىغان ساناقلىق لاگېر شاھىتى بولۇپلا قالماستىن ئۇ يەنە لاگېر سىياسىتىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئۆزى ئەمەلىي بېشىدىن كەچۈرگەن، بۇ ھەقتە دۇنياۋى ئاخباراتقا قىممەتلىك گۇۋاھلىقلار بەرگەن ئىككىنچى لاگېر ئوقۇتقۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا ھازىر شىۋېتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان قازاق لاگېر ئوقۇتقۇچىسى سايراگۈل سائۇتباينىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرىمۇ زور ئىنكاس قوزغىغانىدى.

لاگېر ئوقۇتقۇچىسى بولغان قەلبىنۇر خانىم ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ قۇربانى بولغاانلىقىنى تەكىتلەپ: «مەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن گۇۋاھچى» دەيدۇ.

قەلبىنۇر بىلەن ئېلىپ بارغان كېيىنكى سۆھبەتلىرىمىز ئۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2016-يىلىدىن باشلانغان يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش، مەكتەپلەردىكى خىتايلاشتۇرۇش، خىتاي بىلەن قوشماق تۇغقانچىلىققا مەجبۇرلاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، بالىلارنى دۆلەت ئىلىكىدىكى يېتىمخانىلارغا ئېلىپ كېتىش قاتارلىق ئۆزى شاھىت بولغان ۋە بېشىدىن كەچۈرگەن سىياسىي تەدبىرلەر ھەققىدە داۋام ئېتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت