ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-09-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان نامايىشتا، بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ "خىتاي، مېنىڭ مومام قېنى" دېگەن لوزۇنكىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 1-سېنتەبىر، گېرمانىيە.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان نامايىشتا، بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ "خىتاي، مېنىڭ مومام قېنى" دېگەن لوزۇنكىنى تۇتۇپ تۇرغان كۆرۈنۈشى. 2020-يىلى 1-سېنتەبىر، گېرمانىيە.
REUTERS

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 16-سېنتەبىر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا تەكىتلىشىچە، مەزكۇر كومىتېت 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا ئائىت دەلىللەرنى توپلاپ كۆزدىن كەچۈرىدىكەن، شۇنداقلا ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىش، بۇ خىل قەبىھلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى قانداق كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام تيۇگېنخاتنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش ئەڭىلىيەنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارنى مەركەز قىلىدىكەن. تام تيۇگېنخات 16-سېنتەبىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «ۋەھالەنكى، بىزدە ھازىر ئاتالمىش ‹قايتا-تەربىيەلەش› لاگېرلىرىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق، ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان پاكىتلارلار بار،» دېگەن.

ئۇ يەنە «بۇ تەكشۈرۈش ئەڭىلىيەنىڭ ئۆز تەسىرىنى ئىشلىتىپ نېمە ئىشلارنى

قىلالايدىغانلىقى، يېڭى قۇرۇلغان ‹تاشقى ئىشلار، ئىڭىلىز مىللەتلەر توپى ۋە تەرەققىيات

ئىشخانىسى› نىڭ دۆلىتىمىزنى ‹ئاكتىپ، خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ۋە يۈكنى تەڭ

كۆتۈرۈدىغان دۆلەت› قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تاشلايدىغان

قەدەملەر توغرىسىدىكى ھالقىلىق سوئاللارنى مەركەز قىلىدۇ،» دەپ كۆرسەتكەن. ئەنگلىيەلىك

پائالىيەتچىلەر، پارلامېنتنىڭ قارارى ئەڭىلىيەنىڭ

ئۇيغۇر كرىزىسىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، «خەلقئارا

پارلامېنتلار ئارا خىتاي ئىتتىپاقى» نىڭ خادىمى لۇك دې پۇرفورد 16-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى

قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇر دىيارىدا قورقۇنچلۇق

كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇنى

شۇنداق، دەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئىمكانىيەت بولسىلا بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىنى بدت دا ئاكتىپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى راست.

لېكىن خىتاينىڭ تەسىرى سەۋەبلىك بۇ مەسىلە بدت دا قىيىنغا چۈشۈۋاتىدۇ. شۇڭا باشقا بىر يول تېپىش كېرەك.»

لۇك دې پۇرفوردنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش مۇھىم ئىكەن. ئۇ پارلامېنتنىڭ قارارى بۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشىنى

ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزنىڭ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى› دىكى

مەجبۇرىيىتىمىزگە ئەمەل قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. چۈنكى خەلقئارا قانۇنغا ئاسەسەن

بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جازالىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىرقىي

قىغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش لازىم. بۇ بىر قانۇنى سيوال. ئەنگلىيە

بۇ يولغا قاراپ قەدەم ئېلىشى كېرەك، لېكىن ئۇ تېخى بۇ قەدەمنى باسمىدى. شۇڭا بىز بۇ

تەكشۈرۈشنى قارشى ئالىمىز. بىز بۇنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىگە قاراپ مېڭىشىنى،

مۇۋاپىق قانۇنىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېدى.

لېكىن بەزى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى

«ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى دەرھال ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن. ئەنگلىيە لېبېرال دېموكراتلار

پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى لەيلا موران 16-سېنتەبىر رادىيومىزغا

ئەۋەتكەن يازما باياناتىدا: «ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق» ئىكەنلىكى، «ئەڭىلىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش مەجبۇرىيىتى بارلىقى» نى تەكىتلىگەن. لەيلا موران مۇنداق دېگەن: «دومىنىك رااب چوقۇم ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەگىشىشى كېرەك. ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى›نى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنى جاۋاپجكارلىققا تارتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى.»

ئەنگلىيە قانۇن ساھەسىدىكى بەزى ئەربابلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ

قارارى بۇ يولدىكى تۇنجى ئىجابىي قەدەم ئىكەن. ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات مايكېل پولاك 16-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ

(ئۇيغۇرلارغا) نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈشى، بۇنىڭغا

قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تەكشۈرۈش ئېلىپ

بېرىلسا، ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتا قانداق

خەلقئارا جىنايەت سادىر قىلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇنازىرە قىلىشتەك بۇنداق قەدەملەرنى بېسىشى بەك مۇھىم. بۇ بىر ياخشى قەدەم.»

لېكىن مايكېل پولاكنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ

ئۇيغۇر مەسىلىدىكى ئىپادىسى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ

كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. مايكېل پولاك مۇنداق دەيدۇ: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يېقىنقى ئىنسانلىققا قارشى ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرالمىدى. ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى تەكشۈرۈش قارارى بار. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنسانلىققا قارشى ياكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى پارلامېنتلارنىڭ بدت ۋە ھەر خىل سەھنىلەردە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن كۈچلۈك سەۋەب بولالايدۇ.»

لۇك دې پۇرفوردنىڭ قارىشىچە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن ھەر خىل مۇمكىنچىلىك بار ئىكەن. ئۇ 16-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئۇلار ئۇيغۇرلارغا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردا جاۋابكارلىقى بار ئەمەلدارلارنى جازالىشى، ئۇلار بۇ قىلمىشنىڭ قانۇنىي خاراكتېرىنى بېكىتىشكە قاتتىق ھەرىكەت قىلىشى، بۇنىڭدىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەدە سودا قىلىشىنى چەكلىشى كېرەك. ئەنگلىيە يەنە ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، باشقا خەلقئارا ئىستىراتېگىيەلەرنى ئىشقا سېلىشى، خىتاينىڭ قىلمىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى كېرەك.»

ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى قايسى خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەر بۇ ۋەھشىيلىكنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالالايدىغانلىقى، قانداق مېخانىزىملار شىركەتلەرنىڭ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىكلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالايدىغانلىقى ياكى جاۋابكارلىققا تارتالايدىغانلىقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە دەلىل بىلەن تەمىنلىشىنى ئۆتۈڭەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت