ئوقۇتقۇچى ئارسلاننىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى «تىك-توك» بېتىدە ئاشكارىلاندى ۋە دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019-08-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لاگېردا جان ئۈزگەن غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىلىك ياش ئوقۇتقۇچى ئارسلاننىڭ رەپىقىسى مۇيەسسەر بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرىتى.
لاگېردا جان ئۈزگەن غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىلىك ياش ئوقۇتقۇچى ئارسلاننىڭ رەپىقىسى مۇيەسسەر بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرىتى.
Social Media

لاگېردا جان ئۈزگەن غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىلىك ياش ئوقۇتقۇچى ئارسلاننىڭ رەپىقىسى مۇيەسسەر خانىم «دوۇيىن» تور بېتىدە پايلاشقان ۋىدېيو.

مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى خىتايچە «دوۇيىن» (تىك-توك) تور بېتىدىكى بىر ۋىدىيولۇق ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللىلىك ياش ئوقۇتقۇچى ئارسلاننىڭ ئىككى كۈن ئاۋۋال ۋاپات بولغانلىقى ۋە لاگېردا جان ئۈزگەنلىك ئېھتىماللىقى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئارسلاننىڭ غۇلجا شەھەر 5‏-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكى ۋە ئۆلۈمىدىن بۇرۇن لاگېردا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن خىتاينىڭ «دوۇيىن» تور بېتىدە مۇيەسسەر ئىسىملىك بىر ئايال ئۆزىنىڭ يولدىشى بىلەن بىرگە چۈشكەن بىر تۈركۈم خاتىرە سۈرەتلىرىنى تورداشلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان. تورداشلىرى بۇ رەسىملەردە ئىپادىلەنگەن گۈزەل ۋە رومانتىك ئائىلە ھاياتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە، بۇ رەسىملەرگە كىرىشتۈرۈلگەن مۇڭلۇق مۇزىكا ۋە مۇيەسسەرنىڭ غەمكىن قىياپىتىگە قارىتا مۇيەسسەردىن سوئال سورىغان. مۇيەسسەر بۇ سوئاللارغا جاۋابەن؛ «ئۇ بەكلا ئۇزاق يەردە، مەڭگۈ كۆرگىنى بولمايدىغان» دەپ جاۋاب يازغان. تورداشلاردىن يەنە بىرى: «مەن سىزنىڭ يولدىشىڭىزنى تونۇيمەن، ئۇنىڭغا نېمە بولدى؟» دەپ سورىغان. مۇيەسسەر بۇ سوئالغا: «ئۇ ۋاپات بولدى» دەپ ئوچۇق جاۋاب بەرگەن. ئەمما ئۇ: «نېمە سەۋەبتىن؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب قايتۇرمىغان. ئىنكاسچىلاردىن بىرى ئارسلاننىڭ ئۆزىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى يازسا؛ يەنە بىر ئىنكاسچى ئارسلاننىڭ غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللەلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىز بۇ يىپ ئۇچلىرىغا ئاساسەن، ئەڭ ئاۋۋال غۇلجا شەھەر دۆڭمەھەللە كوچا باشقارمىسىغا تېلېفون قىلدۇق ۋە دۆڭمەھەللىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ نامىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. دۆڭمەھەللە كوچا باشقارما خادىمى دۆڭمەھەللىدە 5‏- ۋە 20-باشلانغۇچتىن ئىبارەت ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ بارلىقىنى بىلدۈردى. «دوۇيىن» تور بېتىدىكى يەنە باشقا ئىنكاسلاردا ئارسلاننىڭ كىشىلىك پەزىلىتىگە ئىخچام مەدھىيەلەر ئوقۇلغان ۋە ئۇنىڭغا قىسقا تەزىيەلەر بىلدۈرۈلگەن. ئەمما ئارسلاننىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ھېچكىم ئىنچىكىلەپ سوئال سورىيالمىغان. بىز بۇ سوئال-جاۋابتىكى ئېھتىياتچانلىق ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئارسلاننىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلدۇق ۋە گۇمانغا ئاساسەن، مەزكۇر خادىمدىن لاگېردا تۈگەپ كەتكەن ئارسلان ئىسىملىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەسلى قايسى مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى سورىدۇق؛ ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، بۇ ھەقتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى ئېيتتى. «دوۇيىن» تورىدىكى سۈرەت ۋە كۆرۈنۈشتىن ئارسلاننىڭ 30 ياشلار چامىسىدا ئىكەنلىكى ۋە بىر پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇنىڭ ئېنىق خىزمەت ئورنى مەلۇم ئەمەس. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى خادىمىمۇ دۆڭمەھەللىدىكى ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپتىن قايسىسىدا ئۇيغۇرلار بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ دەسلەپتە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن مۇمكىن قەدەر ئۆزلىرىنى تارتتى. دۆڭمەھەللىدە ئىككى باشلانغۇچ مەكتەپ بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىرى 5 ‏-باشلانغۇچ مەكتەپ ئىكەنلىكىنى تەكرارلىغان بىر خادىم تەربىيىلەشتە ۋاپات بولغان ئارسلاننىڭ قايسى مەكتەپتە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئەنسىز بىر كەيپىياتتا بايان قىلدى. 

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر خادىمى، 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ بىللە ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، تەربىيىلەشتە تۈگەپ كەتكەن ئوقۇتقۇچى ئارسلاننىڭ بۇرۇن قايسى مەكتەپتە ئىشلىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا: «5-باشلانغۇچ مەكتەپتە» دەپ جاۋاب بەردى. بىز بۇ خادىمدىن ئارسلاننىڭ لاگېرنىڭ ئىچىدە ياكى لاگېردىن چىقىپ ئۆلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ئۇچۇرنى 5‏-باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن ئېنىقلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئارسلاننىڭ دەپنە ئىشلىرىغا قايسى ئورۇننىڭ مەسئۇل بولغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «ئەلۋەتتە، دۆڭمەھەللە ساقچىخانىسى» دەپ جاۋاب بەردى. دۆڭمەھەللە ساقچىخانا خادىمى، تەربىيىلەشتە تۈگەپ كەتكەن ئارسلاننىڭ ئېنىق ۋاپات بولغان كۈنى ۋە سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، «دوۇيىن» تورىدىكى مەزكۇر ئۇچۇردا ئارسلاننىڭ شۇ كۈندىن ئىككى كۈن بۇرۇن يەنى 12-ئاۋغۇست كۈنى ۋاپات بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

تولۇق بەت