لوندون بىلەن بىريۇسسېلدا خىتايغا قارشى چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقى بىلەن 1-ئۆكتەبىر كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن. جۈملىدىن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. ئىككىلا نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت بىرقىسىم تىبەتلەر ۋە موڭغۇللار شۇنىڭدەك خوڭكوڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەرمۇ ئىشتىراك قىلغان.

لوندوندىكى نامايىش سائەت ئۈچتىن يەتتىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشقا لوندوندىكى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە لىبېرال پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا بىرقىسىم تىبەتلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەرمۇ قاتناشقان.

نامايىشتا د ئۇ ق نىڭ لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. نامايىشچىلار قوللىرىدا «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك، خوڭكوڭلۇقلارغا ئەركىنلىك، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختاتسۇن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كۆزۈڭنى ئاچ» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 4 سائەت نامايىش قىلغان. رەھىمە مەخمۇت خانىم نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ نامايىش توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى كېرەم زاھىر ئەپەندى لوندوندا ئىككى يەردە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئەلچىخانا ئالدىدىكى نامايىشقا 400 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللاردىن بولۇپ 700 ئەتراپىدا كىشى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا جەم بولۇپ خىتاينىڭ 71 يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ قېتىملىق زور نامايىش بىريۇسسېل ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە «شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى» بىلەن باشلانغان بولۇپ، نامايىشقا بىريۇسسېل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، خوڭكوڭلۇقلار، تەيۋەنلىكلەر ۋە دېموكرات خىتايلارمۇ ئىشتىراك قىلغان. بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇللام رانو ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نامايىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ، نامايىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز مەزكۇر نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇلار ھەممە بىردەك خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 71 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاينى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرغانلىقىنى تەكىتلەشتى.

بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتى بىناسىنىڭ ئالدىدا 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنىمۇ د ئۇ ق 5000 كىشى ئىشتىراك قىلغان نامايىش ئۇيۇشتۇرغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت